كومپىيۇتېر ۋە ئەرلەر

يوللىغۇچى : مۇسلىم يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-09 22:05:00

كومپىيۇتېر ۋە ئەرلەر كومپىيوتېر ئادەم مېڭىسىگە تەقلىدى قىلىنغان ئۈسكۈنە بولغاچقا، نۇرغۇن مىجەزلىرى ئادەم مىجەزىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەرگە!1)ۋىروس تىپىدىكى ئەرلەر:سىز مەيلى ياخشى كۆ...

    كومپىيۇتېر ۋە ئەرلەر

       كومپىيوتېر ئادەم مېڭىسىگە تەقلىدى قىلىنغان ئۈسكۈنە بولغاچقا، نۇرغۇن مىجەزلىرى ئادەم مىجەزىگە ئوخشىشىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەرگە!
    1)ۋىروس تىپىدىكى ئەرلەر:سىز مەيلى ياخشى كۆرۈڭ-كۆرمەڭ، ھامان چاپلاشقىنى چاپلاشقان. ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقچى بولسىڭىزمۇ نۇرغۇن نەرسىلىرىڭىزدىن ئامالسىز ۋاز كېچىسىز.
    2)مۇلازىمەت بىكىتى تىپىدىكى ئەرلەر:سىز ئۇنىڭغا موھتاج بولغاندا، ئۇ ھامان ئالدىراش بولىدۇ.
    windows (3 تىپىدىكى ئەرلەر:ئۇنىڭ نۇرغۇن كەمچىلىكى بولسىمۇ،ئۇنىڭسىز ياشىيالمايسىز.
    powerpoint(4تىپىدىكى ئەرلەر:ئەگەر بۇنداق ئەرنى تاپماقچى بولسىڭىز،چۈشىڭىزدىن ئويغانماڭ.
    excel(5تىپىدىكى ئەرلەر: گەرچە ئۆز خىزمىتىدە ئەلا بولسىمۇ، باشقا ساھەدە چوڭ رولى بولمايدۇ.
    word(6تىپىدىكى ئەرلەر: ھەر قاچان سىزنى ھەيران قالدۇرالايدۇ.لېكىن ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ نامايەن قىلالايدىغان ئايال بولمايدۇ.
    7)قاتتىق دىسكا تىپىدىكى ئەرلەر: كۆرگەنلىكى قىزنىڭ ھەر قاندىقىنى ئىسىدە تۇتالايدۇ.
    8)مائوس تىپىدىكى ئەرلەر: پەقەت تارتۇشقۇلاپ تۇرۇپلا ئىشقا سالغىنى بولىدۇ.
    9)ئېلخەت تىپىدىكى ئەرلەر: سىز ئاڭلىغان ئون ئېغىز گېپىنىڭ توققۇزى كۆپتۇرۈلگەن ئېلاندىن ئىبارەت.
       ئائىلە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلمىغان): بۇنداق ئەرلەر ئۆيدىلا ئولتۇرىدۇ،ھەممە ئىشنى ئايالىنىڭ تاپشۇرغىنى بۇينچە بىجىرىدۇ.لىكىن ئۇداۋاملىق ئۆيدىلا بولغاچقا يېڭىلىق بولمايدۇ دە سىزنى بىردەمدىلا زىرىكتۈرىدۇ.
       ئائىلە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلغان): بۇنداق ئەرلەر پات-پات سىرىتقا چىقىدۇ،لىكىن ئۇ ئەرنى باشقۇرۇش ھۇقۇقى ئايالىدا بۇلىدۇ. ئايالى بار دىگەن يەرگە بارىدۇ، كەل دىگەن ۋاقىتا كىلىدۇ. بۇ ئەرلەر ئائىلە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر(تورغا چېتىلمىغان)غا قارىغاندا بىرقەدەر ئەركىنرەك بۇلىدۇ. خەتەرلىك يېرى بۇلارئاسانلا ۋىرۇسلىنىشى مۈمكىن.
    ۋاڭبا كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر: بۇنداق ئەرلەر قىلىمەن دىگىنىنى قىلىدۇ.لىكىن ئۇ يەنىلا باشلىقىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىن چىقىپ كىتەلمەيدۇ.
    خاتىرە كومپىيوتىرى تىپىدىكى ئەرلەر: بۇنداق ئەرلەرنى جاھان كىزىپ سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر گە ئوخشاتساق بۇلىدۇ.
    كومپىيۇتىرغا سالساق مەن بىرمۇنچىلارنى تىزىۋەتكىدەكمەن، مەنمۇ دەپ باقاي ئەمىسە،
       مائۇس تىپىدىكى ئەرلەر: ئاياللارنىڭ بۇيرۇقىنى بىجاندىل ئىجرا قىلغۇچىلاردۇر. ئوڭ قۇلقى(مائۇسىنىڭ ئوڭ كونۇپكىسى) سول قۇلىقى(مائۇسنىڭ كۇنۇپكىسى) ئارقىلىق ئۇلارنى خىلىلا ئوبدان باشقۇرغىلى بولىسۇ، ئەلۋەتتە يەنە قوشۇمچە قىلنغانلىرىمۇ بار. بۇنىڭغا سالغاندا مائۇس تىپىدىكى ئەرلەر زامانىمىزدىكى«سايىم نوچى»لارنىڭ نەق ئۆزى شۇ،
       كۇنۇپكا تاختىسى تىپدىكى ئەرلەر: بۇنداق ئەرلەر مۇستەقىل كۆز قارىشى يوق ئەرلەرنىڭ جۈمىلىسىندۇر، سىز ئۇلارغا نىمىنى دىگۈزىسىڭىز ئۇلار شۇنى دەيدۇ، بۇلارنى تىپىك خۇشامەتچى دىسىڭىز بولىدۇ.
       ئىچكى ساقلىغۇچ تىپىدىكى ئەرلەر : بۇلارنىڭ كۆڭلى كۆكسى ئاجايىپ كەڭرى بولوپ ، مەيلى ئۆز ئايالى بولسۇن مەيلى سىرىتتىكى ئاياللار (ۋىرۇسنى دىمەكچى) ھەممسىنىڭ مۇھەببىتىنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ ، شۇ سەۋەپلىك ئۆزى ۋە ئائىلىسگە ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلقلارنى سالىدۇ.
    پىرىنتىر تىپىدىكى ئەرلەر : بۇ تىپتىكى ئەرلەر سىر ساقلاش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان ، ئاسانلا باشقىلارغا خائىنلىق قىلدىغانلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەقەت ئۇلارنىڭ ئاغزىغا بىر نەرسە تىقىلسىلا ئۆزىدە بار بولغان سىرنىڭ ھەممسىنى دىيىشتىن يانمايدۇ.
       ۋىرۇس تازلىغۇچ دىتالى تىپىدىكى ئەرلەر: بۇنداق ئەرلەرنى رازىۋىتكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەرلەر دىيىشكە بولىدۇ، پۇل ئۈچۈن باشقىلارغا خىزمەت قىلىپ، باشقىلارنىڭ كۆڭلىدىكى باشقىچە ھىسىياتلارنى تازلاپ چىقىرىدۇ. پۇلى ئاز چىقىرلسا ياكى تەجىربىسى ئاز بولسا رازىۋىتكا قىلىش ئۈنۈمى دىگەندەك ياخشى بولمايدۇ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق