يەنە ئۈچ يۇمۇر

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-08 09:30:00

ئۈرۈمچىگە قاراپ كېتىۋاتقان بىر پويىزدا بىللە سەپەر قىلغان بىر ئىمام بىلەن بىر دىپلومات خوشنا كارۋاتلاردا يىتىپ قاپتۇ ۋە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ "كىشىلەر نەزىرىدە قايسىمىزنىڭ ئورىنى چوڭ" دىگەننى...

    ئۈرۈمچىگە قاراپ كېتىۋاتقان بىر پويىزدا بىللە سەپەر قىلغان بىر ئىمام بىلەن بىر دىپلومات خوشنا كارۋاتلاردا يىتىپ قاپتۇ ۋە پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ "كىشىلەر نەزىرىدە قايسىمىزنىڭ ئورىنى چوڭ" دىگەننى تالىشىپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ قاپتۇ.
    -مىنى كىشىلەر ئەتىۋارلاپ "ھەزرەتلىرى"دەپ چاقىرىشىدۇ-دەپتۇ "ئىمام كۆرەڭلەپ تۇرۇپ.
    -مىنى كىشىلەر ھۆرمەتلەپ "جانابلىرى"دەپ چاقىرىشىدۇ-دەپتۇ دىپلوماتمۇ بوش كەلمەي.
    مۇنازىرە بۇ شەكىلدە بىرەر سائەتتەك داۋاملىشىپتۇ. ئاخىردا بۇ ۋاراڭ-چۇرۇڭغا چىدىيالمىغان يەنە بىر يولۇچى سەكرەپ قوپۇپ دەپتۇ:
    -سىلەر ئۇنىمۇ دەيسىلەر، بۇنىمۇ دەيسىلەر. ئۈچىمىزنىڭ ئارىسىدا مىنىڭ ئورنۇم ئەڭ چوڭ.
    -سەن كىم بولىسەن-دەپ سوراپتۇ ئىمام ۋە دىپلومات تەڭلا.
    -باجگىر.
    -سەن باجگىر بولساڭ قانداقسىگە ئورنۇڭ بىزدىن چوڭ بولىدۇ؟-دەپ سوراپتۇ ئۇلار.
    -سەۋەبى تىجارەتچىلەر مىنى كۆرگەن ھامان "ۋاي خۇدايىم، يەنە سىزمۇ؟"دېيىشىدۇ.
    ------------------------------------------------------------------
    2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلدە بىر ئىنگىلىز ئايرۇپىلانى گېرمانىيە تەۋەسىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلۈپتۇ ۋە گېرمانلار ئۇچقۇچىنى ئەسىر ئاپتۇ.ئەما ئۇچقۇچى ئىنتايىن ئېغىر يارىدار بولۇپ ئۇنىڭ ھايات قىلىشى ئۈچۈن بىر پاچىقى ۋە ئىككى قولى كېسىپ ئېلىۋېتىشكە توغرا كەپتۇ. شۇڭا گېرمانلار ئاۋال پاچىقىنى كېسىپتۇ ۋە ئىنگىلىز ئۇچقۇچى گېرمانلاردىن بىر ئامال قىلىپ بۇ كېسىلگەن پاچىقىنى ئانا ۋەتىنى بولغان ئەنگلىيىگە تاشلىۋېتىشنى ئۆتۈنۈپتۇ.گېرمانلارمۇ ئۇنىڭ دىگىنىنى ئورۇنداپ بېرىپتۇ.كىيىن ئەنگىلىزنىڭ بىر قولىنى كېسىپتۇ ،ئىنگىلىز ئۇچقۇچى يەنىلا يۇقارقى تەلەپنى قويۇپتۇ ۋە ھەم گېرمانلارمۇ ئۇنىڭ تەلىۋىنى ئورۇنداپ بېرىپتۇ. ئاخىردا گېرمانلار ئىنگىلىز ئۇچقۇچىنىڭ يەنە بىر قولىنى كېسىپتۇ،ئىنگىلىز ئۇچقۇچى يەنە ئوخشاشلا گېرمانلاردىن كېسىلگەن بۇ قولىنىمۇ ئانا ۋەتىنى ئەنگلىيىگە تاشلىۋېتىشنى تەلەپ قىلىپتۇ.ئەما بۇ قېتىم گېرمانلار "بولمايدۇ"دەپ ئۇنىڭ تەلىۋىنى رەت قىپتۇ. بۇنىڭغا ھەيران بولغان ئىنگىلىز سەۋەبىنى سوراپتۇ. گېرمانلارمۇ جاۋاپ بىرىپ شۇنداق دەپتۇ:
    -قارىغاندا سەن  قېچىشقا ئۇرىنىۋېتىپسەن!!!!!
    -------------------------------------------------------------------------
    يېڭىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن بىر ناخشىچى بىر قاتار ھوسۇن تۈزەش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرۇپتۇ ۋە دوختۇرخانىدىن چىقىشتىن بۇرۇن خۇشاللىق بىلەن شۇنداق بىر ئەينەككە قاراپ يېڭىلانغان  بۇرنى،ئاغزى،يوتىسى ۋە پاچاقلىرىنى كۆرۈپ مەغرۇرلىنىپ كېتىپتۇ. بۇنى كۆرگەن دوختۇرمۇ ئوز ئىشىدىن رازىلىق ھېس قىلغان ھالدا ناخشىچىدىن سوراپتۇ:
    -قانداق،ياقتۇردىڭىزمۇ؟
    -ھەممىسى ناھايىتى ياخشى،كۆڭلۈمدىكىدەك بولۇپتۇ-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ناخشىچى نازلانغان ھالدا سۆزىنى داۋام قىلىپ-ئەمما دوختۇر،شۇ كۆزۈمنى تىخىمۇ يوغان،چاقناپ تۇرىدىغان قىلغىلى بولمامدۇ؟
    -بولىدۇ-جاۋاپ بېرىپتۇ دوختۇر ۋە ياردەمچىسىنى چاقىرىپتۇ-سېسترا، بۇ خانىمنىڭ ھېسابات تالونىنى كەلتۈرۈڭ.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق