ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(120-110)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:07:00

111. بىئولوگىيە مۇئەللىمى، كىچىك ئابدۇلغا ئادەم ئىسكىلىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ نېمە دەپ سوراپتۇ. كىچىك ئابدۇل: بۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ قىلتىرىقى دېگۈدەك. 112. مۇئەللىم ئابدۇلدىن ، داداڭ نېمە ئىش قىلى...


    111. بىئولوگىيە مۇئەللىمى، كىچىك ئابدۇلغا ئادەم ئىسكىلىتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ نېمە دەپ سوراپتۇ.
    كىچىك ئابدۇل: بۇ ئۆلگەن ئادەمنىڭ قىلتىرىقى دېگۈدەك.

    112. مۇئەللىم ئابدۇلدىن ، داداڭ نېمە ئىش قىلىدۇ؟
    ئابدۇل: ئاپام نېمە ئىش قىل دېسە شۇنى قىلىدۇ.

    113.مۇئەللىم ئابدۇلدىن: ئۆينى نېمە ئۈچۈن پاكىز تۇتىمىز؟
    ئابدۇل: ئاپامنىڭ مېھمانلىرى كەلگەچكە.

    114.غۇلجىنىڭ قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، كىچىك ئابدۇلدىن دادىسى مۇنداق سوراپتۇ:
    بالام مەكتىپىڭ قانداقراق؟
    ئابدۇل: ياخشى دادا، مەشنىڭ يېنىدا ئولتۇرىمەن.

    115. تىل مۇئەللىمى "مۆجىزە" دېگەن سۆزنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇنداق مىسال ئاپتۇ:
    بىرسى 10 قەۋەتلىك بىنادىن چۈشۈپ كېتىپ، ئۆلمىسە، بۇنى نېمە دەيمىز.؟
    سەيدۇل: تەسادىپىيلىق.
    مۇئەللىمنى مىسالنى تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ: بىر ئادەم 20 قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ ساق قالسا، بۇنى نېمە دەيمىز؟
    پەيزۇل: تەلەي.
    مۇئەللىمى بۇلار نېمانداق چۈشەنمەيدىغاندۇ دەپ ئويلاپ ، ئەگەر بىرسى 30 قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ ھېچنېمە بولمىسا، بۇنى نېمە دەيمىز؟
    ئابدۇل: ئادەتلىنىپ قېلىش دەيمىز.

    116. ئابدۇل دادىسىدىن سوراپتۇ: دادا مۇئەلىملار ئايلىق ئالامدۇ؟
    دادىسى: ئالىدۇ
    ئابدۇل: بۇ ھەقسىزلىق.
    دادىسى: نېمىشكە ئەمدى؟
    ئابدۇل: بىز جاپا تارتىپ ئوقۇساق ، پۇلنى ئۇلار ئالامدا!!.

    117. ئابدۇل: دادا! سەن نەدە تۇغۇلغان؟
    دادىسى: چاپچالدا.
    ئاپامچۇ: ئاپامچۇ؟
    دادىسى: غۇلجىدا
    ئابدۇل: مەنچۇ؟
    دادىسى موخۇركىسىنى بىر تارتىۋېتىپ،..جاۋاب بىرەي دەپ تۇرۇشىغا
    ئابدۇل: ئەلۋەتتە مەن ئىلى دەريا كۆۋرۈكىدە تۇغۇلىمەن-دە--دېگۈدەك.

    118.مۇئەللىم ئابدۇلدىن سوراپتۇ:
    6 يەردە 6 تە قانچە بولىدۇ.؟
    ئابدۇل: 39
    مۇئەللىم: ئولتۇر نۆل ئالدىڭ.
    يېنىدا ئولتۇرغان دوستى، نېمىگە بىلىپ تۇرۇپ 39 دەيسەن؟
    ئابدۇل: ئاداش، مۇئەللىمگە بىر چاقچاق قىلىپ قوياي دېگەن...

    119. مۇئەللىم ئابدۇلدىن: ئەڭ ياراملىق ئۆي ھايۋانلىرى قايسى؟
    ئابدۇل: توخۇ.
    مۇئەلىم: نېمە ئۈچۈن؟
    ئابدۇل: تۇغۇلماستىن بۇرۇنمۇ يېگىلى بولىدۇ، تۇغۇلغاندىن كېيىنمۇ يېگىلى بولىدۇ.

    120. خىمىيە دەرسىدە مۇئەللىم ئىككى تۆمۈر پۇلنى قولىغا ئېلىپ، تەركىبى ناھايىتى قويۇق بولغان كىسلاتاغا ئاتماقچى بولۇپ، ئابدۇلدىن --ئېرەمدۇ- ئېرىمەمدۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
    ئابدۇل: ئېرىمەيدۇ.
    مۇئەلىم: نېمە ئۈچۈن؟
    ئابدۇل: ئەگەر ئېرىيدىغان بولسا ، ساراڭمۇ سىز ئۇنى كىسلاتاغا ئېتىپ-دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:31:50]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.