ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار (170-180)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:12:00

171. ئابدۇل بازاردا كېتىۋاتسا ئاغىنىسى سېرىق كاسىت سېتىۋاتقىدەك. ئابدۇل: ئاداش بۇ ئوقەتنى قىلمىساڭ بولاتتى، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائى ئەخلاقى كۈندىن-كۈنگە بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنداق ناچار ف...


    171. ئابدۇل بازاردا كېتىۋاتسا ئاغىنىسى سېرىق كاسىت سېتىۋاتقىدەك.
    ئابدۇل: ئاداش بۇ ئوقەتنى قىلمىساڭ بولاتتى، ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجدىمائى ئەخلاقى كۈندىن-كۈنگە بۇزۇلۇپ كېتىۋاتىدۇ، بۇنداق ناچار فىلىملەرنى كۆرسە تېخىمۇ بۇزۇلمامدۇ.
    ئاغىنىسى: بۇنى سېتىۋاتقان يالغۇز مەنمۇ، ھەممىسى سېتىۋاتمامدۇ، ئاق سېتىپ باي بولۇۋاتقانلارمۇ بارغۇ --دەپتۇ.
    ئابدۇل: توغرا، لېكىن سەن بىر ئوبدان بالا، بۇزۇلۇپ كېتەمسەنكىن دەيمىنا-دېسە، ئاغىنىسى: مەن باغۇ ھەرگىز يامان يولغا ماڭمايمەن، مېنى دادامغا ئوخشىتىپ قالما جۇمۇ--دېگۈدەك.

    172. ئابدۇل بىلەن پاتىمە توي قىلماي بىر مەزگىل بىرگە ياشاپتۇ، ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن پاتىمە: «ئابدۇل، بىز بىرگە ياشاۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى، توي قىلساق» دەپتۇ.
    ئابدۇل : «بۇ ياشقا كىرگەندە بىز بىلەن كىم توي قىلىدۇ» دېگۈدەك.

    173. ئابدۇل قىلاي دېسە بىرەر تىجارەت يوق، ئىشلەي دېسە ئىش يوق، يەيدىغان تامىقىمۇ يوق، قورساقنىڭ ئاچلىقىدىن كوچىدا ھوشىدىن كېتىپتۇ. تونۇش-بىلىشلەر كۆتە-كۆتە قىلىپ دوختۇرخانىغا ئەكەپتۇ، ئابدۇل ھوشىغا كەلگەندىن كېيىن دوختۇر ئابدۇلغا مۇنداق دىئاگنوز قويۇپ: «سىزنىڭ بۇ كېسىلىڭىز ئىرسىيەت كېسىلىكەن» دېسە، ئابدۇل :
    --- ئۇنداق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، دادام رەھمەتلىك تاماقنى جىق يەپ سەمىرىپ كېتىپ، قان بېسىمدىن ئۆلگەن، مەن بولسام قورساق ئاچلىقتىن ئۆلەي دەۋاتىمەن - دېگۈدەك.

    174. ئابدۇل ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولۇپ بىر تونۇش شوپۇرنىڭ يۈك توشۇيدىغان ماشىنىسىغا چىقىۋاپتۇ، يولدا ئابدۇل پو ئېتىپ: مەن بۇرۇن شوپۇرلۇق قىلغان. شوپۇرلۇق بىزنىڭ ئاتا كەسپىمىز، مەن ماشىنىنىڭ ئىچ-تېشىنى بەش قولدەك بىلىمەن - دەپتۇ.
    ئازراق ماڭغاندىن كېيىن ماشىنا تۇيۇقسىز تات-تات قىلىپلا توختاپ قاپتۇ.
    شوپۇر :
    --- ئابدۇل ئۇكا، چۈشۈپ موتورغا قاراپ باقە، نەرى چاتاقكىن - دەپتۇ.
    ئابدۇل ماشىنىنىڭ ئالدىنى شۇنداق ئېچىپلا:
    --- ھوي... بۇ ماشىنىنىڭ موتورى يوق ئىكەنغۇ -- دېگۈدەك.

    175. پارلامېنت ئەزاسىدىن بالىسى مۇنداق سوراپتۇ:
    --- دادا، سىلەرنىڭ پارتىيەدىن بىرسى چىقىپ كېتىپ، باشقا پارتىيەگە كىرسە نېمە بولىدۇ؟
    دادىسى: خائىن بولىدۇ.
    ئوغلى: ئەگەر باشقا پارتىيەدىن سىزنىڭ پارتىيىڭىزگە كىرسىچۇ؟
    دادىسى: ھەقىقەتكە قايتقان بولىدۇ.

    176. ئابدۇل، ئايالى پاتىمە بىلەن بانكىدىن پۇل ئالماقچى بولۇپ بانكىغا كىرىشىگە ئىككى بۇلاڭچى تاپانچىنى چىقىرىپ بانكىنى بۇلىماقچى بوپتۇ، شۇ ئارىلىقتا ساقچى ماشىنىسى يېتىپ كەپتىكەن، بۇلاڭچىلار بانكىدىكىلەردىن بىرەرسىنى گۆرەگە ئېلىپ قالغىنىنى قويۇپ بەرمەكچى بولۇپ، پاتىمەنىڭ ئالدىغا كېلىپ «ئىسمىڭ نېمە؟» دەپتىكەن، «پاتىمە» دېسە، بىر بۇلاڭچى «مېنىڭ ئاپامنىڭ ئىسمىغا ئوخشايدىكەن» دەپ قويۇپ بېرىپتۇ. ئاندىن ئابدۇلنىڭ ئالدىغا كېلىشىگە، ئابدۇل تىترەپ تۇرۇپ:
    --- مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇل، ئەما مەھەللىدىكىلەر مېنى "پاتىمە" دەيدۇ دېگۈدەك.

    177. ئابدۇل كۈندە ھاراق ئىچىدىغان بولۇۋاپتۇ، بىر كۈنى ئاغىنىسى ئىلياس:
    --- ئاداش، زادى ساڭا نېمە بولدى، بەك ئىچىدىغان بولۇۋالدىڭ.
    ئابدۇل:
    --- خوتۇن، يامانلاپ كەتتى، شۇ خوتۇننىڭ دەردىدىن بولمامدۇ
    ئىلياس:
    --- نېمىگە يامانلاپ كەتتى ئەمدى؟
    ئابدۇل:
    --- شۇ ھاراقنى كۆپ ئىچتىڭ دەپ بولمامدۇ.

    178. بىر قولى يوق دىۋانە ئابدۇلنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا:
    --- ئامىن! سادىغا بالانى، تۆۋە گۇناھنى يەر! مەن بىر قولۇمدىن ئايرىلغان بىچارىمەن... دېيىشىگىلا، ئابدۇل:
    --- قولۇڭ بۇ يەردە نېمىش قىلىدۇ؟ -- دېگۈدەك.

    179. بىر ئۇيغۇر بىللە ئىشلەيدىغان بىرسى بىلەن تالاش-تارتىشقا كىرىپ قاپتۇ.
    بىرسى: بىز پەقەت شەرەپ ۋە غۇرۇرىمىز ئۈچۈن ئىشلەيمىز. سىلەر ئۇيغۇرلار پەقەت پۇل ئۈچۈنلا ئىشلەيسىلەر - دەپتۇ.
    ئۇيغۇر:
    --- توغرا دەيسەن، ھەركىم ئۆزىدە نېمە يوق بولسا شۇنىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ، -- دېگۈدەك.

    180. تۈركىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر ئۇيغۇر ئەسكەرلىككە بېرىپتۇ، ئەسكەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان يەر كۈندە قۇم-بوران چىقىدىغان ھاۋاسى تازا ناچار بىر يەر ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە بەرگەن تاماقنىڭ ئاستىدىن ھارغىچە قۇم چىقىدىكەن. بۇنىڭغا چىدىمىغان ئۇيغۇر بالىسى قوماندانغا شىكايەت قىلىپ: قوماندانىم، كۈندە بەرگەن تامانىڭ ئىچىدىن قۇم-لاي چىقىدۇ - دېسە، قوماندان:
    --- سەن بۇ يەرگە تاماق يېگىلى كەلدىڭمۇ ياكى ۋەتەن تۇپرىقىنى قوغدىغىلى كەلدىڭمۇ؟ -- دەپ تېرىكىپتۇ.
    ئۇيغۇر: قوماندانىم! بىراق بۇ يەرگە ۋەتەن تۇپرىقىنى يېگىلى كەلمىدۇق-تە،-- دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:36:36][qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:21:43]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.