دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2010-02-25 22:27:47

جېك، جون، جېم، جورجىدىن ئىبارەت تۆت يىگىت بىر داڭلىق شىركەتكە ئىنتىھان بەرگىلى بېرىپتۇ. شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى باھالاشقا قاتنىشىپتۇ. - كەچلىك تاماقتىن كېيىن ياخشى ئارام ئېلىڭلار ، ئەتە ھەمم...

    جېك، جون، جېم، جورجىدىن ئىبارەت تۆت يىگىت بىر داڭلىق شىركەتكە ئىنتىھان بەرگىلى بېرىپتۇ. شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى باھالاشقا قاتنىشىپتۇ.
       - كەچلىك تاماقتىن كېيىن ياخشى ئارام ئېلىڭلار ، ئەتە ھەممىڭلاردىن بىر سوئال سورايمەن ، قايسىڭلارنىڭ جاۋابىغا قايىل بولسام بۇ ئورۇنغا شۇ تاللىنىدۇ.. دەپتۇ باش دىرېكتور ئىمتىھاندىن كېيىن.
        ئەتىسى ئەتىگەندە جېك تۇنجى بولۇپ باش دىرېكتورنىڭ ئالدىغا كىرىپ سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەكچى بولۇپتۇ.
        - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوراپتۇ، دىرېكتور.
       ـ دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە خىيال- دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ جېك ئىككىلەنمەيلا
       - بۇ ئوبدان جاۋاپ بولدى -دەپتۇ باش دىرېكتور.
       ئىككىنچى بولۇپ جون كىرىپتۇ.
       - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوراپتۇ، دىرېكتور.
      - كۆز يۇمۇپ ئېچىش دەپتۇ - دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ جون ئويلانمايلا-چۈنكى كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە دىگەن سۆزدىنمۇ تېزلىكنى ئىپادىلەيدىغان سۆز بولمايدۇ.
      - دىگىنىڭ خاتا ئەمەس دەپتۇ دىرىكتور.
       ئۈچىنچى بولۇپ جىم كىرىپتۇ،
        - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوئالىنى تەكرارلاپتۇ، دىرېكتور.
       - توك- دەپتۇ جېم، مەن مەۋھۇم جاۋاپلارنى ياقتۇرمايمەن، توك ئەمەلى سۈرئەتكە ئىگە نەرسە، سىز ئۈزچاتنى بېسىشىڭىز بىلەنلا يىراق جايلاردىكى چىراقمۇ دەرھاللا يانىدۇ.
      - قالتىس ئەمە لى جاۋاپ بولدى- دەپ خوشال بوپتۇ دىرېكتور.
       ئەڭ ئاخىرىدا جورجى جاۋاپ بەرگىلى كىرىپتۇ.
       - دۇنيادا ئەڭ تېز نەرسە نىمە؟-دەپ سوئالىنى تەكرارلاپتۇ، دىرېكتور.
       - ئىچ سۈرۈش- دەپتۇ جورجى بشىنى تاتلاپ، چۈنكى مەن ئاخشام تاماق يەپ بولۇپلا كارۋاتقا چىققان، تۇيۇقسىز قورسىقىمنىڭ بىئارام بولغىنىنى ھىس قىلدىم ئەمما ، مەن خىيال قىلىشقىمۇ، كۆزۈمنى چىمچىقلىتىشقىمۇ، ئۈزچاتنى بېسىپ چىراقنى ياندۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ئۇ كېلىپ بولدى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇمۇرلار