ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(100-90)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 20:12:00

91.گراماتىكا ئۆتىدىغان مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلاردىن مۇنداق بىر سوئال سوراپتۇ:"ۋارقىرىمىدىم، ۋارقىرىمىدىڭ، ۋارقىرىمىدى دېگەندە نېمەنى ھېس قىلدىڭلار ؟" ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىمۇ قولىنى كۆتۈرمەپتۇ. مۇئەلل...

    91.گراماتىكا ئۆتىدىغان مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلاردىن مۇنداق بىر سوئال سوراپتۇ:"ۋارقىرىمىدىم، ۋارقىرىمىدىڭ، ۋارقىرىمىدى دېگەندە نېمەنى ھېس قىلدىڭلار ؟"
    ئوقۇغۇچىلاردىن بىرىمۇ قولىنى كۆتۈرمەپتۇ. مۇئەللىم:"سىلەر بۇ پېئىلنىڭ شەخسلەردە تۈرلىنىشىنى چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟" دەپ ئاچچىقلاپتۇ. بۇ چاغدا ئارقىدا ئولتۇرغان ئابدۇل قولىنى كۆتۈرۈپ، مۇئەللىمدىن ئىجازەت ئالغاندىن كېيىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ." نېمىگە تالىشىسىلەر ، شۇ ھېچكىم ۋارقىرىماپتىغۇ" دېگۈدەك. 

    92. ئابدۇل بىر كۈنى كۆل بويىغا بېلىق تۇتقىلى بېرىپتۇ . قارماقنى سۇغا تاشلاپ ئولتۇرسا، كۆلگە قارايدىغان بىر خەنزۇ كېلىپ: "كۆرمىدىڭمۇ، بۇ يەردە بېلىق تۇتۇشقا بولمايدۇ" دەپ يېزىلغان تاختىنى—دەپتۇ.
    ئابدۇل: "كۆردۈم، ئەما مەن بېلىق تۇتمىدىم"
    كۆزەتچى: "ئەمىسە قولۇڭدىكى نېمە؟"
    ئابدۇل:يىپ!
    كۆزەتچى: ئۇچىدىكىچۇ؟
    ئابدۇل: قارماق.
    كۆزەتچى:ئۇنىڭ ئۇچىدىكى
    ئابدۇل: سازاڭ.
    كۆزەتچى: ھە! بۇرادەر، بېلىق تۇتمىساڭ بۇلارنى نېمە قىلىسەن؟
    ئابدۇل: سازاڭغا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىتىۋاتىمەن.

    93. بىمار: دوختۇر! مەن بەك قورقۇۋاتىمەن، بۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم ئوپېراسىيە قىلىنىشىم
    دوختۇر: قورققىدەك ئىش يوق، بۇمۇ مېنىڭ بىرىنچى قېتىم كېسەلنى ئوپېراسىيە قىلىشىم- دېگۈدەك.

    94. گېرمانىيىدە بىر ئاغىنىمىز سèۋىتسىيىگە ئىنىسىنى يوقلاپ بارسا، ئىنىسى ئاكىسىنى بويتاقچىلىقتا زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭغا بىر شاتۇتى بېرىپتۇ. ئاغىنىمىز گېرمانىيىگە كەلگەندىن كېيىن، ئىنىسى تېلېفون قىلىپ: ئاكا! شاتۇتى قانداقكەن؟-- دەپ سورىسا،
    ئاغىنىمىز: گۆشى شۇ توخۇنىڭ گۆشىگىلا ئوخشايدۇكەنغۇ – دېگۈدەك.

    95. ئابدۇلنىڭ ئاكىسى ئاغرىپ قىلىپ بەنلىستە يىتىپ قاپتۇ. ئابدۇل، ئاكىسىنى يوقلاپ بىرىپ، ئاكىسىنىڭ روھى كەيپىياتىنىڭ نايايىتى تۆۋەن ئىكەنلىدىنى سىزىپ، ئۆزىچە ئاكامغا بىر تەسەلى بىرىپ قوياي دەپ مۇنداق دەپتۇ: ئاكا! نىمىگە غەم قىلىسەن، زادى ھەممىمىز ئۆلۇپ كىتىمىزغۇ—دىگۇدەك.

    96. ئاكىسى: ئابدۇل، مۇشۇ كۈنلەردە چېچىڭ ھەجەپ چۈشۈپ كېتىۋاتىدا؟
    ئابدۇل: ئاكا ، شۇ خىيالدىن بولمامدۇ
    ئاكىسى: نېمە تۈگىمىگەن خىيال بۇ؟
    ئابدۇل: شۇ چېچىمنى خىيال قىلمامدىم.

    97. ئامېرىكىدىكى بىر ئاكىمىز يېڭىدىن خىزمەتكە چىققاندا، بىر شىركەت بىلەن توختاملىشىپتۇ.
    شىركەت مۇدىرى: سىزنىڭ مائاشىڭىز، شىركىتىمىزگە كەلتۈرگەن ئىقتىسادىي ئۈنۈمىڭىزگە قاراپ بېرىلىدۇ
    ئۇ، ئاكىمىز: ياق، مەن بۇنداق ئەرزان ئىشلىمەيمەن.—دېگۈدەك.

    98 .گېرمانىيەدە بىر ئۇيغۇر ، بىرسىنى ئېشەك دەپ قويغانلىئاقتىن، ئۇ كىشى سوتقا ئەرز قىلىپ، سوت ئېچىلىپتۇ.
    سوتچى، ئۇيغۇرنى گۇناھكار دەپ، 5000€ جەرىمانە قويۇپتۇ.
    ئۇيغۇر نارازى بولغان ھالدا، سوتچىدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ:
    --ئەگەر، مەن ئېشەكنى قېچىر دېسەم گۇناھكار بولامدىن يوق ؟
    سوتچى: ياق.
    ئۇيغۇر: ھېلىقى ئەرز قىلغان كىشىگە قاراپ تۇرۇپ، نېمىگە كۈلىسەن قېچىر . – دېگۈدەك

    99. پاتىمەنىڭ بويىدا قالمىغاندىن كېيىن ئاياللار دوختۇرىغا كۆرۈنگىلى بېرىپتۇ، قارىسا، دوختۇر ئەر كىشى ئىكەن، پاتىمە تارتىنىپ تۇرسا،
    دوختۇر كارىۋاتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، قېنى، ئىشتىنىڭىزنى سېلىپ، پۇتىڭىزنى كېرىپ يېتىڭ –دەپتۇ.
    پاتىمە: ۋىيەي  دوختۇر مەن بالىنى يولدۇشۇمدىن تۇغاي دېگەن—دېگۈدەك.

    100. بىر گېرمان ئايالىدىن: جېنىم، مەن ھەقىقەتەن سېنىڭ بىرىنچى سۆيگىنىڭمۇ—دەپ سورىسا،
    ئايال:ئەلۋەتتە، مەن ھېچ چۈشەنمىدىم، سىلەر ئەرلەر ھەممىڭلار نېمانداق ئوخشاش سوئالنى سورايدىغانسىلەر-- دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:36:38]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.