ئاپلىسىن بولماڭ

يوللىغۇچى : yesimen يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-24 21:27:00

ئاپلىسىن بولماڭ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بولىدىغان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ، بىر كۈن ئىچىدىكى 24 سائەت. بۇ 24 سائەتنى نېمىگە ئىشلىتىش سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز. بىر كۈنى، بىر ئۇپاسەكە(ئۆيد...

     ئاپلىسىن بولماڭ

      كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بولىدىغان بىرلا نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ، بىر كۈن ئىچىدىكى 24 سائەت. بۇ 24 سائەتنى نېمىگە ئىشلىتىش سىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىڭىز.
       بىر كۈنى، بىر ئۇپاسەكە(ئۆيدە ئىستىقامەت قىلىدىغان ئۆلىما) ماڭا: « بىز ھەر كۈنى تىلەمچىلىك قىلىمىز ـــ كىشىلەردىن نام ــ ئابرۇي، بازاردىن بايلىق، سۆيگىنىمىزدىن بەخت، ساغلاملىق بۇيۇملىرىدىن سالامەتلىك تىلەيمىز، بۇ تىلىگەنلىرىمىزدىن قولغا كلمەيدىغانلىرى بەكمۇئاز، بىراق سىز قايتۇرۇش، قوبۇل قىلىش ۋە ئۆزىگە ئېتىبار بېرىشتىن ئىبارەت ئۈچ ئىشنىڭ سالمىقىنى بىلسىڭىزلا داۋاملىق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلىشىڭىز مۇمكىن» دېدى.
      راست ، ھەقىقەتەن بارلىقىڭىزنى باشقىلارغا ئاتا قىلىشقا، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنى مەنپەئەتلەندۈرۇشكە ماھىر بولسىڭىز، باشقىلارمۇ سىزدىن بارلىقىنى ئايىمايدۇ. بىر نەرسىگە ئېرىشەلمىگەندە، باشقا نەرسىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشكە ماھىر بولسىڭىز، شۇ نەرسىگە چوقۇم ئېرىشمەي قالمايسىز.
        ئۆزىگە ئېتىبار بېرىشنى بىلىدىغان ئادەم ھېچبولمىغاندا، باشقىلارغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەيدۇ. بولمىسا، چارچاپ، ئاغرىپ قېلىپ، ئىشنى خاتا قىلىپ قويسىڭىز، باشقىلارنىڭ ياردەم بېرىشىگە توغرا كېلىدۇ. بىراق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئامىتىنىڭ قانداق بولۇشى بولۇشى ئالدىنقى ئىككى شەرت بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سىز ھەرگىزمۇ شىرنىسى سىقىۋېلىنغاندىن كېيىن تاشلىۋېتىلىدىغان ئاپېلسىن بولماي، بەلكى ئەتىيازدا چېچەكلەپ، كۈزدە مېۋە بېرىدىغان، يىلدىن-يىلغا باراقسانلىشىدىغان مېۋە دەرىخى بولۇڭ.

                                                             ------------------ «تەرمىلەر»دىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق