ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار (30-21)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 19:09:00

چەت ئەلدىكى يۇمۇرلار ھەبىبۇللا ئابلىمىت 21. بىر خېرىدار دورىخانىغا كىرىپ: "ئايالىم ئۈچۈن چىۋىن دورىسى ئالاتتىم" دەپتۇ. دورىگەر: "ساراڭ بولدىڭىزمۇ، ئايالىڭىز ئۇنى ئىچسە زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ" دەپتۇ. ...

    چەت ئەلدىكى يۇمۇرلار

    ھەبىبۇللا ئابلىمىت

    21. بىر خېرىدار دورىخانىغا كىرىپ: "ئايالىم ئۈچۈن چىۋىن دورىسى ئالاتتىم" دەپتۇ.
    دورىگەر: "ساراڭ بولدىڭىزمۇ، ئايالىڭىز ئۇنى ئىچسە زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ" دەپتۇ.
    خېرىدار: يانچۇقىدىن ئايالىنىڭ رەسىمىنى چىقىرىپ، دورىگەرگە بېرىپتىكەن.
    دورىگەر رەسىمگە شۇنداق بىر قاراۋېتىپ: "كەچۈرۈڭ، رېتسىپ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن" دېگۈدەك.

    22. ئىككى ئەخمەق بار ئىكەن، بۇ ئىككىسى يېقىن ئاغىنە ئىكەن، بىر كۈنى بىر ئەخمەق ، يەنە بىرىگە بىر خورجۇننى كۆرسىتىپ،: "ئەگەر ئىچىدە نېمە بارلىقىنى دەپ بەرسەڭ ساڭا بىر بېلىق بېرىمەن" دەپتۇ.
    يەنە بىر ئەخمەق: "ئىچىدە دېڭىز بار" دېگۈدەك.

    23. بىر ئەخمەق "تاكسى" غا چىقىپ ، بارىدىغان يېرىگە كەلگەندە ئىشىكنى ئېچىپ شۇنداق چۈشەي دېسە تالادا يامغۇر يېغىۋاتقىدەك، شۇنىڭ بىلەن: "ھوي، بۇياقتا يامغۇر يېغىۋېتىپتۇغۇ" دەپلا بۇ ئىشىكنى دەرھال يېپىۋېتىپ، يەنە بىر ئىشىكنى ئېچىپ چۈشۈپ كېتىپتۇ.
    24. بىر ئەخمەق سائەتتىن بىرنى ئەمدىلا ئېلىپ قولىغا تەتۈر قاداپ كېتىۋاتسا بىرى: "سائىتىڭىز قانچە بولدى؟" دەپ سوراپتىكەن، ئەخمەق ھودۇقۇپ كېتىپ: "بۇ سائەتنى سېنىڭ ئۈچۈن ئالدىمما؟" دېگۈدەك.

    25. ھىندىستانلىقلارنىڭ كىنولىرى داۋاملىق ياخشى ئىش بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلىشىدۇ، چۈنكى ئۇلار داۋاملىق شۇنداق كىنولارنى ئىشلەپ ئۆگىنىپ قالغان ئىكەن، ئۇلار بۇ قېتىمقى ئىراق ئۇرۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر كىنو ئىشلەپ، ئاخىرىنى يەنە شۇنداق خۇشاللىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز دەپ، كىنونىڭ ئاخىرىدا سادامنى بۇشنىڭ ئاكىسى قىلىپ قويۇپتۇ.

    26. ئۆتكەندە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سادامنى تۇتىۋالغان خەۋەرلەرنى تېلېۋىزوردا كۆرسەتتى.
    ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سادامنىڭ ئاغزىنى يوغان ئاچقۇزۇپ، ئاغزىنىڭ ئىچىگە قولچىرىغى بىلەن قاراۋاتقان كۆرۈنۈشنى كۆرسىتىۋاتقان ئابدۇلنىڭ ئوغلى: "دادا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى سادامنىڭ ئاغزىغا نېمىگە قارايدۇ" دېسە.
    ئابدۇل: "خىمىيەۋى قوراللارنى تىقىۋالدىمىكىن دەپ قاراۋاتقىنى" دېگۈدەك..

    27.بىر ئەرەب يەنە بىرىدىن: "سەن داۋاملىق ئايىغىڭنى سالماي ئۇخلايسەن نېمە ئۈچۈن؟"
    يەنە بىرى: "چۈنكى مەن چۈشۈمدە داۋاملىق پارچە ئەينەكنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ چۈشەيمەن".

    28. بەڭگىنىڭ بىرى يەنە بىرىگە: "مەندە يەر دېسە بار، ئەمما ئۆي سالاي دېسەم پۇلۇم يوق" دېسە، يەنە بىر بەڭگە: "ئۇنداقتا يېرىڭنى سېتىۋېتىپ پۇلىغا ئۆي سالمامسەن" دېگۈدەك.

    29. بىر بەڭگە يەنە بىرىدىن: "ئاداش، ئىنىڭ قانداق بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن؟"
    يەنە بىرى: "ئاغىينىلىرى بىلەن تاش ئېتىشىپ ئويناپ، بىر تاشنىڭ بېشىغا تېگىپ كېتىش سەۋەبى بىلەنلا ئۆلۈپ كەتتى"
    بەڭگىنىڭ يەنە بىرى: "خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ كۆزىگە تېگىپ كەتمەپتۇ" دېگۈدەك.

    30. بىر ئەرەب دېھقاننىڭ ئېشىكى ئۆلۈپ قېلىپ، خوتۇنىغا دەردىنى ئېيتىپتۇ.
    خوتۇنى: "ھېچقىسى يوق، سىز مېنىڭ ئالدىمدا 10 ئېشەككە باراۋەر" دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:19:51][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:20:49]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.