قەشقەرلىقنىڭ «سېسسىق» گەپلىرى

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-05-04 19:04:00

[يۇمۇرلار] قەشقەر كىشىلىرىنىڭ «سېسسىق» گەپلىرىبۇ ئەسلىدە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى oylan ئىسىملىك تورداشنىڭ يوللانمىىسى ئىدى ياقتۇرۇپ كۆچۈرۈپ كەلدىم . كۈلكە كۆڭۇلگە ئوزۇق ،دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ ...

    [يۇمۇرلار] قەشقەر كىشىلىرىنىڭ «سېسسىق» گەپلىرى
    بۇ ئەسلىدە ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى  oylan  ئىسىملىك تورداشنىڭ يوللانمىىسى ئىدى ياقتۇرۇپ كۆچۈرۈپ كەلدىم .

    كۈلكە كۆڭۇلگە ئوزۇق ،دىللارغا ھۇزۇر بېغىشلايدۇ 

    بىر ئاغىنىمىز بار شۇنداق قىزىقچى. بىر كۈنى بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ مۇشۇ لەتىپە چاقچاق توغرىلىق گەپ بولدى. بىز ھەممىمىز غۇلجىدىكى بىر نەچچە قىزىقچىللىرىمىزنىڭ گىپىنى قىلساق، بۇ ئاغىنىمىز قوپۇپ :-'خاتالاشتىڭلار ،ئەمىلىيەتتە گەپنىڭ قىزىقىنى قەشقەرلىق قىلىدۇ،غۇلجىلىقنىڭ گىپىگە شۇ ۋاقىتتا كۈلسەڭ ، قەشقەلىقنىڭ گىپىگە ئويلىنىپ كۈلىسەن، ھەتتا بەزىدە دىگەن گىپىنى ئەتىسى ئويلىساڭ ئىچىڭگە ئۆتۈپ كىتىدۇ. ئون مو يەرگە ئۇغۇت بولغىدەك سېسىق گەپ قىلىدۇ. مەن سىلەرگە بىر ئىككى پاراڭ قىلىپ بىرەي'- دەپ ،قەشقەر شىۋىسىدە ئاۋاز بىرىپ گەپنى باشلىدى....

    *تۆت بۇرادەر قەشقەردە بىر ئاشخانىغا كىرىپتۇ. تاماقنى يەپ بولۇپ، پۇل تۆلەشنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاشخانىدىن سىرتقا مېڭىشىغا ،تاڭجاڭ قوپاپ ئەڭ ئاخىرىدا قالغان بىرىگە:- ھاجېېېېېېم، ماۋۇ ئاشقان پۇلنى چىمگە قايتۇرىمەن"-دەپتىكەن، شۇئان ئۇلارنىڭ ئىسىگە تاماقنىڭ پۇلىنى تېخى تۆلىمىگەنلىگى كەپتۇ.

    **بىرسى ماشىنىنى ھەيدەپ قىزىل چىراققا كەلگەندە توختاپ ، ئۆزىچە ماي تېجەي جۇمۇ دەپ ماتورنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. يېشىل چىراق يېنىشىغا ئوت ئالدۇرسا ، قېرىشقاندەك ماشىنا ئوت ئالماپتۇ. قىزىل ،سېرىق ،يېشىل چىراقلار ئالمىشىۋېرىپتۇ. بۇنى كۆرگەن قەشقەلىق قاتناش ساقچىسى ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ :'ھاجېېېېېم، قايدا چىراق بولسا ماڭىتىلە'-دېگىدەك.

    ***ئىككى قەشقەرلىق ئۈرۈمچىدە 'جام' دىگەن ئاشخانىغا كىرىپ ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن ئازىراق بۇرۇتۇپ، تاماقنى يەپ بولۇپ، قانچە پۇل بولدى دىسە، پوكەيدىكى پۇل يىققۇچى 220 كوي دىيىشىگە ، يانچۇقنى كولىغان بىرسى كەينىگە بىر قارىۋىتىپ ،' بىز يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ يا ، ئاشخانىدىكى ھەممە ئادەم يىگەن تاماقنىڭ پۇلىمۇ'-دىگىدەك.

    ****بىرئاداش تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىنىڭ ئالدىدىكى توختۇتۇپ قويغان بىرسىنىڭ ۋەلسپىتىگە ئولتۇرۇپ بىر تال تاماكىنى ئەمدى تۇتاشتۇرىشىغا ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى كىلىپ:' ئولتۇراپ بوللىما~~، يەنە پىشكى ئوتۇرىۋالاملىيا'-دەپتىكەن ، ھېلىقى ئاداش ئورنىدىن دەرھال تۇرۇپ، 'باشقىغۇ ئىش يوقتى، ئۇبۇرنا نەدىدۇ دەپ ئويلاپ، ئولتۇراپ قاپتىمەن'-دەپتىكەن ، ۋەلسىپىتنىڭ ئېگىسى :"ماڭ قايلىسا، ئېۋۇ چىكەدىن ئۈتۈپ باغۇ، ئوڭغا قىيسىلا تۈز يول بار، شۇ يولنى بويلاپ، مېڭىۋەسىلە بۇنىلىرىغا پۇرايدا~، شۇ يەر شۇ '- دىگىدەك.  

    *****
    قەشقەردىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىلار قاتار قاتار قويۇلغان ئىكەن .
    بىر پاسات ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئىگىسى ماشىنىنى قوزغىتاي دېسە ئالدىدا سەل كونىراق سېرىق رەڭلىك ئاددى ماشىنا باركەن .
    شۇنىڭ بىلەن ئۇ ماشىنا دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ توۋلاپتۇ :
    -ھېيي ، ما سېرىق چۇخەي چىمنىڭ؟  

    ******
    باشقا شەھەرلىك بىرسى قەشقەرنىڭ گىلەم بازىرىنى ئارىلاپ قاپتۇ. ئۇ بىر گىلەمنى كۆرۈپ ئۇنىڭ زاۋۇت گىلىمى ياكى قولدا توقۇلغان گىلەم ئىكەنلىگىنى سورىماقچى بولۇپ دەپتۇ:
    - بۇ تۇقىغان گىلەممۇ يا ...
    - ياق، قۇيغان گىلەم. دىگىدەك تۇمشۇقىنى ئۆرۈپ.
    ئۇ ئادەم يەنە دېمىنى ئىچىگە يۇتۇپ گىلەمنىڭ باھاسىنى سوراپتۇ.
    -600 كوي.
    - 300 كويغا كىلەما؟ - دىسە. گىلەمچى خېرىدارنىڭ قولىدىن يىتىلەپ يولنى كۆرسىتىپ دىگۈدەك:
     -ئى يولدىن ئوڭغا بۇرۇلۇپ شۇندا ئۆتسىلە بورا بازىرى بار.  

    *******
    قەشقەردە بىر ئاشخانىنىڭ ئالدىدا كونا بىر شىيالى ماششىنا توختىلغان ئىكەن. تاڭجاڭ بۇنى كۆرۈپ يۈگراپ چىقىپ ماششىنىغا بىرنى تىپىۋىتىپ :
    - ما ئەسكى داس چىمنىڭ؟- دەپ ۋاقىراپتۇ. ماششىنىدىن ساقاللىقى تەمبەل بىرسى چۈشۈپتۇ. تاڭجاڭ دىگۈدەك:
    - ئوتقاشتەك سانتانا ئۆزلىرىنىڭمىتى.  
    ********
    بىر سورندا مۇشۇنداق "قەشقەرلىكنىڭ سېسىق گىپى" توغۇرلۇق گەپ بولۇندى. ئارىمىزدىكى قەشقەرلىك بىرسى دىدى." شەھەر ئىچىنىڭ ئادەملىرى شۇنداق يامان. ئۇنداق سېسىق گەپلەرنى ياقا- يۇرۇتۇقلارلا ئەمەس بىز قەشقەرلىكلەرمۇ ئاڭلايمىز". دەپ بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى.
    "بازارغا چاپان ئالغىلى چىقىپ بىر چاپاننى ناھايىتى تەستە سودىلىشىپ ئالدىم. ئۆزەم دىگەن باھادىن بىر سىنىتمۇ ئۆرلىمىدىم. سودىگەرمۇ ئاخىرى شۇ باھاغا بەردى. چاپاننى سېتىپ بولۇپ ماڭىدىغان ۋاقتىمدا دىمەسمۇ:
    - ئۇكام، سىلى خەتنىلىرىنىمۇ ئۆزلىرى قىلغانما؟- ئۇ چاغدا نىمە دىيىشىمنى ئۇقماپتىمەن. ئاپتۇبۇسقا چىقىپ بولغاندا بۇ گەپ ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتتى. شۇ گەپنىڭ دەردىدە كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم."  
    *********
    بىر كۈنى بىرەيلەن تاماق يېگىلى بىر ئاشپۇزۇلغا كېرىپ خېلى ساقلىسىمۇ چاي بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن توۋلاپتۇ: " ئۇستووووم! ما ئاشخانىلىرىدا ئېغىز نەمدىگىدەك سۇ تېپىلارما؟؟؟"  
    *********
    ئۈرۈمچىدە بىر ئاشخانىدا تاماق يەپ چىققان بىرى پۇل تۆلەۋېتىپ، "بۈگەن سەيماچاڭ(بەيگە مەيدانى)غا چىقامماپسىلە- ھە!؟" دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭقىرىپ بولالماي ھاڭۋېقىپ قالغان خوجايىننىڭ يېنىدىكى بىرسى "تەرجىمە" قىلىپ دەپتۇ: "ھەي، ھەي، ئاۋۇلار قەشقەرلىقكەن، قورۇماڭدا گۆش دىدارى يوق، دېگەن گەپ ئاۋۇ"، شۇندىلا خوجايىننىڭ كاللىسى "تىرىڭ" قىلىپ يىشۇنىڭكىدەك يورۇپ كېتىپتۇ.   
    **********
    قەشقەرنىڭ گىپى چىقىپ قاپتۇ. < ئىشەك ئىشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس > دەپتىكەن. مەنمۇ بىرنى دەپ قوياي:
    ئەتىگەندە شەھەرنىڭ سەي-كۆكتاتلارنى توپ تارقىتىدىغان بىر بازىرى بولىدىغان، بىر كۈنى ئەتىگەندە بىر 20 ياشلار چامىسىدىكى يىگىت ئويدىكى نەزرە-چىراققا ئىشلىتىدىغان سەي-كۆكتات ئالغىلى بازارغا بىرىپ، بىر ئوتتۇرا ياش ئايالنىڭ كۆكتات يايمىسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ سوراپتۇ:
    -شوخلا قانچە پۇل؟
    - xx كوي.
    - لازا قانچە پۇل؟
    - xx كوي...
    - بەسەيچۇ؟
    - xx كوي xx مو.
    يىگىت كۆڭلىدە باشقا يەرلەردىنمۇ سوراپ بىقىپ، ئاندىن ئالمايمەنمۇ.. دەپ ئويلاپ، شۇنداق مىڭىشىغا ھىلىقى كۆكتاتچى ئايال سورىغۇدەك:
    - ئۇكام، ئاچىلىرى ئەتىگەندە بازارغا چىقىپ سەينىڭ باھاسىنى سوراپ كىرگىن دىگەنمىتى؟

    -----------------------------
    قەشقەردىكى تىجارەتچىلەر تىجارەت تىلىغا ناھايىتى باي. كۆپچىلىكى ئەتىگەندىكى بىرىنچى قېتىملىق تىجارەتنى قولدىن بەرگۈسى كەلمەيدۇ. ئەگەر يۇقارقىدەك سوراپ قويۇپلا ئالماي كىتىپ قالسىڭىز، ئىھتىمال ئۇنىڭدىن < سىسىق > سۆزلەرنى ئاڭلىۋىلىشىڭىز مۇمكىن.  

    بولدىلا مەنمۇ ئاددىي قەشقەر يىگىتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن كەچۈرمىشىمنى سۆزلەپ بېرەي ....
    تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇيدىغان چېغىمىزدا ، بىز بىر قانچە بۇرادەرلەر داۋاملىق بالىلار باغچىسىنىڭ يېىنىغىراق توغرا كېلىدىغان << دولان تېز تاماقخانىسى >> دا تاماق يەيتۇق، بۇ ئاشخانىنىڭ تائاملىرى ياخشى بولغىنى سەۋەبلىك ، بۇ يەرگە كېلىپ غىزلىنىدىغانلار كۆپ ئىدى. بولۇپمۇ چىڭقى چۈشتە ئورۇن ساقلاش دائىمىي ئىشلار ئىدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز بىر قانچەيلەن بۇ تاماقخانىغا كىرىپ كەلدۇق ، ئادەم ناھايىتى كۆپ ، بوش ئورۇن يوق ئىدى . بىز ئامالسىز ئىشىك ئالدىدا بىر ئاز تۇرۇپ قالدۇق. قارىسام يېقىنلا جايدىكى 4 مېھمان ( چىرايىدىن ھاكۇۋۇرلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ستۇدېنت خېنىملا ) تاماقلىرىنى يەپ بولۇپ ، ھوزۇر بىلەن چاي ئىچىپ ئولتۇرۇپتۇ ... قارىسام بىر - ئىككى پىيالىنى بىكارلاپمۇ ھېچ ئورنىلىرىدىن تۇرىشىدىغاندەك ئەمەس ... شۇنىڭ بىلەن تاقەت قىلالمىدىم :

    -- ئۇستوووووووووم ! ما مېھمانلارغا دا قىلپ بەرسەك بوپتىكەن ، تاماق يەپ بولغان ئوخشايدۇ .....   


    بىر ئاغىنەم بولىدىغان قىززىقچى، بالىسى سەل ياۋاشراق بالا ئىدى. بىر كۈنى پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق، بالىسى سىرتتىن يىغلاپ كىرىپ كەلدى:
    - نىمە بولدۇڭ؟
    - تۇراخۇنكامنىڭ بالىسى تىللاۋاتىدۇ.
    - ھەي بالام، شۇنىڭغىمۇ يىغلامسەن؟ سىنىڭ ئاغزىڭنى ئىشىك قىسىۋالمىغاندىكىن سەنمۇ تىللىساڭ بولمامدۇ؟
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ بەكلا كۈلۈپ كەتتىم.  
    خالمۇرات ئۆمەرنىڭ قەشقەرگە بارغان كۈنلىرى تاماق يەي دەپ مۇقام تاماقخانىسغا كىرىپ تاماق بۇيرىتاي دەپ تۇرسا تاڭجاڭ كىلىپ نىمە تاماق يەيلا ئەيساجووووون دېسە قارا ماۋۇ گۇينىڭ يامانلقىنى مېنى تونىۋاپسەندە دەپتىكەن - تاڭجاڭ ھېلغۇ سېلى كەنلا بىر يىل بۇرۇن كىرگەن چىۋىننىمۇ تونىۋالمەن ، دىگۈدەك   

    بىر كىشى قەشقەرگە بېرىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۆرۈك يىگۈسى كېلىپ قاپتۇ -دە قاتار تىزىلىپ ئۆرۈك سېتىۋاتقان بىر قانچە ئۆرۈكچىلەرنىڭ يېنىغا كېلىپ بىرىنچى ئۆرۈكچىنىڭ ئۆرۈكىدىن بىر تال يەپ بېقىپ قانچە پۇل دەپتىكەن ئۆرۈكچى :بەش كوي دەپتۇ.
    ھېلىقى ئادەم بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپلا مېڭىپ ئىككىنچى ئۆرۈكچىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭكىنىمۇ بىر تال يەپ باھاسىنى سوراپ بېقىپلا كېتىپ قاپتۇ.3-ئۆرۈكچىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر تال يەپ قانچە پۇل دىيىشىگە باياتىنقى ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ئۆرۈكچى باھاسىنىمۇ دىمەيلا:<<مۇشۇنداق يەپ ماڭسىلا ئى باشقا چىققۇچە ئۆرۈك ئالمايمۇ تويۇلا>>دەپتۇ......   


    بىر كۇنى دۇستۇم بىلەن بىللە ناشتا قىللى دەپ بىر ئاشخانغا كىردۇق. بۇ ئاشخاننىڭ بۇلاق مانتىسى ئۇخشىغاچقا خىرىدارمۇ كۆپ ئىدى. بىر خىرىدار پول تۇلگەچ ئۇستامغا -ئۇستام بۇ مانتىنىڭ گۆشى نىمانداق ئاز؟؟دىيىشگىلا، ئۇستاممۇ -بەش موچەنلىك مانتىنىڭ ئىچىدىن پاقلان مەرەپ چىقسا بۇلامتى ئەمسە؟؟دىگۈدەك .  

    بۇنداق سىسىق گەپنى مەنمۇ بىر قىتىم ئاڭلىۋالغانىدىم .
    ئۇ چاغدا بىز 4بالا قوغۇن ئالماقچى بولۇپ <ئۆستەڭبويى> بازىرىغا چۈشۈپ ، بىر دىھقان ئادەمدىن 3چىلگە قوغۇن سىتىۋالدۇق . بىز بەكلا تۆۋەن باھا قويۇپ تۇرىۋالغاچ ، ئۇ ئادەم رەت قىلدى .شۇنىڭ بىلەن بىز چىلگىلەرنى قويۇپ مىڭىشىمىڭزغا ، ئۇ بىزنى چاقىرىپ < ماڭ قايلاڭلا ئۇكىلۇرۇم ، ئىلىڭلا بولدى ، ترەكتەك تۆۆۆت .ئوغابالا تۇرۇپ 2تال قۇغۇننى ئالامماي كەتمەڭلا يانا !!!! .....دىگەنىدى   


    بىر قەشقەرلىك دىسە سەل بىئەپ ئاڭلىنىدىكەن. شۇنداقتىمۇ مەنمۇ قەشقەرلىك بولساممۇ دەۋېرەي...
    بىر كۈنى بىر قەشقەرلىك غۇلجىغا بېرىپ خەنزۇ بازىرىدا قوغۇن يەي دەپ قوغۇن پىچىپ سېتىۋاتقان بىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قوغۇندىن بىر تىلىم دەپتىكەن ھېلىقى قوغۇنچى قەغەزدەك قىلىپ بىر تىلىپ كېسىپ بېرىپتۇ.قەشقەرلىك كىشى قوغۇننى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ چۆرۈپ قاراپ بېقىپلا شاپاق تاشلايدىغان سىۋەتكە تاشلاپتۇ،قوغۇنچى يەنە بىرنى يەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ يەنە شۇنداق نېپىز قىلىپ بىر تىلىم كېسىپ بېرىپتىكەن ئۇنىمۇ ئېلىپلا ئۇدۇل سىۋەتكە تاشلاپتۇ.قوغۇنچى 3-تىلىمنى كىسەي دەپ تۇرىشىغا ھېلىقى كىشى سوراپتۇ-دە:ئۇستووووووووووم نىمە ئىش قىلىۋاتىمىز؟
    - سىلىگە قوغۇن تىلىپ بېرىۋاتىمەنغۇ .
    -ھە..............مەن تېخى قوغۇننى قىرىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق