ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(40-30)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 19:12:00

بىلىۋال بېتىدىكى يۇمۇرلار ھەبىبۇللا ئابلىمىت 31. غۇلجا قاتناشتا بىر دىۋانە ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقىپ تىلەمچىلىك قىپتىكەن، بىرسىمۇ پۇل بەرمەپتۇ، بۇ دىۋانە ئاپتوبۇستىن چۈشۈشىگە، بىر ...

     بىلىۋال بېتىدىكى يۇمۇرلار

    ھەبىبۇللا ئابلىمىت

    31. غۇلجا قاتناشتا بىر دىۋانە ئۈرۈمچىگە ماڭىدىغان ئاپتوبۇسقا چىقىپ تىلەمچىلىك قىپتىكەن، بىرسىمۇ پۇل بەرمەپتۇ، بۇ دىۋانە ئاپتوبۇستىن چۈشۈشىگە، بىر يولۇچى بۇ ئاپتوبۇس نەگە بارىدىكەن دەپ سورىسا، دىۋانە قوپۇپ: "دوزاققا" دېگۈدەك.

    32. مىيۇنخېندا بىرى دوختۇرغا بېرىپ: "ئۆزىنىڭ غەلىتە بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقىنى، ھازىر قىلغان گېپىنى ھازىر ئۇنتۇپ قالىدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ"
    دوختۇر: "بۇ كېسەلگە قاچاندىن بىرى گىرىپتار بولدىغىز" دېسە
    بىمار: "قايسى كېسەلنى دەيسىز؟" دېگۈدەك.

    33. بىر نېمىس قارىغۇنىڭ خوتۇنى يولدىشىغا: "سۆيۈملۈكۈم، ئەگەر سېنىڭ كۆزۈڭ كۆرىدىغان بولسا، مېنىڭ بۇ سۇمبۇل ئالتۇندەك چاچلىرىمغا، كۆپكۆك كۆزلىرىمگە قاراپ ھەيران قالغان بولاتتىڭىز" دېسە.
    نېمىس قارىغۇ: "ھەقىقەتەن شۇنداق بولسا، سەن مەن بىلەن توي قىلاتتىڭما؟" دېگۈدەك.

    34. گېرمانىيەدىن ئەر-ئايال دېڭىز بويىغا ساياھەتكە بېرىپتۇ.
    يولدىشى: "ئاپلا، ئۆيگە ئوت كېتىدىغان بولدى، دەزمالنى توكتىن چىقىرىۋەتمەپتىمەن ئەمەسمۇ" دېسە.
    ئايالى: "ۋىيەي، ھېچقىسى يوق ، ئوت كەتمەيدۇ" دېگۈدەك.
    بۇ جاۋابتىن نارازى بولغان يولدىشى: "نىمە دەيسەن ھۇي" دېسە
    ئايالى: "مەنمۇ بارغۇ، سۇنىڭ جۈمىكىنى ئېتىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن" دېگۈدەك.

    35. بىر ساراڭلار دوختۇرخانىسىدا بىر مۇنچە ساراڭلار ماشىنىنى دوراپ "دو.دۆت" دەپ ئويناپتۇ، ئەمما بىر ساراڭ بىر چەتتە جىم ئولتۇرۇپتىكەن، بۇنى كۆرگەن دوختۇر: "سەن نېمىشقا باشقىلاردەك ئوينىمايسەن" دېسە
    ساراڭ: "مەن ئۇلاردەك ساراڭ ئەمەس" دەپتۇ،
    بۇنى ئاڭلىغان دوختۇر: "ئۇنداقتا سەن راستلا ساق ئوخشايسەن، سېنى ئۆيۈڭگە ئاپىرىپ قوياي" دېسە،
    ساراڭ: "دو..دۆت، چىقىڭ ماشىنىغا" دېگۈدەك.

    36. بىر ناھايىتى ھورۇن بىرى ساتىراشخانىغا كىرىپتۇ،
    ساتىراش: "چېچىڭىزنى ئالدۇرامسىز ؟ ساقىلىڭىزنىمۇ؟" دېسە،
    ھورۇن: "ساقىلىمنى"
    ساتىراش: "ئۇنداقتا بېشىڭىزنى كۆتۈرۈپ ئولتۇرۇڭ" دېسە
    ھورۇن: "بولدىلا چېچىمنىلا ئالدۇراي" دېگۈدەك

    37. بىر ئەرەب پادىشاھى، ئەڭ ھورۇن بىرىنى تاللاپ مۇكاپات بەرمەكچى بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ كوچىدا كېتىۋاتسا، كوچىدا بىرى سۇ چۈشىۋاتقان تۇرۇبىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ تۇرۇپمۇ، ئۆزىنىڭ قاتتىق ئۇسساپ كەتكەنلىكىدىن زارلىنىپتۇ، بۇنى كۆرگەن پادىشاھ، يېنىدىكىلەردىن نېمە ئۈچۈن بۇ ئادەم ئۇ سۇنى ئىچمەيدۇ دېسە، "ھورۇنلۇقىدىن" دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن ناھايىتى ھورۇن ئىكەن دەپ، ھورۇنلۇق مۇكاپاتىنى تەڭلىسە،
    ھورۇن: "خاپا بولماي، يانچۇقۇمغا سېلىپ قويسىڭىز" دېگۈدەك.

    38. ئۈچ بەڭگە ئاشخانىگە كىرىپ، ئەينەكنىڭ يېنىغا قويۇلغان ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرۇپتۇ، كۈتكۈچى كېلىپ: "قانچە كىشلىك بولسۇن" دېسە ،
    بەڭگىلەر ئەينەككە بىر قارىۋېتىپ تەڭلا: "ئالتە كىشلىك" دېگۈدەك.

    39. ئىككى ئىراقلىق ئۆز-ئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇپ، ئارىدىن بىرى مۇنداق بىر سوئال سوراپتۇ: "نېمە ئۈچۈن سادام، كوكا كولا ئىچمەيدۇ؟"
    يەنە بىرى مۇنداق جاۋاب بەرگۈدەك: "كوكا كولانىڭ ئاغزىنى شۇنداق ئاچساڭلا، بۇش...ش...ش" دەيدۇ ئەمەسمۇ.

    40. بىر مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلاردىن: "سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن كىم ئاسمانغا چىقىشنى ياخشى كۆرىدۇ؟" سىنىپتىكى پۈتۈن باللار قوللىرىنى كۆتۈرۈپتۇ، لېكىن بىرسىلا قولىنى كۆتۇرمەي جىم ئولتۇرۇپتىكەن،
    مۇئەلىم ھەيران بولۇپ: "سەن نېمە ئۈچۈن ئاسمانغا چىقىشنى ياخشى كۆرمەيسەن؟" دېسە، ئوقۇغۇچى: "ئاپام مەكتەپتىن ئۇدۇل ئۆيگە يېنىپ كەل دېگەن" دېگۈدەك

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:34:35]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.