يەنە بەش يۇمۇر

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-12 01:16:00

ئادەم خۇدادىن سوراپتۇ: -ئەي خۇدا ھاۋانى نېمانداق چىرايلىق ياراتتىڭ؟. -سېنى ئاشىق بولسۇن دەپ -ئۇنداقتا نىمە دەپ كەم ئەقىل ياراتتىڭ؟. -ساڭا تەگسۇن دەپ. ‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-...

    ئادەم خۇدادىن سوراپتۇ:
    -ئەي خۇدا ھاۋانى نېمانداق چىرايلىق ياراتتىڭ؟.
    -سېنى ئاشىق بولسۇن دەپ
    -ئۇنداقتا نىمە دەپ كەم ئەقىل ياراتتىڭ؟.
    -ساڭا تەگسۇن دەپ.
    ‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-
    بىر ئادەم ئولتۇرۇپ دۇئا قىلغىلى تۇرۇپتۇ:
    -ئۇلۇغ خۇدايىم سەندىن ئۆتۈنەي. مەن ئايالىمنى شۇنداق ياخشى كۆرىمەنكى، ئەگەر مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ بېشى ئاغرىغىچە مىنىڭ بېشىم ئاغرىسۇن....ئۇنىڭ چىشى ئاغرىغىچە مىنىڭ چىشىم ئاغرىسۇن....ئىككىمىزدىن بىرسىمىز تۇل قىلىشقا توغرا كەلسە مەن تۇل قالاي... ‏
    ‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-

    ئۈچ بالا كىمنىڭ دادىسى ئەڭ چاققان ئىكەنلىگى توغرۇلۇق تالىشىپتۇ.
    "مېنىڭ دادام شۇنداق چاققانكى، ئۇ ئوقيانى ئېتىپ بولۇپ، ئۇچۇپ كېتىپ بارغان ئوقيانىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ئوقيانى تۇتىۋالالايدۇ."
    "مېنىڭ دادام شۇنداق چاققانكى، ئۇ مىلتىقنى ئېتىپ بولۇپ، ئۇچۇپ كېتىپ بارغان ئوقنىڭ ئالدىغا ئۆتىۋېلىپ ئوقنى تۇتىۋالالاييدۇ."
    "مېنىڭ دادام ھەممىدىن چاققانىكەن. چۇنكى دادام سائەت 5:00 تە ئىشتىن چۈشۈپ سائەت 4:30 غىچە ئۆيگە كېلىپ بولىدۇ."
    ‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-
    بىر كۈنى، بىر خوراز بىلەن بىر مېكىيان بازادا كېتىۋاتقان ئىكەن، رەستىلەر ئۇستىدە پىشىۋاتقان قىپيالىڭاچ توخۇ كاۋىپىنى كۆرۈپتۇ. خوراز مېكىيانغا مەنىلىك قاراپ قويۇپ، مۇنداق دەپتۇ:
    - كوردۇڭمۇ، ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىسا مۇشۇنداق بولىدۇ!
    ‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-‏-
    بىر كۈنى، بىر ئەر-ئايال ماشىنىدا كېتىۋاتقان ئىكەن. ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئەر كىشى ئەينەكتىن كەينىدە بىر ساقچىنىڭ توختاش ئۈچۈن ئىشارەت قىلىۋاتقىنىنى كورۇپتۇ-دە، ماشىنىنى توختۇتۇپتۇ. ئەر كىشى ساقچىدىن سوراپتۇ: "نىمە بولدى ساقچى ئەپەندى؟".
     ساقچى: "سىز 150 كىلومېتىر/سائەتتە كېتىۋاتىسىز، بۇ يولدا ئەڭ تېز بولغاندا 60 كىلومېتىر/سائەتتە مېڭىشىڭىز كېرەك"،
    ئەر كىشى: "ئۇنداق ئەمەس، مەن 60 تىن سەل ئارتۇق ماڭغان ئىدىم"، دەپ جاۋاپ بېرىۋاتسا، يېنىدىكى ئايال: "يالغان گەپ قىلما، سەن داۋاملىق 120 دە ماڭىسەن"، دەپتۇ. ئەر ئايالىغا ئاچچىغى بىلەن قاراپتۇ.
       ساقچى يەنە سۆزلەشكە باشلاپتۇ: "سىزگە يەنە بىر جەرىمانە قويۇشۇم كېرەك، چۈنكى ماشىنىڭىزنىڭ چىرىقى سۇنۇق ئىكەن". "شۇنداقما؟!"، دەپتۇ ئەر كىشى ئەجەپلەنگەن قىياپەتتە، "مەن بىلمەي قاپتىمەن". ئايال يەنە گەپ قىستۇرۇپتۇ: "يالغان گەپ قىلما، سەن چىراقنىڭ سۇنۇقلىقىنى بىر ھەپتە ئىلگىرىلا بىلەتتىڭ. ئەر ئايالغا ئاچچىغى بىلەن يەنە قاراپتۇ.
      ساقچى يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ: "سىزگە يەنە بىر جەرىمانە قويىمەن، تاسمىنى تاقىماپسىز". ئەر كىشى جاۋاپ قايتۇرۇپ: "مەن تاسمىنى تاقىغان، سىز كەلگەندە ئېلىۋەتكەن ئىدىم"، دەپتۇ. ئايالى دەرھاللا "يالغان گەپ قىلما، سەن زادىلا تاسما تاقىمايسەن"، دەپ گەپ قىستۇرۇپتۇ. ئەر ئايالىغا ۋاقىراپتۇ: "ئاغزىڭنى يۇم، ھىچكىم سەندىن سوئال سورىغىنى يوق!". ساقچى ئايالدىن سوراپتۇ: "ئۇ سىزگە داۋاملىق مۇشۇنداق ۋاقىرامدا؟". "ياق، پەقەت مەس بوپ قالغاندا شۇنداق قىلىدۇ" دەپتۇ ئايال.
      ساقچى ئەجەپلەنگەن ھالدا: "مەسما تېخى؟! يەنە بىر جەرىمانە!" دەپتۇ. ئەر ئاچچىغىدا ئايالغا: "ئاغزىڭنى يۇممىساڭ ئەدىپىڭنى يەيسەن!" دەپ ۋاقىراپتىكەن، ساقچى ئايالدىن سوراپتۇ: "ئۇ سىزگە داۋاملىق مۇشۇنداق دەپ تەھدىت قىلامدا؟". ئايال مەسخىرە ئارىلاش كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دەپتۇ: "تەھدىت قىلغۇسى كەلسە، ئاۋال مەن بىلەن توي قىلمىسۇنمۇ!!!".

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق