مونالىزانىڭ كۈلكىسى

يوللىغۇچى : hisam يوللىغان ۋاقىت : 2010-06-10 01:33:31

ئافرىقىدىكى بىر نامرات دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى ئاسىيادىكى بىر دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىپتۇ.كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئاسىيادىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى ئافرىقىدىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىسىتىرىنى ...

       ئافرىقىدىكى بىر نامرات دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى ئاسىيادىكى بىر دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىپتۇ.

     كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئاسىيادىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى ئافرىقىدىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىسىتىرىنى ئۆيىگە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىپتۇ. ئۆينىڭ ھەشەمەتىنى كۆرگەن ئافرىقىدىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى ھەيران قالغان ھالدا :

       ـ مۇئاشىڭىز بىلەن ئۆيىڭىزنى بۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك ساراي قىلىپ قانداق ياساپ چىقتىڭىز؟ دەپ سوراپتۇ.

       ـ  ئاۋۇ كۆۋرۈكنى كۆردىڭىزمۇ ؟ـ دەپتۇ  ئاسىيادىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى يىراقتىكى بىر كۆۋرۈكنى كۆرسىتىپ:ـ پەقەت 10%.  ئاسىيادىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى مونالىزاغا ئوخشاش مېيىقىدا كۈلۈپتۇ...

       كېيىنكى يىلى ئاسىيادىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى ئافرىقىدىكى ھېلىقى  دۆلەتكە زىيارەتكە بېرىپتۇ ۋە ئوخشاشلا كەچلىك تاماققا ئافرىقىدىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ.

        ۋاھ، ئافرىقىدىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرىنىڭ ئۆيى گويا بىر ئوردا كەبى ئىنتايىن ھەشەمەتلىك بولۇپ  ئاسىيادىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرىنىڭ ئۆيى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئاددى كەپىچىلىكمۇ ئەمەس ئىكەن.

      ـ بۇ سىز بىر يىلدىلا مۇئاشىڭىز بىلەن  بۇنچىۋالا ھەشەمەتلىك ئوردىنى قىلىپ قانداق ياساپ چىقتىڭىز؟ دەپ سوراپتۇ  ئاسىيادىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى.

       ـ  ئاۋۇ كۆۋرۈكنى كۆردىڭىزمۇ ؟ـ دەپتۇ  ئافرىقىدىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى كۆك ئاسماننى كۆرسىتىپ.

       ئۇ يەردە بىر تال خەلدەڭنىمۇ (چىش كولىغۇچنىمۇ ) كۆرمىدىمغۇ  دەپتۇ  ئاسىيادىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرى ھەيران بولغان ھالدا.

      ـ پەقەت100%.  ئافرىقىدىكى دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش مىنىستىرىمۇ مونالىزاغا ئوخشاشلا مېيىقىدا كۈلۈپتۇ...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.