ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار (190-200)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:14:00

192. گېرمانىيەدە بىر نېمىسنىڭ ئايالى ئىتالىيان ئىكەن، ئۇنىڭدىن بىر قىز بىر ئوغلى بار ئىكەن. ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ پوتبۇل كوماندىسى مۇسابىقە ئوينىغان كۈنى نېمىس ئوغلى بىلەن گېرمان كوماند...


    192. گېرمانىيەدە بىر نېمىسنىڭ ئايالى ئىتالىيان ئىكەن، ئۇنىڭدىن بىر قىز بىر ئوغلى بار ئىكەن. ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ پوتبۇل كوماندىسى مۇسابىقە ئوينىغان كۈنى نېمىس ئوغلى بىلەن گېرمان كوماندىسى تەرەپ بولۇپ، شۇ كوماندىنىڭ مايكىسىنى كىيىپ تېلېۋىزورىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتۇ، ئايالى قىزى بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ كىيمىنى كىيىپ ئولتۇرۇپتۇ، مۇسابىقە تازا قىزىپ، تەڭمۇ-تەڭ ئويناپ، ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىنۇت قالغاندا ئىتالىيە كوماندىسى گېرمان كوماندىسىغا بىرنى ئۇرۇپتىكەن، قىزى بىلەن ئايالى خۇشال بولۇپ سەكرەپ كېتىپتۇ، شۇ ئارىلىقتا ئوغلى دەرھال ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ مايكىسىنى كىيىپلا تەڭ ۋاقىراپتىكەن، يەنە بىرسى كىرىپ كەتكۈدەك.

    193. ئابدۇل ئايالى پاتىمە بىلەن بىر ئورماننىڭ ئىچىدە كېتىۋاتسا، تازا ئاچ قالغان بىر يولۋاس ئالدىغىلا چىقىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئابدۇل دەرھال ئايىغىنىڭ يىپىنى چىڭ باغلاشقا باشلاپتىكەن، پاتىمە:
    --- ئۆزىڭىزچە تەيارلىق قىلىپ، بۇ يولۋاستىن قېچىپ قۇتۇلىمەن دەپ ئويلاۋاتامسىز؟
    ئابدۇل:
    --- يولۋاستىن تېز يۈگۈرۈشۈم مۇمكىن ئەمەس، لېكىن سېنىڭدىن تېز يۈگۈرسەملا بولدى-- دېگۈدەك.

    194. پاتىمە:
    --- بۈگۈن بىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنىڭ 20 يىللىقى، كاتەكتىكى خورازنى سويايلىمۇ - دەپتۇ.
    ئابدۇل:
    --- 20 يىل بولسا بولمامدۇ! خورازدا نېمە گۇناھ؟ -- دېگۈدەك.

    195. ئابدۇل تۆمۈريول ئىدارىسىگە كىرىپ، تۆمۇريولدا ئاچال باشقۇرغۇچى بولۇش ئۈچۈن ئىمتىھانغا قاتنىشىپتۇ.
    ئىمتىھان ئالغۇچى:
    --- بىر پويىز كېلىۋاتىدۇ، تېزلىكى 120 كم، ئۇنىڭ قارشى تەرىپىدە يەنە بىر پويىز 140 كم سۈرئەت بىلەن كېلىۋاتىدۇ، لېكىن تۆمۈريول ئاچىلى تاقاق، سەن ئاچالچى، ئۇنداقتا سەن دەرھال نېمە قىلىسەن؟
    ئابدۇل:
    --- دەرھال ئۆي تەرەپكە يۈگرەپ پاتىمەنى چاقىرىمەن.
    ئىمتىھان ئالغۇچى ھەيران بولغان ھالدا:
    --- نېمە ئۈچۈن؟
    ئابدۇل:
    --- پويىزنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلغانلىقىنى پاتىمەمۇ كۆرسۇن -- دېگۈدەك.

    196. ئابدۇلدىن بىر خىتاي دۇتتانى قانداق چالىدۇ دەپ سوراپتۇ.
    ئابدۇل: باشتا بوينىنى سىقىسەن ئاندىن قوسىقىنى غىدىغلايسەن..دىگۈدەك.

    197. ئابدۇل كەپتەرلىرىگە دان بېرىۋېتىپ دېگۈدەك:
    --- سىلەر كەپتەرلەرمۇ خۇددى سىياسەتچىلەردەك. قولىمىزدىكى داننى يەپ يۇقىرىغا ئۆرلىگەندىن كېيىن ئۈستىمىزگە چىچىسىلەر.

    198. موماي:
    --- ئوغلۇم ئابدۇل، ئىچىڭ ئېچىشمىدىمۇ، پاتىمەنىڭ بېشىغا تەخسە بىلەن بىرنى قويۇپمۇ.
    ئابدۇل:
    --- نېمىگە، تەخسە چېقىلمىغان تۇرسا.

    199. بىرسى تۈرمىگە كىرىپ قاپتۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندە تۈرمە باشلىقى ئۇنى چاقىرىپ:
    --- سېنى ھېچكىم يوقلاپ كەلمىدى، بىرەر تۇققىنىڭ يوقمۇ؟--دەپتۇ.
    جىنايەتچى:
    --- تۇققانلىرىم بار، بىراق ھەممىسى ئىچىدە.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:37:35][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:39:15]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.