ئاپتاپ بىلوگىدىكى يۇمۇرلار

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2009-01-23 11:32:00

تىرىشچان يىگىت --- مەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىن باشلاپ ئىشلەپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان يىگىتمەن ... ... --- سىز نىمە خىزمەت قىلىسىز؟ --- بۇرۇن ئاياق مايلىغۇچى ئىدىم، ھازىر ساتراچلىق قىلىمەن! -------------------...

    تىرىشچان يىگىت

        --- مەن ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىن باشلاپ ئىشلەپ، ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان يىگىتمەن ...
    ... --- سىز نىمە خىزمەت قىلىسىز؟
    --- بۇرۇن ئاياق مايلىغۇچى ئىدىم، ھازىر ساتراچلىق قىلىمەن!

     --------------------------------------------------------------------------------

     توشقانگۈل

        خىزمەتكە كېچىكىپ قالغان بىرسى دىرېكتورنىڭ رەنجىشىگە قارىتا چۈشەندۈرۈپ:
    --- مېنىڭ ئايالىم تۈنۈگۈن تۇغۇت بۈلۈمىدە بىر كېچە جاپا تارتتى ،
    --- بولدى، بولدى! بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلغىن!

    ئارىدىن ئىككى-ئۈچ ھەپتە ئۆتكەندە، بۇ خىزمەتچى يەنە كېچىكىپ قاپتۇ، ھەم ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاش سەۋەپنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىپتۇ.
    --- ھەي بۇ نىمە گەپ ، ئايالىڭىز چىشى توشقان ئەمەستۇ؟!
    --- رەنجىمىگەيسىز، ئۇ تۇغۇت بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ.

     --------------------------------------------------------------------------------

         بالىلىق بولالماسلىقنىڭ سەۋەبى

        كەنت يىغىنى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپتۇ. بىر ئايال كەنت باشلىقىدىن رۇخسەت ئالمايلا سىرتقا قاراپ مېڭىپتۇ.
        --- نەگە بارىسىز، يىغىن تېخى تۈگىمىدى! --- توسماقچى بوپتۇ كەنت باشلىقى.
        --- بالىلىرىمنى ئۆيگە سولاپ قويۇپلا كەلگەن ئىدىم، كەتمىسەم بولمايدۇ.
        بۇ ئايال چىقىپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەنە بىر چوكانمۇ سىرتقا قاراپ مېڭىپتۇ.
       --- ئەمدى سىز نەگە بارىسىز، سىزنىڭ بالىڭىز يوقىدىغۇ!؟
        --- بۇ يەردە ئولتۇرىۋەرسەم، --- دەپتۇ ھېلىقى چوكان، --- مەڭگۈ بالىلىق بولالمىغىدەكمەن.

     يۇقۇرىقىلار <<ھاياتلىق>> (2006/3)تىن ئېلىندى. ----- ئاپتاپ

     --------------------------------------------------------------------------------

     گلوبۇس نىمىشكە قىيسىق تۇرىدۇ؟

       نازارەتچى مەلۇم بىر مەكتەپكە تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. ئۇ سىنىپتىكى گلوبۇسنى كۆرۈپ، بىر ئوقۇغۇچىغا سۇئال قويۇپتۇ:
        -- دەپاققىنە، بۇ گلوبۇس نىمە ئۈچۈن 23.5ºقىيسىق تۇرىدۇ؟
    --- بۇنى مەن قىلمىدىم! --- ھېلىقى ئوقۇغۇچى ئالاقزادە بولۇپ ئۆزىنى ئاقلاپتۇ.
       نازارەتچى بېشىنى چايقاپ قويۇپ، باشقا بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتىكەن، ئۇمۇ ئۆزىنى تارتىپ:
        --- سىزمۇ كۆردىڭىز، مەن بۇ يەرگە ھازىرلا كىرگەن تۇرسام، نازارەتچى ئەھۋالدىن ئۈمۈتسىزلىنىپ، ئوقۇتقۇچىغا قاراپتۇ.
       ئوقۇتقۇچى بولسا ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
        --- بۇنى ئۇلاردىن كۆرگىلى بولمايدۇ، بۇ گلوبۇس سېتىۋالغان ۋاقتىمىزدىلا مۇشۇنداقكەن، --- دەپتۇ.

         بۇ چاغدا مەكتەپ مۇدىرى نازارەتچىنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى كۆرۈپ، چۈشەندۈرۈشكە كىرىشىپتۇ:
         --- بۇنى تىلغا ئالساق بەك خىجىلمىز، مەكتىپىمىزنىڭ مەبلىغى چەكلىك بولغاچقا، يايمىدىنلا سېتىۋالغانىدۇق.

     --------------------------------------------------------------------------------

    ئامانەتلىك باھانا

       --- ئوغلۇم، بۈگۈن مەكتەپكە بارمىساڭمۇ بولۇر، ئاخشام ئاپاڭ ساڭا ئىككى ئۇكاش تۇغۇپ بەردى. ئەتە مەكتەپكە بارغاندا، مۇئەللىمىڭگە چۈشەندۈرۈپ قويغىن.
        --- دادا، ئەتە مۇئەللىمگە "ئاپام بىر ئۇكاش تۇغدى"، دەي، يەنە بىرسىنى كېيىنكى قېتىم مەكتەپكە بارغۇم كەلمىگەندە ئىشلىتەي.
    《读者文摘》(1990/12)دىن تەرجىمە قىلىندى. ----- ئاپتاپ

    --------------------------------------------------------------------------------

     ئۇ يەرىڭنى كىم تونۇيدۇ؟!

         بىر كۈنى ياش يىگىت دوسلىرى بىلەن دەرياغا چۆمۈلگىلى بېرىپتۇ. دوستلىرى بۇ يىگىتكە چاقچاق قىلماق بولۇپ، بالدۇرراق سۇدىن چىقىۋېلىپ، ئۇنى قىپ يالىڭاچ قويۇپ، كىيىملىرىنى ئېلىپ كېتىپ قاپتۇ. يىگىت سۇدىن بېشىنى چىقىرىپ قارىسا، دوستلىرىمۇ، ئۆزىنىڭ كىيىملىرىمۇ يوق تۇرغان. ئەھۋالنى چۈشەنگەن يىگىت، دەرەخ شاخلىرىنى ئوشتۇپ، ئالدى-كەينىنى ئېتىپ، پۈتۈن مەھەللىنى يېرىپ ئۆيىگە قايتىپتۇ.
         يىگىتنىڭ دادىسى بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ۋاقىراپتۇ:
       ـ ھەي، ئەخمەق بالام! ئەتسەڭمۇ يۈزۈڭنى ئەتسەڭ بولمامدۇ، سېنىڭ ئۇ يەرلىرىڭنى كىم تونۇيتتى!!" فورۇم.ئۇز دىن ئېلىپ رەتلەندى.

     ----- ئاپتاپ

     --------------------------------------------------------------------------------

        قەرز قايتۇرىۋېلىش

         جوھن د. روككفىللىرنىڭ بىر دوستى بىر كۈنى ئۇنىڭغا ، ئۆزىنىڭ ئىسپات يازدۇرىۋالمىغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا بېرىپ تۇرغان $5000 پۇلىنى قانداق ئېلىۋېلىشنى بىلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
    --- بۇ ناھايىتى ئاسانغۇ، --- دەپتۇ روككفېللىر --- سەن ئۇنىڭغا "$10000 پۇلۇمنى ۋاقتىدا قايتۇرغىن"، دەپ خەت يازغىن.
    --- لېكىن مېنىڭ ئۆتنە بەرگىنىم ئاران $5000 تۇرسا؟
    --- بىلىمەن، ئۇ شۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈپ خەت قايتۇرغان چاغدا، سەن ئىسپاتقا ئېرىشىسەن-دە!

    《读者》(2006/23)دىن تەرجىمە قىلىندى. ----- ئاپتاپ

     --------------------------------------------------------------------------------

     دوختۇردىن ياردەم سوراش

        بىر جۇۋان دوختۇرغا تېلىفون بېرىپ مەسلىھەت سوراپتۇ:
        --- مېنىڭ بۆشۈكتىكى بالام بىر تال ئوقنى يۇتىۋالدى، قانداق قىلسام بولىدۇ!؟
        --- بالىڭىزنى ھەرگىز باشقىلارغا قاراتماڭ!

     --------------------------------------------------------------------------------

        گېزىت سېتىۋېلىش

     شەنبە كۈنى يېرىم كېچىدە بىر مەست مېھمانخانىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ ئۇخلاپ قاپتۇ.
        بۇ ئەپەندى ئويغانغىنىدا مۇلازىمنى چاقىرىپ، سىرتتىن بىر پوتۇلكا ۋىسكى ۋە يەكشەنبىنىڭ گېزىتىدىن ئەپكىرىپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. مۇلازىم بەكلا ئۇزۇنغىچە قايتىپ كەلمەپتۇ. مۇلازىم قايتىپ كەلگەن چاغدا بۇ ئەپەندى ئاچچىغلىنىپتۇ:
        --- بۇ كىچىك شەھەردە يەكشەنبە كۈنى ۋىسكى سېتىۋېلىش شۇنچە تەسمىكەن؟!
        --- ئۇنداق ئەمەس ئەپەندى، بىراق سەيشەنبە كۈنى يەكشەنبىنىڭ گېزىتىنى تېپىش ئاسانغا توختىمايدۇ.

     --------------------------------------------------------------------------------

     تۇيغۇ

       دوختۇر بىمارنىڭ قۇرساق قىسمىنى نەچچە قېتىم بېسىپ كۆرۈپ سوراپتۇ:
        --- بىرەر تۇيغۇ بارمۇ؟
        --- بار!
       -- نىمە تۇيغۇ؟
       --- بىركىم قۇرسىقىمنى بېسىۋاتىدۇ.

     --------------------------------------------------------------------------------

     تىزما

        بىر خېرىدار يېڭى تىجارەت باشلىغان، تېخى ھىچقانداق ۋىۋىسكا ئاسمىغان، لېكىن دەرىزىسىگە قەدىمىي سائەتلەرنى تىزىپ قويغان بىر "دۇكان"غا كىرىپ، سائەت تۈزەتمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ.
        --- كەچۈرۈڭ! بۇ رېمونتخانا ئەمەس، --- چۈشەندۈرۈپتۇ دۇكاندار --- بەلكى ئاۋۇ دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس گېموروي ئوپېراتسىيەسى قىلىدىغان تارمىقى.
        --- ئۇنداقتا نىمىشكە دەرىزەڭلەرگە قەدىمىي سائەتلەرنى تىزىپ قويىسىلەر؟
        --- ئەمىسە، ئەپەندىم، --- خېرىدارغا تىكىلىپ سوراپتۇ دۇكاندار --- دەرىزىمىزگە نىمە تىزساق بولىدۇ؟ قوڭدىن نەچچىنى تىزىپ قويامدۇق؟

     --------------------------------------------------------------------------------

     بايىلا باردىمغۇ

       دادىسى ئۈچ ياشلىق بالىسىنى سىناپ سوراپتۇ:
        --- سەن داداش بىلەن ئاپاشتىن قايسىمىزغا ئەڭ ئامراق؟
       --- ئىككىڭلەرگە!
       دادىسى سۇئالنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپتۇ:
       --- ھازىر مەن دىسنېيغا بارماقچى بولسام، ئاپاش پارىژغا بىر نەرسە سېتىۋالغىلى بارماقچى بولسا، سەن قەيەرگە بېرىشنى خالايسەن؟
       --- پارىژغا!
       --- نىمىشقا؟
       --- پارىژ چىرايلىق!
        --- مەن پارىژغا، ئاپاش دىسنېيغا بارماقچى بولسىچۇ، سەن نەگە بېرىشنى خالايسەن؟
       --- ئەلبەتتە دىسنېيغا بارىمەندە!
        --- نىمىشقا؟ --- چۈنكى پارىژغا بايىلا باردىمغۇ!

    يۇقۇرىقىلار《读者》(2007/7)دىن تەرجىمە قىلىندى. ----- ئاپتاپ

     --------------------------------------------------------------------------------

     مىڭە ئاجىزلىق

        بوب دوختۇردىن بىر ئىشنى سوراپ بىلمەكچى بوپتۇ:
       --- ماڭا ئېيتىپ بېرەسىزمۇ، دوختۇر، بىركىمدىكى يوشۇرۇن مىڭە ئاجىزلىقنى قانداق ئۇسولدا بىلىۋېلىش مۇمكىن؟
        --- بۇنىڭدىن ئاسان ئىش يوق، --- دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ دوختۇر --- سىز ئۇ كىشىدىن ھەرقانداق نورمال ئادەم ئاسانلا جاۋاپ بېرەلەيدىغان سۇئالدىن بىرنى سورايسىز. ئەگەر ئۇ دۇدۇقلاپلا قالسا، ئۇنىڭدا چوقۇم گەپ بار.
       --- مەسىلەن قانداق سۇئال؟
        --- ئالايلى، "كاپىتان كوك ئۆمرىدە يەر شارىنى ئايلىنىدىغان دېڭىز سەپىرىدىن ئۈچنى قىلغان، نەتىجىدە بۇ ئۈچ سەپەردىن بىرسى ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولغان. قايسىسى؟"
        بوب بىر ئويلىۋېتىپ، ئەنسىزلىك ئىچىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ دەپتۇ:
       --- دوختۇر، راستىمنى ئېيتسام مېنىڭ تارىختىن ئۇنچە خەۋىرىم يوقىدى، باشقا بىر مىسال ئېلىڭە.
    FunnyTV.com دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى، ----- ئاپتاپ

     --------------------------------------------------------------------------------
       ئۆلۈشنىڭ سەۋەبى بىر توپ ساياھەتچى بىر داڭلىق پىۋا زاۋۇتىنى زىيارەت قىپتۇ. ئۇلارنىڭ بارلىق قىزغىنلىقى پىۋىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىغا بېرىلىپ كەتكەندە، بىرسى يوغان بىر پىۋا باكىغا چۈشۈپ كېتىپتۇ، ھەمدە بۇنى ھىچكىم سەزمەپتۇ. زىيارەت ئاخىرلاشقاندا، كىشىلەر ئاندىن بىرەيلەننىڭ كەملىكىنى بىلىپتۇ. زاۋۇت غوجىدارىنىڭ دىيىشىچە ئۇ كىشى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپتۇ.
        --- بىچارە، تازا قىينىلىپتۇدە! --- دەپتۇ بىر ساياھەتچى.
       --- مېنىڭچە ئۇ قىينالمىدى، --- غوجىدار چۈشەندۈرۈپتۇ
       --- ئەمىلىيەتتە، ئۇ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈشتىن بۇرۇن، 3 قېتىم باكتىن چىقىپ يۇيۇنۇش ئۆيىگە كىرگەن ئىدى.

     --------------------------------------------------------------------------------
         ئەپلىك قۇرۇلما بىر ئايال دوستى بىلەن بىللە ماشىنىلىق ئۆز ئۆيىگە يېتىپ كېلىپتۇ. بۇ چاغدا دوستى گەپ ئېچىپتۇ:
        --- مەن يېڭىدىن بىر تىزگىنەكلىك ئامبار ئاچقۇ ئالغانتىم، بەك ئەپلىككەن، شۇنداق قولايلىق ...
        --- مېنىڭمۇ شۇنداق قولايلىق! --- ئۆي ئىگىسى ئايال كاناينى 3 ۋاقىرىتىشىغا، ئۇنىڭ يولدىشى بىر يەردىن ھاسىراپ-ھۆمىدەپ يېتىپ كېلىپ، ماشىنا ئامبىرىنى ئېچىپتۇ ......
       ----- ئاپتاپ بىلوگىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق