ئابلىمىت ھەبىبۇللا يازغان يۇمۇرلار (160-170)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-09-06 18:12:00

161. ئامېرىكىدا بىرەيلەن ۋەتەندىكى ئايالىنى ئاچىقالماي ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن بىر ئۇيغۇر چوكان بىلەن توي قىلماقچى بوپتۇ. ئوغۇل: مېنىڭ ۋەتەندە ئايالىم، بالىلىرىم بار، لېكىن 10 يىلدىن ئاشتى ئاچىقال...

    161. ئامېرىكىدا بىرەيلەن ۋەتەندىكى ئايالىنى ئاچىقالماي ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن بىر ئۇيغۇر چوكان بىلەن توي قىلماقچى بوپتۇ. ئوغۇل: مېنىڭ ۋەتەندە ئايالىم، بالىلىرىم بار، لېكىن 10 يىلدىن ئاشتى ئاچىقالمىدىم. ئەگەر سىز قىز بولسىڭىز بوپتۇ سىز بىلەن توي قىلاي-دەپتۇ.
    ئۇيغۇر چوكان: ۋىيەي، نېمە دەيدىغانسىز، مەن توي قىلمىغان تۇرسام، مەن قىز -دەپتۇ.
    شۇنىڭ بىلەن بۇلار نىكاھ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى چاقىرىپ ئىچكىرىكى ئۆيدە ئاياللار، تاشقىرىقى ئۆيدە ئەرلەر ئولتۇرۇپتۇ. نىكاھ ئوقۇلۇشقا ئاز قالغاندا، ئوغۇل يېنىدا ئولتۇرغان قولداشقا "ئاداش نېمە دېگەن بىلەن قىز ئالىدىغان بولدۇم" دەپتىكەن، قولداش: "ئاداش نېمە گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈيسەن "قىز" دېگەن سۆزنى ھازىر ئۇيغۇرچە لۇغەتتىنمۇ تاپالمايسەن دەپتۇ.
    ئوغۇل: "ئۇنداقتا ئىككىمىز 100$ بەسلىشەيلى" دەپتىكەن، ئىچكىرىكى ئۆيدە تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى قۇلىقىنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلىغان چوكان چىقىپ: "ۋىيەي بۈگۈندىن باشلاپ بىز بىر ئۆينىڭ ئادىمى، ئۆينىڭ پۇلنى بارغۇ قالايمىقان ئىشلارغا بۇزماڭ-دېگۈدەك.

    163. ئابدۇلنىڭ مەھەللىسىدە تەمەل دېگەن كىشىنىڭ تۆتىنچى خوتۇنى تۈگەپ كېتىپتىكەن، ئابدۇل پەتىگە بارمايمەن دەپتۇ.
    پاتىمە: بىر مەھەللىدە تۇرۇپ پەتىگە كىرمىسىڭىز سەت بولىدۇ.
    ئابدۇل: "مەن ئۈچ خوتۇنىنىڭ ئۆلۈم پەتىسىگە باردىم، بۇدا يەنە بارامدىم، مەن بىرەر خوتۇنۇمنىڭكىگىمۇ چاقىرالمىغان تۇرسام ---دېگۈدەك.

    164. ئابدۇل ئاغىنىسىگە ئاچچىقلاپ: "ئاداش، بۇدا يەنە بېنزىننىڭ باھاسى ئۆرلەپتۇ".
    ئاغىنىسى: "ئۆرلىسە نېمە بوپتۇ، يا سېنىڭ ماشىناڭ بولمىسا" .
    ئابدۇل: "تۈنۈگۈن بىر چاقماق ئالغانتىم" دېگۈدەك.

    165. ئابدۇل ئۈستى-بېشى قان ھالدا ئۆيگە كىرىپتۇ.
    پاتىمە: "ۋىيەي، يەنە مۇشتلاشتىڭىزما، كىم بىلەن زادى؟".
    ئابدۇل: "غوپۇر پاكا بىلەن".
    پاتىمە: "ھۇي ئۆلمىگۈر، ئادەم بولمايدىغان پاكا" .
    ئابدۇل: "ھۇي .ئۆلگەن ئادەمنىڭ كەينىدىن ئەسكى گېپىنى قىلما" دېگۈدەك.


    166.گېرمانيەدە بىر ئىنىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.
    ئىنىمىز: ھەبىبۇلكا قارا، مۇشۇ ئايال خەق بارغۇ، پۇلنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ھاشارەتكەن--دېدىغۇ
    مەن: "قانداق دەيسەن" دىسەم، ئىنىمز: "ئالدىنقى كۈنى ئايالىم 100 € سورىدى، تۈنۈگۈن قوپۇپ يەنە 100 € سوراۋاتىدۇ، مۇشۇ ئىش-ئوقەتنىڭ يوقلۇقىدا بۈگۈن ئەتىگەن يەنە 100 € سوراۋاتىدۇ".
    مەن: "ئۇكا، ئايالىڭ راسلا بەتخەج ئوخشايدۇ، زادى بەرگەن بۇ پۇللىرىڭنى نېمىگە خەجلەيدىكەن؟
    ئىنىمىز: "ۋاي..ۋۇي تېخى ئۇ پۇللارنى بەرمىدىمغۇ"دەيدۇ.

    167. ئابدۇل ئىلى دەرياسىدىن ئۈزۈپ ئۆتمەكچى بولۇپ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ئارقىغا بۇرۇلۇپ ئۈزۈپ يېنىپ چىقىپتۇ، ئاغىنىلىرى: "نېمىگە ئۇ قاتقا ئۈزۈپ ئۆتۈپ كەتمىدىڭ دېسە، ئابدۇل: "بەك ھېرىپ كەتتىم" دېگۈدەك.

    168. گېرمانىيەدە ۋەلى دەپ پۇتى تۇغما مېيىپ ئاسقاقلاپ ماڭىدىغان، ئەمما چاچلىرى قاپ-قارا بىر ئاكىمىز بار-دە. بىر كۈنى بىر ئولتۇرۇشتا ئىليار دەپ چاچلىرى بېشىغا باققاندا بالدۇر ئاقىرىپ كەتكەن ئاغىنىمىز بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قاپتۇ.
    مەن: "ۋەلىكا، سەن چوڭ بولغاندىكىن بېشىڭنى ئىليارنىڭكىگە تېگىشىۋەت" دېسەم
    ۋەلىكام: "پۇتۇمنى قوشۇپ ئالسا تېگىشىمەن".

    169. ئابدۇلنىڭ ئوغلى دادىسىدىن مۇنداق سوراپتۇ:
    "دادا، مۇشۇ يېڭى تولۇن ئاي چىققاندا، كونىسىنى نېمە قىلىدۇ؟
    ئابدۇل: "كونىسىنى پارچىلاپ يۇلتۇز قىلىدۇ" دېگۈدەك.

    170. ئابدۇلنىڭ ئۆيىگە كەچتە ئوغرى كىرىپتۇ.
    ئوغلى: "دادا ئۆيگە ئوغرى كىردى".
    ئابدۇل: "جىم تۇر!"
    ئوغلى: "نېمىگە ئەمدى؟".
    ئابدۇل: "ئوغرى ئۆيدىن بىرنېمە تاپالىسىلا قولىدىن ئېلىۋالماق ئاسان" دېگۈدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 12:35:58]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.