خاككىر ۋە ھاماقەت

يوللىغۇچى : nawruz يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-26 00:03:00

خاككىر ۋە ھاماقەتخاككىر:مەن سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنى كونتۇرۇل قىلىۋالدىم،ھې ھې ھېھاماقەت:قانداق كونتۇرۇل قىلىۋالدىڭ؟خاككىر:تىروجان ۋىروسى ئىشلىتىپھاماقەت:قېنى ئۇ .؟؟؟؟؟؟؟مەن كۆرمەيمەن يا؟؟؟؟؟؟؟خا...

    خاككىر ۋە ھاماقەت

    خاككىر:مەن سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنى كونتۇرۇل قىلىۋالدىم،ھې ھې ھې
    ھاماقەت:قانداق كونتۇرۇل قىلىۋالدىڭ؟
    خاككىر:تىروجان ۋىروسى ئىشلىتىپ
    ھاماقەت:قېنى ئۇ .؟؟؟؟؟؟؟مەن كۆرمەيمەن يا؟؟؟؟؟؟؟
    خاككىر:سېنىڭ پىراگىرامما قوزغاتقۇچۇڭدا!!!!
    ھاماقەت:پىراگىرامما قوزغاتقۇچ نەدە؟؟؟
    خاككىر:سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنىڭ ئاستىدا
    ھاماقەت:<مېنىڭ كومپىيوتۇرۇم>(我的电脑) نىڭ ئىچىدە يوقكەن....

    خاككىر:بولدىلا ،مەن ھېچنىمە دېمىگەن بولاي



    خاككىر:مەن ھازىر سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنى پۈتۈنلەي كونتۇرۇل قىلدىم،قانداق يامانمىكەنمەن......

    ھاماقەت:ئوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ
    خاككىر: قورقتۇڭما؟؟؟؟؟؟؟؟؟ھې ھې ھې
    ھاماقەت:كەلگىنىڭ ياخشى بولدى،ماڭا ياردەم قىلىشىپ كومپىيوتۇرۇمدىكى ۋىروسلارنى يۇيۇشۇپ بېرە، بۇ يېقىندىن بۇيان كومپىيوتۇرۇمنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس

    خاككىر:........................................



    ھاماقەت:سەن نىمىشقا دائىم مېنىڭ كومپىيوتۇرۇمغا كىرىپ چىقىپ يۇرىسەن؟؟؟؟؟؟؟
    خاككىر:سەن قوغدىغۇچى تام(防火墙) ئورناتساڭ بولدىغۇ
    ھاماقەت:قوغدىغۇچى تام ئورناتسام سەن كىرەلمەمسەن
    خاككىر:ياقەي ،مەن پەقەت سەل ئەھمىيەتلىك بۇلۇشنى ئۈمۈد قىلىمەن...سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭنى بۇنداق ئاسانلا كونتۇرۇل قىلسام ئۆزەمنى دۆتتەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمەن.......



    ھاماقەت:ئاڭلىسام سېنى ۋىروس ياسىيالايدۇ دەيدىغۇ؟
    خاككىر:ھەئە
    ھاماقەت:سەن خەقنىڭ كومپىيوتۇرىنى كونتۇرۇل قىلالامسەن؟
    خاككىر:ئادەتتكى ئىشلارغۇ ئۇ
    ھاماقەت:ئۇنداقتا توربەتلەرنى بۇزىۋېتەلەمسەن؟>>>>
    خاككىر:ئەلۋەتتە،سەن باشقىلارنىڭ مېنى قارا مېھمان دەپ ئاتىغىنىنى ئاڭلىمىدىڭما؟
    ھاماقەت:ئوۋ ،،،،،،،ئاڭلىغان،مەن تېخى  سېنى چىرايى قارا بولسا كېرەك دەپ ئويلاپتىمەن

    خاككىر:................................



    خاككىر:مەن يەنە كەلدىم

    ھاماقەت:سەن ھەركۈنى كېرىپ زېرىكمەمسەن؟؟؟

    خاككىر:ئەلۋەتتە زېرىكىمەن،سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭ مەن كۆرگەن كومپىيوتۇر ئىچىدىكى ئەڭ قوتاسى

    ھاماقەت:ئۇنداق ئەمەستۇ،بۇ داڭلىق ماركىلىق كومپىيوتۇر

    خاككىر:مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم سېنىڭ كومپىيوتورۇڭ ئىچىدىكى ئۇيۇنلاردىن باشقىسى ۋىروسكەن..........

    ھاماقەت:ئوۋ ۋ...........ئۇنداقتا سەن مېنىڭ تۇتاشتۇرۇش ئويۇنى<连连看>نى كۆردۇڭما؟؟قەيەرگە قويغىنىم ئېسىمدە يوق،خېلى بولغان ئىزدىگىلى.....

    خاككىر:خوش.............



    خاككىر:ھەي ،مەن كەلدىم

    ھاماقەت:بىر نەچچە كۈن بولدى سېنى كۆرمىگىلى ،مېنىڭ قوغدىغۇچى تېمىم (防火墙) سېنى توسىۋالدىمۇ>>....

    خاككىر:ھا ھا،قىزىقچى سەن ھە،سېنىڭ كومپىيوتۇرۇڭغا كىرىش ئۆزەمنىڭكىگە كىرگەندىنمۇ ئاسان....مېنى سېغىنمىدىڭما

    ھاماقەت:سەندىن بىر ياردەم تەلەپ قىلاي بولامدۇ؟

    خاككىر:نىمە ئىش؟

    ھاماقەت:سەن مېنىڭ كومپىيوتۇرۇمنىڭ سانلىق ئامبىرىنى بىر ئۆزگەرتىپ بەرسەڭ بولاتتى....

    خاككىر:سەن نىمە قىلماقچى؟؟؟؟؟؟؟

    ھاماقەت:ياردەم قىل،بۇ ئايلىق توك پۇلۇمنى يوق قىلىۋەتكىن،،،،،،،،،....

    خاككىر:ۋاي ئۆلە



    خاككىر:سەن ئۆلدۇڭما،يوقاپ كەتتىڭ؟

    ھاماقەت:بىر نەچچە كۈن سىرتتا ئوينىغان،مېنى ئىزدەپ نىمە قىلاتتىڭ؟

    خاككىر:مەن بىر نەرسە ئىزدىۋالاي دېگەن

    ھاماقەت:مېنىڭ كومپىيوتۇرۇمدا نىمە ئىزدەيسەن؟

    خاككىر:ۋىروس،نەچچە يىل بولغان بىر ۋىروس بارتى،سېنىڭ كومپىوتۇرۇڭدىلا ئۇنى ئەڭ ئىشەنچىلىك ساقلىغىلى بولىدۇ

    ھاماقەت:.......................



    خاككىر:مەن كەلدىم

    ھاماقەت:........................

    خاككىر:نىمە بولدى گەپ قىلمايسەنغۇ؟

    ھاماقەت:كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس

    خاككىر:كىم سېنى بوزەك قىلدى

    ھاماقەت: مېنىڭ  چ چ رىم يۈتۈپ كەتتى،ئىچىدە نۇرغۇن مۇھابەتلىرىم باتى

    خاككىر:بۇ ئاسان،مەن قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بېرەي

    ھاماقەت:ئەكىلەلمەيسەن

    خاككىر:مۇمكىن ئەمەس،دېگىنە ،نۇمۇرى قانچە

    ھاماقەت:شۇ........ئۇنتۇپ قاپتىمەن نۇمۇرىنى



    ھاماقەت:بۇ ياققا چىقە؟؟؟

    خاككىر:نىمە بولدى؟؟؟

    ھاماقەت:سەن مېنىڭ ئىسمىمدا كەپسىز مۇنبىرىگە خەت يازدىڭما؟

    خاككىر:سەت بولدى،ساڭا دېيىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن،بىراق مەن ئەسكى ئىش قىلمىدىم،شۇ بىر نەچچە پارچە كىشلەرنى جىلە قىلغۇدەك ئەسەر يېزىپ قويدۇم..ئەمدى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن.....

    ھاماقەت:ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ

    خاككىر:سەن نىمە قىل دېمەكچى

    ھاماقەت:مەن بۇرۇندىن تارتىپ ھېچكىمنى جىلە قىلالمىغان،بۇ بىرىنجى قېتىملىقى ،بەك كۆڭۈللۈك ئىكەن،سەن يەنە بىر قېتىم شۇنداق قىلە....

    خاككىر:ئوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ................



    خاككىر:مەن بايا بىر قىزىقارلىق ئىش قىلدىم

    ھاماقەت:نىمە ئىش؟

    خاككىر:كەپسىز مۇنبىرىگە كىرىپ تېما يازدىم

    ھاماقەت:بۇ نورمال ئىشقۇ؟

    خاككىر:مەن يازغان تېمامدا باشقۇرغۇچىنى تىللىدىم...ئاچچىقىمنى چىقىرۋالدىم

    ھاماقەت:ۋاھ،يامانغۇ سەن ...مەن ئەزەلدىن بۇنداق قىلمىغان،قىلسام مېنىڭ ئارخىپىمنى يۇيۋېتىدۇ

    خاككىر:توغرا ،ئۇلار ئارخىپنى يۇيۋەتتى

    ھاماقەت:بۇنىڭ نەرى قىززىق

    خاككىر:مەن سېنىڭ ئىسمىڭنى ئىشلەتكەن

    ھاماقەت:.................



    ھاماقەت:سەن كومپىيوتۇرغا ماھىرمۇ؟

    خاككىر:شۇنداق دېسەكمۇ بولىدۇ

    ھاماقەت:قايسى دەرىجىدە

    خاككىر:ئوۋ ،مەن بەزىدە زېرىكىپ قالغاندا ئۆزەمنىڭ كومپىيوتۇرىنى ئۆزەم قارا ھۇجۇم قىلىپ ئوينايمەن ،چۈشەندىڭما؟

    ھاماقەت:بۇنى مەنمۇ قىلالايمەن............

    خاككىر:قانداق دەيسەن،سەنمۇ قىلالامسەن؟

    ھاماقەت:ئەلۋەتتە،كومپىيوتۇرۇمنى بىر ئۆچۈرۋەتسەم ئېكران قاپقارا بوپ قالىدۇ......

    خاككىر:يوقال،بېرىپ ئۆل>..............

    uypw.cn din nawruz yollanmisi

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 15:15:37]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق