ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(20-10)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 19:04:00

چەت ئەلدىكى يۇمۇرلار ھەبىبۇللا ئابلىمىت (داۋامى) 11. ئافرىقىنىڭ بىر نامرات دۆلىتىدىن گېرمانىيەگە كەلگەن بىر قارا تەنلىك كېلىپلا ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپتۇ، دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ : «گۆش ي...

    چەت ئەلدىكى يۇمۇرلار

    ھەبىبۇللا ئابلىمىت

    (داۋامى)


    11. ئافرىقىنىڭ بىر نامرات دۆلىتىدىن گېرمانىيەگە كەلگەن بىر قارا تەنلىك كېلىپلا ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرغا كۆرۈنۈپتۇ، دوختۇر تەكشۈرۈپ كۆرۈپ : «گۆش يېمەڭ» دېسە، قارا تەنلىك : «ئەگەر گۆش يېگەن بولسام بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولمايتتىم» دېگىدەك.

    12. مىيۇنخىندا بىر ئاغىنىمىز بار، ئۆزى تازىلىققا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدۇ ، بىر كۈنى يەنە بىر ئاغىنىمىز بىلەن تۈركنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بارماقچى بوپتۇ، تازىلىققا دىققەت قىلمايدىغىنىغا يەنە بىرى ئەسكەرتىپ : «ئاداش ، پۇتۇڭ پۇراپ قالمىسۇن، پۇتۇڭنى پاكىز يۇيۇپ، پايپىقىڭنى چوقۇم پاكىز پايپاققا ئالماشتۇرۇپ كىيىپ كەل» دەپ جېكىلەپتۇ. قارشى تەرەپمۇ «ماقۇل، چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن» دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇلار تۈركنىڭ ئۆيىگە مېھمانغا بېرىپتۇ، ئۆيدە سېسىق پۇتنىڭ پۇرىقى چىقىپتىكەن، ئاغىنىمىزنىڭ بىرى، تازىلىققا دىققەت قىلمايدىغىنىغا : «شۇنچە جېكىلەپ دېسەم يەنە پايپىقىڭنى ئالماشتۇرماپسەن» دەپ ئاچچىقلىسا، تازىلىققا دىققەت قىلمايدىغىنى يانچۇقىدىن پايپاقنى چىقىرىپ : «ئاداش، سەن دېگەندەك ئالماشتۇرغان، لېكىن سېنى ئىشەنمەي قالمىسۇن دەپ، پاسكىنا پايپىقىمنى يانچۇقۇمغا سېلىۋالغان»--دېگىدەك.

    13. گېرمانىيەدە ئىككى موماي مۇنداق توي قىلىش ئېلانى چىقىرىپتۇ:
    «بىرى بىلەن توي قىلسىڭىز، يەنە بىرى مۇكاپات بېرىلىدۇ».

    14. بىر بالا تالادىن يۈگۈرۈپ كىرىپ: «ئاپا ، قوشنىمىزنىڭ ئوغلى، بىر قىزنى سۆيۈۋاتىدۇ» دېسە، ئاپىسى: «بالام، چۈنكى ئۇلار توي قىلىدۇ ئەمەسمۇ» دەپتۇ.

    بالا: «ئاپا، ئۇنداقتا دادام، بىزنىڭ ئۆيدىكى بالا باققۇچى قىز بىلەن توي قىلىدىكەندە» دېگىدەك.

    15. مۇھەببەتلىشىۋاتقان بىر جۈپ قىز-ئوغۇل بازاردا كېتىۋاتسا، قىزنىڭ تەرسا دادىسى كۆرۈپ قېلىپ، بالىغا قاراپ ۋارقىراپ: «سەن نېمە قىلىپ يۈرىسەن، بۇ قىز بىلەن» دېسە، بالا قوپۇپ: «بۇ مېنىڭ سىڭلىم» دېگىدەك.

    16. قەدىمىي باغداتتىكى بىر پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا ئىككى ساراڭ كىرىپ قېلىپ، پادىشاھقا بىر نېمىلەرنى دەپتىكەن، پادىشاھ قوپۇپ، مېنى بۇلار ھاقارەتلەۋاتىدۇ دەپ، جاللاتلارغا بۇ ئىككىسىنىڭ كاللىسىنى ئېلىڭلار دەپ بۇيرۇق چۈشۈرسە، ئىككى ساراڭ : «بۇرۇن ئىككى ئىدۇق، ھازىر ئۈچ بولدۇق» دېگىدەك.

    17. بىزنىڭ غۇلجىدا ئەتتىگەندە بىر موماي سۈت ساتقۇچى تۇڭگاندىن 2 كگ سۈت ئالماقچى بوپتىكەن.
    سۈت ساتقۇچى تۇڭگان:" بۇ قاچىغا ئاران 1 كگ پاتىدۇ، يەنە بىر قاچا ئەچىقىڭ" دەپتۇ.
    موماي ئۆيىدىن يەنە بىر قاچا ئەچىقىپ: "بىر قاچىغا سۈتنى قۇي، يەنە بىرسىگە سۈيىنى " دېگىدەك.

    18. گېرمانىيەدە بىرسىنىڭ ئايالى تېلىفۇندا بىر ئىككى سائەتلاپ ۋاقىراپ سۆزلىشىپ، پۈتۈن ئالەمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ، يولدىشىنىڭ بېشىنى بەك ئاغرىتىدىكەن. بىر كۈنى تېلىفۇن جىرىڭلىشىغا ئايالى ئېلىپ يېرىم سائەت سۆزلىشىپتۇ، بۇنىڭدىن ھەيران بولغان يولدىشى : "خوتۇن بۈگۈن ياخشىغۇ، ئاران يېرىم سائەتلا سۆزلەشتىڭ" دىسە،
    ئايالى: "ۋېيەي !، قاراڭ ، بىرسى تېلىفۇننى خاتا ئۇرۇپ قاپتىكەن" دىگۈدەك.

    19. گېرمانىيەدە سەل ئاخماقراق بىرسى باردە، بىر كۈنى ۋەتەن دەپ بىر ئاغىنىمىز ئاپتوۋۇزدا كېتىۋاتسا، بىر بېكەتتە ئۇ ئەخمەق چىقىپتۇ، ۋەتەن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئەخمەق ئاپتوۋۇزنىڭ بېلەت ئالىدىغان ئاپتۇماتىك ئۈسكۈنىسىدىن ئىككى بېلەتنى ئېلىپ ، ئىككىلىسىنى بېلەت تېشىش ئۈسكىنىسىگە سېلىپ تېشىپتۇ. بۇنى كۆرگەن ۋەتەن ھەيران بولۇپ:" بىر جېنىڭلىغا ئىككى بېلەت ئېلىپ تېشىۋاتىسىلەرغۇ" دىسە،
    ئەخمەق: "ماۋۇ بىرسى يۈتۈپ كېتىپ قالسا يەنە بىرسىنى بېلەت تەكشۈرگۈچىلەرگە كۆرسىتىمەن ئەمەسمۇ" دەپتۇ.
    بۇ جاۋاپتىن تېخىمۇ ھەيران بولغان ۋەتەن : "ئەگەر ئىككىلىسى يۈتۈپ كېتىپ قالسا قانداق قىلىسەن" دىسە،
    ئەخمەق: " ھەي! ۋەتەن سىلى مېنى ئۇنچىلىك ئەخمەق كۆرۈپ كەتمىسىلە جۇمۇ، بىزنىڭ قويان يانچۇقتا باغۇ، ئايلىق بېلەتمۇ بار جۇمۇ " دېگىدەك.

    20. ئەخمەق يېڭىدىن ئۆيلىنىپ، ئايالى بىلەن بىريەرگە بارماقچى بولۇپ "تاكسى" توراپتۇ. ئايالى تاكسىنىڭ كەينىگە چىقاي دىسە، ئەخمەق ئۇنىماي ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ، ئۆزى ئارقىدا ئولتۇرۇپ مۇنداق دىگۈدەك: "خوتۇن، ئارقىدا ئولتۇرساڭ باغۇ، ماۋۇ شوپۇر سېنى ئەينەكتىن كۆرۋالىدۇ" دېگىدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 17:35:59]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.