بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-16 16:41:00

بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى خىزمەتچى:خوجايىن،مەن بۈگۈن بىر كۈن رۇخسەت سوراي دېگەنتىم، خوجايىن:سەن بىر كۈن رۇخسەت سوراي دىگەنمىتىڭ؟ خىزمەتچى:ھەئە. خوجايىن:سەن شېركەتتىن يەنە نېمە...

    بىر خىزمەتچىنىڭ خوجايىندىن رۇخسەت سورىشى

        خىزمەتچى:خوجايىن،مەن بۈگۈن بىر كۈن رۇخسەت سوراي دېگەنتىم،
    خوجايىن:سەن بىر كۈن رۇخسەت سوراي دىگەنمىتىڭ؟
    خىزمەتچى:ھەئە.
    خوجايىن:سەن شېركەتتىن يەنە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ بىر يىلنىڭ ئىچىدە 365 كۈن،52 ھەپتە،سەن ھېلىمۇ ھەر ھەپتىسى شەنبە،يەكشەنبەئىككى كۈن دەم ئالىسەن،جەمئىي 104 كۈن بۇلىدۇ،ئاران 261 كۈن خىزمەت قىلىدىغان ۋاقىت قالىدۇ، شۇنداقمۇ؟
    خىزمەتچى:شۇنداق.
    خوجايىن:سەن كۈنىگە 8 سائەتلا ئىشلەيسەن، 16 سائەتتە ئىشلىمەيسەن، خىزمەتتە ئەمەس. 174 كۈننى چىقىرىۋەتسەك ،يەنە 87 كۈن قالىدۇ شۇنداقمۇ؟ خىزمەتچى:شۇنداق
    خوجايىن:سەن كۈنىگە ئاز دېگەندە 30 مىنوت ۋاقىتتا توردا پاراڭلىشىسەن. قوشساق جەمئىي 23 كۈن،يەنە 64 كۈن قالىدۇ شۇنداقمۇ؟
    خىزمەتچى:ھەئە خوجايىن
    خوجايىن:ئېشىپ قالغان 64 كۈننىڭ ئىچىدە كۈندە چۈشلۈك تاماق ۋاقىتقا 1 سائەت بېرىلىدۇ،ھېسابلىساق جەمئىي 46 كۈن ئىسراپ بۇلىدۇ،يەنە 18 كۈن ئېشىپ قالىدۇ شۇنداقمۇ؟
     خىزمەتچى ئۈن چىقارمىدى.
       خوجايىن:ئادەتتە سەن بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئاغرىق دەپ رۇخسەت سورايسەن،2  كۈننى چىقىرۋەتسەك سېنىڭ خىزمەت ۋاقتىڭ 16 كۈن قالىدۇ.
    خىزمەتچى بېشىنى ساڭگىلاتتى.
    خوجايىن:ھەر يىلى 5 چوڭ بايرام بار، شېركەت دەم ئېلىش بېرىدۇ، ئىشلىمەيسىلەر، 5 كۈننى ئېلىۋەتسەك ئاران ئون بىر كۈن خىزمەت ۋاقتى قالىدۇ شۇنداقمۇ؟
    خىزمەتچى:...........
    خوجايىن:ھەر يىلى شېركەت يەنە ساڭا مەردلىك بىلەن 10 كۈنلۈك دەم ئېلىش بېرىدۇ، ھېسابلىساق،سېنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىڭ بىر كۈن بۇلىدۇ. خىزمەتچى:.....
    خوجايىن:ھالبۇكى سەن مۇشۇ بىر كۈندە يەنە رۇخسەت سوراي دەمسەن؟
    خىزمەتچىدىن ئۈن چىقمىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇمۇر