كومپيۇتېرغىلا ئوخشاپ قاپتىمەن

يوللىغۇچى : مۇسلىم يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-30 17:33:00

كومپيۇتېرغىلا ئوخشاپ قاپتىمەن ئۈزەم تاققۇ - تۇققۇ سۆزلەپ كۈنۈپ قاپتىمەن، بۈگۈن ئۈزەمنىڭ بارغانسىرى كومپيۇتېرىمدەك تاققۇ - تۇققۇ بوپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن . توۋا دەيمەن، بارغانسىرى مەكت...

    كومپيۇتېرغىلا ئوخشاپ قاپتىمەن

       ئۈزەم  تاققۇ - تۇققۇ سۆزلەپ كۈنۈپ قاپتىمەن، بۈگۈن ئۈزەمنىڭ بارغانسىرى كومپيۇتېرىمدەك تاققۇ - تۇققۇ بوپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمەن . توۋا دەيمەن، بارغانسىرى مەكتەپتىكى كومپىيۇتېرىمغا ئوخشاپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن، گوگۇل ۋە بەيدۇنىڭ كۆزلىرىدەك ئۆتكۈر بۇلۇپ قاراپ باقسام  ئازراق ئەمەس پۈتۈنلەي ئوخشاپ قالغانمۇ ئوخشايمەن. پۈتۈن بەدىنىم ئەسكى كومپىيۇتېردەكلا شالاقشىپ ، كومپىيۇتېرنىڭ كېرەكتىن چىقايلا دەپ قالغان 硬件 سىگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ. پات- پاات رېمونىتخانىغا (دوختۇرخانىغا) بېرىپ ھەرقايسى زاپچاسلىرىمنى تەكشۈرتۈپ تۇرمىسام، ئەتە- ئۆگۈن تۇيۇقسىزلا قايتا قوزغىلالماي قالىدىغاندەكلا ئەنسىرەپ يۈرىۋاتىمەن. 内存 بوشلۇقۇممۇ يېتىشمەس بولۇپ قاپتۇ، ئىش مىقدارىم سەل كۆپ بولۇپ قالسا، CPU رىمغا كېلىدىغان ئۇچۇر مىقدارى ئازلاپ كېتىپ، كاللامنىڭ ھېساپلاش، كونتروللاش سۈرئېتى ئاستىلاپ، ھەتتا 死机 بولۇپمۇ قالىدۇ، دەماللىققا كاللامنى 重新启动 قىلمىسام، ھېچقانداق نەرسىنى ئويلىيالماي، 10 سىكونىت ئالدىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىيەلمەي قالىمەن. نەچچە قېتىم مىڭەمنىڭ كىرىش شىفىرىنى ئۇنتۇپ قېلىپ كومپيۇتېرىمنىڭ adminstatorسىدا نورمال كىرەلمىگىنىمنى ئۇقىمەن . كاللامنىڭ 存储容量 سىمۇ كىچىكلەپ كېتىپتۇ، ئىككى كۈن ئالدىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى، كونا تونۇش- بىلىش، ساۋاقداشلارنى ئېسىمدىن پۈتۈنلەي 删除 قىلىپ چىقىرىۋەتكەن ئوخشايمەن، ئۇلارنى كۆرسەممۇ تونىيالمەيمەن. كاللامنى كۈندە 50-60 قېتىم 重新启动 قىلىپ تۇرمىسام، بىر كۈنلۈك تۇرمۇشۇمنى نورمال ئۆتكۈزەلمەي قالىمەن. كۆزۈمنىڭ نۇرىمۇ ئاجىزلاپ، نۇرى ئۆچەي دىگەن 摄像头 غا ئوخشاپ قاپتۇ، 6 مېتىر يىراقلىقتىكى نەرسىلەرنى ئارانلا پەرق ئېتىمەن. 
          软件 لىرىمدىنمۇ چاتاق چىققان ئوخشايدۇ، خۇددى مايكىرو سوفىت شىركىتىنىڭ Windows مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئوخشاش نۇرغۇن يەرلەردىن 漏洞 لىرىم چىقىۋاتىدۇ، بىرەر ئىشنى بىر قېتىم قىلىپ بولۇپ يەنە ئارقىدىن نەچچە قېتىم چاتاق يەرلىرىنى يامىمىسام (补丁) قىلغان ئىشلىرىم مېنى پالاكەتچىلىككە سۆرەپ كىرىدىغاندەكلا تۇرىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا كاللامغا 安装 قىلغان 应用软件 لىرىممۇ كونىراپ، زامانغا ماسلىشالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ، ئالدىمغا بىرەر ئەمەلىي ھەل قىلىدىغان مەسىلە ئۇچراپ قالسا، پۈتۈن كارامېتىمنى ئىشقا سالساممۇ ھېچقانداق ئامال قىلالمايمەن.ئامالسىز يەنە شۇ ئەسكى كومپيۇتېرىمنى ئېچىپ تورغا مۇراجەت قىلىدىغان بوپ قاپتىمەن ، بىراق كومپيۇتېرىم مىڭ تەستە قوزغىلالماي ئىچىمنى پۇشۇرۋېتىدۇ...
          قىسقىسى، ئېنىقىنى ئېيىتقاندا 软件 ۋە 硬件 لىرىمنىڭ ھەممىسى كاردىن چىقىپ، زامانغا ماسلىشالماس بولۇپ قاپتۇ، مەكتەپنىڭ كومپيۇتېرخانىسىدىكى  ئەسكى كومپىيۇتېرغا نەخلا ئوخشاپ قاپتىمەن.
    ئۈگىنىش ۋە جەمىئەتتە مۇھىتىمدا مەن توغرۇلۇق گەپ- سۆزلەر ناھايىتى كۆپ، بەزىلار مېنى زامانغا ماسلىشالمىدى، جەمئىيەتكە ئېغىر يۈك بولۇپ قالدى، ئۆزىنى دەرھال 升级 قىلسۇن، بولمىسا ئىشىنى قىلىپ 淘汰 بولسۇن دەيدۇ، يەنە بەزىلەر بولسا جەمئىيەت دەل ماڭا ئوخشاش پۈتۈن ئەزايى كاردىن چىقايلا دەپ قالغانلارغا مۇھتاج دەيدۇ.

          دوستۇم، سىز بىر ئېغىز لىللا باھا بېرىپ بېقىڭ، مېنىڭ 升级 بولۇشقا كۆزۈم يەتمەيدۇ، مەن يەنە مۇشۇ پېتى كېتىۋېرەيمۇ ياكى 淘汰 بولايمۇ؟

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق