ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(90-80)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 20:08:00

81. ئابدۇل ھاۋانىڭ ئىسسىق بىر كۈنلىرىدە ، مەكتەپ قوراسىدا يانچۇقىغا ئىككى قولىنى تىقىپ يۈرسە، بىر مۇئەللىم ھەي! ئابدۇل قولۇڭ مۇزلاپ كېتىپ بارامدۇ؟ --دەپتۇ. ئابدۇل: ياق مۇئەللىم، ئىشتىنىم چۈشۈپ...


    81. ئابدۇل ھاۋانىڭ ئىسسىق بىر كۈنلىرىدە ، مەكتەپ قوراسىدا يانچۇقىغا ئىككى قولىنى تىقىپ يۈرسە، بىر مۇئەللىم ھەي! ئابدۇل قولۇڭ مۇزلاپ كېتىپ بارامدۇ؟ --دەپتۇ.
    ئابدۇل: ياق مۇئەللىم، ئىشتىنىم چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ.

    82. مۇئەللىم بىر ئوقۇغۇچىدىن:«مۇشۇ سىنىپتا داۋاملىق ئىشلىتىدىغان سۆز قايسى؟» دەپ سوراپتۇ.
    ئوقۇغۇچى : « بىلمەيمەن! »
    مۇئالىم:«توغرا جاۋاب بەردىڭ».

    83. بىر بەڭگە ئۆيگە كەچ كىرسە، ئايالى:«سىز زادى نەلەردە يۈرۈيسىز؟» دەپ ۋارقىراپتۇ، بەڭگە ئايالىنىڭ ئاۋازىنى باشقا بىر ئەرنىڭ ئاۋازى ئوخشايدۇ دەپ بىلىپ:«كىم؟ ئاۋۇ ئۆيدىكى » دېسە، ئايالى:«گەپنى باشقا ياققا بۇرىماڭ » دېگىدەك.

    84. ئابدۇلنىڭ ئايالى پاتىمە داۋاملىق ئۆيدە گۈرۈچتىن تاماق ئېتىدىكەن ( بىر كۈنى گاڭپەن، بىر كۈن پولو، بىر كۈن شوۋگۈرۈچ). بۇنىڭدىن تويغان ئابدۇل بىر كۈنى تالادىن تاماق يەي دەپ ئويلاپ، ئاشخانىگە بىرىپتۇ.
    ئابدۇل ئاشخانىگە كىرىپ : «نېمە تاماق بار ؟ »
    كۈتكۈچى:" پولو، گاڭپەن، شوۋگۈرۈچ" دەپتىكەن.
    ئابدۇل:" پاتىمە بۇ يەردە ئىشلەۋاتامدۇ؟" دېگۈدەك.

    85. ئەر-ئايال توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالى تۇغماي، ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. لېكىن گەپ قىلماي بەش ياشقا كىرگەندە تۇيۇقسىز "بوۋا" دەپتىكەن، ئەرتىسى بوۋىسى تۈگەپ كېتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە گەپ قىلماي بىر كۈنى تۇيۇقسىز" موما" دەپتىكەن، ئەتىسى موماي تۈگەپ كېتىپتۇ، بۇ كېلىشمەسلىكتىن خاتىرجەم بولالماي يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە بالا "دادا" دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئايالىغا ئۆز نەسىھەتلىرىنى قىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ تۇرسا ئەتىسى بويتاق قوشنىسى تۈگەپ كەتكۈدەك.

    86. بىر كۈنى، بىر خوراز بىلەن بىر مېكىيان بازاردا كېتىۋاتقان ئىكەن، رەستىلەر ئۈستىدە پىشۇرۇلىۋاتقان توخۇ كاۋىپىنى كۆرۈپتۇ. خوراز مېكىيانغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ، مۇنداق دەپتۇ: "كۆردۈڭمۇ، ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا مۇشۇنداق بولىدۇ!"

    87. بىر كۈنى، يېرىم كېچىدە، ئېرى بىلەن خوتۇنى ئۆز ھوجرىسىدا ئۇخلاۋاتقان ئىكەن. ئۇيقۇسىدا چۈش كۆرگەن خوتۇن تۇيۇقسىزلا: "ۋاي، ئېرىم كەلدى!" دەپ قاتتىق ۋاقىراپ ساپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئويغانغان ئېرى قېپيالىڭاچلا دەرىزىدىن سەكرەپ قېچىپتۇ.

    88. --دوستۇم،ماڭا 50 دوللار بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن.
    --مەندە ئارانلا 40 دوللار بار ئىدى.
    --بوپتۇ ئەمىسە، 40 دوللارنى ھازىر بېرىپ، قالغان10 دوللارغا ماڭا قەرز بولۇپ تۇر، بولامدۇ؟

    89.ئۇ دۇنيالىق بولغان ئىككى ئادەم پاراڭغا چۈشۈپتۇ.
    بىرسى: "سەن نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەن ئىدىڭ؟"دەپ سوراپتۇ.
    ئىككىنچىسى: "ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگىنىمدە ئۆيدە بىر يات كىشىنىڭ بارلىقىنى سەزدىم. ئىمانىم ئۇچتى، كارىۋاتنىڭ ئاستىنى، كىيىم-كېچەك ئىشكاپلىرىنى ۋە مۇنچا ئۆينىھەممە يەرنى ئاختۇردۇم، ئەمما ھېچكىمنى تاپالمىدىم. ئاخىرىدا يۈرەك كېسىلىم قوزغالدى، ئۆلدۇم" دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    ھەي.-دەپ ئەپسۇسلىنىپتۇ بىرىنچىسى: "ئەگەر سەن شۇ چاغدا توڭلاتقۇنى ئاچقان بولساڭ، ھازىر ئىككىلىمىز ھايات بولغان بولاتتۇق”

    90. ئابدۇل بىر ئاغىنىسى بىلەن بىر ئولتۇرۇشقا بېرىپتۇ. سورۇن شۇنداق قىزىپتۇ، ھەرخىل پاراڭلار بوپتۇ، چاخچاق، يۇمۇرلار تازا قىزىپتۇ، لېكىن شۇنداق قىزىق يۇمۇرلارغىمۇ ئابدۇل ھېچ كۈلمەپتۇ، بۇنى بايقىغان ئاغىنىسى: "شۇنداق قىزىق سورۇندىمۇ ھېچ كۈلمەي ئولتۇرىسەنغۇ؟ " دېسە، ئابدۇل: "مەن مىنكاۋ خەن، ئۆيگە بارغاندا كۈلىمەن „ دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:37:04]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.