ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(140-150)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:10:00

141. ئابدۇلنىڭ ئوغلى: --- كۈن ئاخشام پاتقاندا نېمە دەيدىغاندۇ؟-- دەپ سوراپتۇ. ئابدۇل: خۇداغا شۈكرى يەنە غەرىبكە كېلىۋالدىم دەيدۇ--دېگۈدەك. 142. بىر بوۋاي بىلەن بىر موماي ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېمەك...

      141. ئابدۇلنىڭ ئوغلى:
    --- كۈن ئاخشام پاتقاندا نېمە دەيدىغاندۇ؟-- دەپ سوراپتۇ.
    ئابدۇل: خۇداغا شۈكرى يەنە غەرىبكە كېلىۋالدىم دەيدۇ--دېگۈدەك.

    142. بىر بوۋاي بىلەن بىر موماي ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يېمەكچى بولۇپ، بىر كىشلىك لەغمەن بۇيرۇتۇپتۇ، موماي بۇ لەغمەننى يەپ بولغىچە بوۋاي قاراپ ئولتۇرۇپتۇ، موماي يەپ بولغاندىن كىيىن بوۋاي يەنە بىر كىشلىك لەغمەن بۇيرۇپتۇپ ئۆزى يەي دەپ تۇرغاندا،
    كۇتكۇچى يىگىت: بوۋا بىراقلا ئىككى كىشلىك بۇيرۇتۇپ ئىككىڭلار تەڭلا يېسەڭلا بولمامدۇ-دىسە
    بوۋاي: ۋاي.. جىنىم ئوغلۇم شۇنداق قىلساققۇ بولاتتى لىكىن بىز بىر تاقما( يالغان) چىشنى ئىككىمىز ئىشلىتىمىز ئەمەسمۇ-دىگۇدەك.

    143. بىر تۈرۇك قىزى قولىدىكى نىشانلىق ئۈزۇكنى(چاي ئىچكۇزۇپ قويغاندا قىزنىڭ قولىغا قاداپ قويىدىغان ئۈزۇك) بالىغا تەڭلەپ مەن سىز بىلەن توي قىلمايدىغان بولدۇم چۈنكى مەن باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۇپ قالدى-دەپتۇ.
    ئوغۇل: ئۇ كىم؟
    قىز: تۆرەم مەلىدىكى ئەخمەتجان.
    ئوغۇل: ھازىر ئۇ نەردە؟
    قىز: بۇنى سوراپ نىمە قىلاتىڭىز، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ؟
    ئوغۇل: ياق، ماۋۇ ئۈزۇكنى ئۇنىڭغا ساتاي دىگەنتىم.

    144. ئابدۇل چىش دوختۇرىغا كىرىپ، چىشنى تارتقۇزسا قانچە ئالىدىغانلىغىنى سوراپتۇ.
    دوختۇر: چىش ئەتراپىدىكى گۆشلەرنى ھوشسىزلاندۇرۇش ئوكۇلى ئۇرۇپ تارتقۇزسىڭىز 100 يۇئەن، ئەگەر ئوكۇلنى ئۇرغۇزماي تارتقۇزسىڭىز 60 يۇئەن -دىەسە
    ئابدۇل: ئوكۇلنى ئۇرماي تارتقۇزىمىز-دەپتۇ
    دوختۇر: ئاپىرىن، جاسارەتلىك ئىكەنسىز.
    ئابدۇل ئارقىسىدا تۇرغان ئايالىغا قاراپ: قېنى پاتىمە ئاۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، ئاغزىڭنى يوغان ئېچىپ بەر-دىگۇدەك.

    145. چىش ئاغرىغىغا چىدىمىغان پاتىمە ھوشىدىن كىتىپتۇ، ئالاقزادە بولغان دوختۇر ياندىكى سېستىراغا: دەرھال سۈنئى نەپەسلەندۈرەيلى -دىەسە
    ئابدۇل: قورقاپ كىتىپ قانچە كەتسە - كەتسۇن تەبىئى نەپەسلەندۈرۈڭ دوختۇر-دىگۈدەك.

    146. ساراڭلار دوختۇر خانىسىدىن يېرىم كىچىدە ئىككى ساراڭ قېچىپ دوختۇرخانىنىڭ بېغىغا مۆكۇۋاپتىكەن قاراۋۇللار ئۇلارنى ئىزدەشكە باشلاپتۇ، بۇ چاغدا بۇ ئىككىسى بىر يوغان دەرەخنىڭ ئارقىسىغا مۈكىۋاپتۇ، بىر قاراۋۇل كىلىپ كىم ئۇ دەرەخنىڭ ئارقىسىدىكى -دىسە
    بىر ساراڭ: مىيائو...مىيائو..دەپ مۇشۇكنى دوراپتىكەن
    قاراۋۇل: بۇ بىر مۈشۈككەنغۇ ---دەپ ئارقىسىغا بۇرۇلىشىغا .
    يەنە بىر ساراڭ: مىياۋ-دەپ يەنە بىر مۆشۇكمۇ بار دىگۈدەك.


    147. ئابدۇل بازارغا توخۇلىرىنى ساتماقچى بولۇپ توخۇ بازىرىغا ئەكىرىپتۇ.
    خېرىدار: ھەممىسى قانچە توخۇ ؟
    ئابدۇل: 20
    خېرىدار باھاسىنى كىلىشىپ بولۇپ توخۇلارنى سانىسا 19 چىقىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن خېرىدار: نىمىگە يالغان سۆزلەيسەن، بىرسى قېنى بۇ توخۇنىڭ؟
    ئابدۇل: ئۆيدە قالغان مەن ھازىرلا ئەكىلىپ بىرىمەن.
    خېرىدار ماقۇل بولۇپ بازاردا ساقلاپ تۇرسا ، ئابدۇل ئۇ توخۇنى ئەكەپتۇ،
    خېرىدار: نىمىگە بىراقلا ئەكەلمەي، بۇ بىر تالنى ئايرىپ قالدىڭ؟
    ئابدۇل: بۇ توخۇ تېخى تۇخۇمىنى تۇغۇپ بولالمىغان، ھازىر تۇغدۇرىۋىلىپ ئەكەلدىم-- دىگۇدەك.

    148. مىنىڭ بىر ئاغىنەم ماشۇ بىزنىڭ ئۇلۇغ دىنىمىز بولغان ئىسلام دىنىدىكى تارىخى ۋەقەلەرنى ئاڭلاشقا بەك ئامراقتە. بىر كۈنى ئۇ ئاغىنەم بىر قارىمنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، ئىسلام تارىخىنى ئاڭلىماقچى بوپتۇ، ئايالى تاماقا ئۇستا ئايال ئىكەن قارىمنى كىلىدۇ دەپ تازا ئوخشۇتۇپ، جىلتىسىنى نېپىز يېيىپ، ئۇششاق تۆگۇپ ، پىتىر مانتا قىپتۇ. قارىم كىلىپ بۇ پىتىر مانتىنى ئىككىدىن-ئىككىدىن ئاغزىغا بىراقلا سالغىنى تۇرۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئاغىنەم بۇنداق تاماق يېيىشتىمۇ بىر ھېكمەت بار ئوخشايدۇ دەپ ساددا ئويلاپ، قارىمدىن مۇنداق سوراپتۇ: قارىم مۇشۇنداق مانتىنى ئىككىدىن بىراقلا ئاغزىغا سېلىشتا بىر ھېكمەت بارمۇ؟
    قارىم بۇ غەلىتە سوئالغا مۇنداق جاۋاپ بىرىپتۇ: ئىككىسى پەرىز، ئىككىسى سۇننەت، تۆرتى بولسا پۇت-قولۇمغا قۇۋەت-دىگۇدەك.

    149. ئابدۇل بىر كۈنى پاتىمە بىلەن سوقۇشۇپ قىلىپ.، ئاچچىغىدا: پاتىمە سەن باغۇ 5 سومغىمۇ يارىمايسەن-دەپتۇ.
    پاتىمە : نىمە دىگىنىڭ ، بۇ سۆزىڭنى ئىسپاتلاپ بەر.
    ئابدۇل ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆزگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئەقىلىنى ئىشلىتىپ، بىر تاكسى نى چاقىرىپتۇ.
    تاكسى كىلىپ ئىشىك ئالدىدا سېگنال بىرىپتۇ.  
    ئابدۇل بولسا پاتىمە بىلەن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، تاخىچىدىن: خىتاي بازىرىغا قانچىگە ئاپىرىسەن؟ دەپ سوراپتۇ
    شوپۇر: 5 سوم
    ئابدۇل: ئايالىم بىلەنچۇ؟
    شوپۇر: ئوخشاش 5 سوم.
    ئابدۇل بولسا پاتىمەگە قاراپ تۇرۇپ: كۆردۇڭمۇ سىنى تېخى ھېساپقىمۇ قاتمايدۇ-دىگۇدەك.

    150. گېرمانىيەدە بىر ئاغىنەمنىڭ ناھايىتى كونا ماشىنىسى بار ئىدى، بىر كۈنى قارىسام ئۇ ماشىنىسىنىڭ چاقىدىكى يېلىنى ئاستا چىقىرىپ سۈمۈرگىلى تۇرۇپتۇ. «ھەي ئاداش، نىمە قىلىۋاتىسەن بۇ سېسىق يەلنى سۇمۇرۇپ» دېسەم، ئاغىنەم: «ئاداش ۋەتەننى بەك سېغىندىم، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىۋاتىمەن» دەيدۇ.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:27:56]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.