ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(160-150)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:11:00

151. ئالما-ئاتادا ئاغىنىلەر بىلەن بىر يەرلىكلەرنىڭ ئولتۇرۇشىغا باردۇق. ئولتۇرۇش كۈلكە-چاقچاق، نەغمە-ناۋالار بىلەن تازا قىزىغاندا. بىر يەرلىك ئۇيغۇر قوپۇپ: --- مەن جاغىستايغا تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە ب...


    151. ئالما-ئاتادا ئاغىنىلەر بىلەن بىر يەرلىكلەرنىڭ ئولتۇرۇشىغا باردۇق. ئولتۇرۇش كۈلكە-چاقچاق، نەغمە-ناۋالار بىلەن تازا قىزىغاندا. بىر يەرلىك ئۇيغۇر قوپۇپ:
    --- مەن جاغىستايغا تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئۇلاردىن خالانى سورىسام باغنىڭ ئىچىنى كۆرسەتتى، باغقا كىرىپ قارىسام، بىر يەرنى كولاپلا قوراي بىلەن ئەتراپىنى توراپلا خالا قىلىۋاپتۇ. تۇرۇپ ھەيران قالدىم.بىز بۇ يەردە خالالارنىڭ ئىچىگە كىچىك گېلەملەرنى سېلىپ قويىمىز، -- دېدى.
    بۇ چاغدا ئىليار دېگەن ئاغىنىمىز قوپۇپ:
    --- توغرا دەيسىز، سىلەرنىڭ خالادا گېلەمنىڭ بولۇشى، سىلەر ھاراق ئىچىپ مەست بولۇپ قالغاندا ئايالىڭلار خالاغا ئورۇن سەپ بېرىدۇ ئەمەسمۇ -- دېدى.

    152. ئامېرىكىغا كەلگىلى 20 يىلدىن ئاشقان، ئۆزى ناھايىتى خەسىس بىر ئۇيغۇر بار ئىكەن، ئۇ ئەمدى 18 ياشقا كىرگەن بالىسىغا:
    --- بالام، سەنمۇ چوڭ بولۇپ قالدىڭ، ئەمدى داداڭغا يار-يۆلەك بولمىساڭ بولمايدۇ -- دەپتۇ.
    بالىسى:
    --- دادا، مەن ساڭا قانداق يار-يۆلەكتە بولىمەن؟ -- دېسە، دادىسى: ---بالام، ئالدى بىلەن بوۋاق ۋاقتىڭدا ياتقان بۆشۈكىڭنىڭ پۇلىنى تۆلىۋەت-- دېگۈدەك.

    153.گېرمانىيەدە بىرسى 5000 € بىر ئاپتوموبىل ئالماقچى بولغاندا، يېنىدا 4998€ بار ئىكەن، 2€ كەملەپ قاپتۇ. شۇنداق قارىسا يولدىلا بىر دىۋانە ئولتۇرغىدەك. ئۇنىڭدىن:"2€ بېرىپ تۇرساڭ" دېسە، دىۋانە: "نېمە قىلىسەن" دەپتۇ.
    ئۇ كىشى: "ئاپتوموبىل ئالاي دېگەنتىم" دېيىشىگىلا، دىۋانە 4€ ئۇنىڭغا تەڭلەپ :"ماڭىمۇ بىرنى ئالغاچ كېلەرسەن" دېگۈدەك

    154. ساقچى بىرىنىڭ ئاپتوموبىلىنى توراپ:
    --- سەن ھاراق ئىچكەن ئوخشايسەن، ئاپتوموبىلنى بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن تېز ھەيدىدىڭ-- دەپ، ھاراق ئىچكەنلىكىنى تەكشۈرەيدىغان ئۆلچىگۈچنى "پۇلە" دەپتۇ. ئۇ، "پۇ pu" قىپتىكەن ئۆلچىگۈچنىڭ قىزىل چىرىغى يېنىپتۇ. ساقچى: "سەن ھاراق ئىچىپسەن" دەپتۇ. ئۇ كىشى بۇنىڭغا قەتئى ئىقرار بولماي، "بۇ ئۆلچىگۈچۈڭ بۇزۇقكەن" دەپ تۇرۋاپتۇ. بۇنىڭ بىلەن ساقچى "ئۇنداق بولسا دوختۇرخانىغا بىرىپ قېنىڭنى تەكشۈرىمىز" دىسە، ئۇ كىشى "مېنىڭ ۋاقتىم يوق . سېنىڭ بۇ ئۆلچىگۈچۈڭ زادى بۇزۇق" دەپتۇ، بۇنىڭدىن ئىككىلەنگەن ساقچى ئارقىدا ئولتۇرغان ئايالىغا قاراپ: "سىز پۈۋلەپ بېقىڭە" دەپتىكەن، ئايالى بىر پۈدىسە يەنە قىزىل چىرىغى بەلگە بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچى راست بۇزۇق ئوخشىمامدۇ دەپ ئويلاپ ، ئايالىنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان 6 ياشلاردىكى ئوغلىغا سەن پۈدەپ باقە دەپتىكەن، ئۇ بالا بىر "پۇ..پۇ" دەپتىكەن يەنە قىزىل چىراغ يېنىپ، ئۆلچىگۈچ چىقىراپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ساقچى خادىم "خاپا بولماڭلار بۇ ئۆلچىگۈچ راستلا بۇزۇق ئوخشايدۇ" دەپ ئۇلارنى مېڭىشقا بۇيرۇپتۇ. ئازراق يىراقلاشقاندىن كېيىن ئوغلى دادىسىغا: «دادا، ھاراق دېگەن قانداق نېمىكىن دەپ ئازراق مەنمۇ قې..قى..ۋال..غانتىم ياخشى بوپتىما» دېگۈدەك.

    155. بىر ئىدارىنىڭ باشلىقىنىڭ سېكرىتارى يولدا كېتىپ بېرىپ بىر دوستى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ
    دوستى: ئاداش، ئوبدانلا ئوڭشىلىپ، سەمىرىپ قاپسەن.
    سەكرىتار: ئاداش باشلىقىمىز بىر ئاي بولدى ساياھەتكە كەتكەنىدى-دېگۈدەك

    156. بىر ئاغىنىمز گېرمانىيەدە رېستۇران ئاچتى. بىر كۈنى بۇ رېستۇرانغا بىزنىڭ نۇرى كىرىپ لەغمەن يەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە نۇرى يەنە كىرىپ لەغمەن بۇيرۇتۇپتۇ. لەغمەنگە قارىسا قورۇمىسىنىڭ تايىنى يوق، گۆشىمۇ يوق، ئۆتكەن ھەپتىدىكى لەغمەنگە زادى ئوخشىمايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن رېستۇران ئىگىسىنى چاقىرىپ: ئاداش، ئۆتكەندە يېگەن لەڭمەننىڭ تەمى ئاغزىمدا قېلىپ، بۈگۈن يەنە يەي دەپ كەلسەم، قارا بۇ ئەكەلگەن لەغمىنىڭنى-دېسە، رېستۇران ئىگىسى: "ئۆتكەندە نەدە ئولتۇرغان؟" دەپتۇ.
    بۇ سوئالدىن ھەيران بولغان نۇرى: ئاۋۇ دېرىزىنىڭ يېنىدىكى ئۈستەلدە.
    رېستۇران ئىگىسى: ھە ئۇ يەردە ئولتۇرغانلارغا ئاشۇنداق ئالاھىدە ياخشى قىلىپ بېرىمىز.
    نۇرى: بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟
    رېستۇران ئىگىسى: كوچىدا كېتىۋاتقانلارغا ئېلان بولسۇن دەپ --دېگۈدەك.

    157. ئوقۇتقۇچى، ئۆسمۈر ئىلدىيارغا قاراپ تۇرۇپ: "مەن دائىم سېنىڭ ئىسمىڭنى ئۇنتۇپ قالىمەن ۋە ياكى توغرا تەلەپپۇز قىلالمايمەن. سەن گېرمانىيەدە تۇغۇلغان، بۇ يەردە ئۆسۈپ - يېتىلىۋاتىسەن، شۇڭا مەن ساڭا گېرمانچە ئات قويۇپ قوياي. بۇندىن كېيىن سىنىڭ ئىسمىڭ توماس بولسۇن" دەپتۇ.
    ئىلدىيار بۇ ئىسىمدىن ناھايىتى پەخىرلەنگەن ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ يېڭى ئىسمىنى دادىسىغا دەپتۇ. دادىسى قاتتىق ئاچچىقلىنىپ: "بۇنداق ئىسىم قويسا بوپتۇ دېدىڭما، ئۆزۈڭنىڭ بىر چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئىسمىڭ تۇرسا" دەپ، ئىلدىيارنىڭ ئوڭ يۈزگە نوقۇپتۇ. بۇ ئەھۋالنى ئاپىسىغا دېسە ، ئاپىسىمۇ تېرىكىپ، نوقۇغان يۈزىنى چىمداپ قىزارتىۋېتىپتۇ. ئەتىسى ئىلدىيارنىڭ يۈزىنى كۆرگەن گېرمان ئوقۇتقۇچى: "توماس، نېمە بولدى؟ يۈزلىرىڭ قىزىرىپ كېتىپتۇغۇ؟" دېسە،توماس ئوقۇتقۇچىغا مەغرۇر قاراپ تۇرۇپ: "ئاخشام مېنى ئىككى چەت ئەللىك ئۇرۇپ كەتتى!!" دېگۈدەك.

    158. ھىسامكام ئامېرىكىغا كېلىپ كۈندە مېھماندارچىلىقتىن ناھايىتى زېرىكىپتۇ. زېرىكىشلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇش ئېسىگە كېلىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاقسارايغا كىرىپ بۇش بىلەن كۆرۈشۈپ، پاراڭلاشقاچ شاھ-مات ئويناپتۇ، ھىسامكام ناھايىتى ئاسانلا بۇشنى مات قىپتۇ. بۇنىڭدىن نارازى بولغان بۇش: "ھىسامكا، سەن ئادەتتە شاھ-ماتنى ئانچە ياخشى ئوينىيالمايتتىڭ، بۇ قېتىم ھەجەپ ئاسانلا مېنى ئۇتىۋالدىڭا" دەپتۇ.
    ھىسامكام: "ئۇكاۋۇي سېنىڭ ھازىر ئىككى توركاڭ يوق-تە!" دېگۈدەك

    159.بىر ئۇيغۇر گەرمانىيەگە يېگنىدىن كەلگەندە بىر تۈرك دېھقان بىلەن دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىشلەپتۇ. ئۇيغۇر تراكتۇرىغا لىققىدە ئوغۇت بېسىپ كېتىۋاتسا قاتناش ساقچىسى كېلىپ: "سەن تراكتۇرغا ئوغۇتنى بەك جىق بېسىپسەن، نورمال ئېغىرلىقتىن ئېشىپ كېتىپتۇ. مەن سېنىڭ پىراۋاڭنى (شوپۇرلۇق كېنىشكىسى) ئېلىپ قالىمەن" دەپتۇ.
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۇيغۇر: "پىراۋىنىڭ ئېغىرلىقى 50گ (گىرام) غا بارمىسا، ئېلىۋالغىنىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى" دېگۈدەك.

    160. بىرسى رېستۇرانغا كىرىپ بېلىق بىلەن قورۇلغان قورۇما بۇيرۇتۇپتۇ، كۈتكۈچى بېلىق بىلەن بىللە قورۇلغان كۆكتاتلىرىمۇ يوق، سۈيىمۇ يوق، قۇرۇق بېلىق قويۇلغان بىر تەخسىنى مېھماننىڭ ئالدىغا قويۇپ، "قېنى مەرھەمەت" دەپلا كېتىپتۇ..
    مېھمان قارىسا، تەخسىدىكى بېلىق مىدىرلاۋاتقىدەك.
    مېمان كۈتكۈچىنى چاقىرىپ : "بۇ بېلىق خام ئوخشايدۇ" دەپتۇ.
    كۈتكۈچى : "ياق، بۇ بېلىق ئوبدان پىشۇرۇلغان، قېنى تېتىپ بېقىڭ" دەپتۇ.
    مېھمان نارازى بولۇپ: "قارىمامسىز، بۇ بېلىق تەخسىدىكى قورۇلمىلارنىڭ ھەممىسىنى يەپ بولدى" دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:30:20]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.