يۇمۇرلار

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-04-23 16:36:29

زىمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالماي ئېچىرقاپ كەتكەن بىر بۆرە ئورمانلىقتىكى بىر ئۆينىڭ يېنىدا تىمسىقلاپ يۈرۈپ ئۆي ئىچىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قاپتۇ.


    يۇمۇرلار

    ئۇۋالچىلىق
    دادىسى: نېمە دەپ سىنىپتىكى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچىلار قاتارىغا ئۆتۈپ قالدىڭ؟
    بالىسى: بۇنى مەندىن كۆرسىڭىز بولمايدۇ، سىنىپىمىزدىكى ئەڭ ناچار ئوقۇغۇچى ئالدىنقى ھەپتە مەكتەپ ئالمىشىپ كەتكەن تۇرسا...
    ئەپچىل چارە
    ئىككى ئوقۇتقۇچى پاراڭلىشىپ قاپتۇ:
    ئا: ئاڭلىسام تۈنۈگۈن سىنىپىڭىزدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قولى بەك مەينەت بولغاچقا ئۆيىگە كەتكۈزۈۋېتىپسىز، بۇ چارىنىڭ ئۈنۈمى بولدىمۇ؟
    ب: بۇنى بىر دېمەڭ، بۈگۈن قارىسام ئون نەچچە ئوقۇغۇچى قولىنى يۇيماي ناھايىتى مەينەت كېلىپتۇ.
    گېپىدە تۇرمايدىكەن
    زىمىستان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە يېگۈدەك بىر نەرسە تاپالماي ئېچىرقاپ كەتكەن بىر بۆرە ئورمانلىقتىكى بىر  ئۆينىڭ يېنىدا تىمسىقلاپ يۈرۈپ ئۆي ئىچىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلاپ قاپتۇ.
    -يەنە يىغلايدىغان بولساڭ تالاغا ئېلىپ چىقىپ، بۆرىگە تاشلاپ بېرىمەن.
    بۇ گەپنى ئاڭلىغان بۆرىنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ ساق بىر كېچە ئۆڭكۈردە ساقلاپ ياتقاندىن كېيىن ئۈمىدسىزلىنىپ ئۆڭكۈرگە قايتىپ كېلىپتۇ:
    -قۇرۇق قول قايتىپ كېلىپسىزغۇ، ئەمدى نېمە يەيمىز!-دەپتۇ بۆرىنىڭ خوتۇنى.
    -بۇنى بىر دېمە خوتۇن، ئىنسانلار گېپىدە تۇرمايدىكەن ئەمەسمۇ...
    ئوغرىنىڭ ئۆچ ئېلىشى
    ئارقا-ئارقىدىن ئون ۋېلىسىپىتنى ئوغرىغا ئالدۇرۇپ قويغان بىرسى يېڭىدىن بىر ۋېلىسىپىت سېتىۋېلىپ ئىككى قۇلۇپ سېلىپ،«قېنى ئەمدى ئوغرىلاپ باققىنىڭنى بىر كۆرەي!» دەپ خەت يېزىپ ئىگەرگە چاپلاپ قويۇپتۇ. ئۇ كىشى ئىشتىن چۈشۈپ ۋېلىسىپىتىنى ئالاي دەپ كەلسە، ۋېلىسىپىتقا يەنە بىر قۇلۇپ سېلىنغان بولۇپ، قۇلۇپنىڭ ئۈستىدە «قېنى ئەمدى مىنىپ باققىنىڭنى بىر كۆرەي» دەپ خەت يېزىلغان بىر باغاقچە تۇرغىدەك.
    سېرىك ئويۇنى
    باش سېركچى ناھايىتى خەتەرلىك ئويۇن كۆرسىتىشكە باشلاپتۇ. كۆندۈرۈلگەن شىر تىلى بىلەن چىرايلىق ياردەمچى سېركچى قىزنىڭ ئاغزىدىن بىر دانە كەمپۈتنى ئېلىپ يەپتۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ھەيران قېلىشقانلىقىنى كۆرگەن باش سېركچى تاماشىبىنلاردىن سوراپتۇ:
    -ئاراڭلاردا بۇ ئويۇننى سىناپ باقىدىغانلار بارمۇ؟
    -بار، مەن شىرنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ سىناپ باقسام بولامدۇ؟-دەپ سوراپتۇ بىر ئەر تاماشىبىن.
    غەلىتە بىمار
    بىر بىمار دوختۇرغا دەپتۇ:
    -يېقىندىن بېرى ئىچىمنى مۈشۈك تاتىلىغاندەك، بەدەنلىرىمدە قۇرۇت-قۇڭغۇز مېڭىۋاتقاندەك بەك بىئارام بولىمەن.
    -يەنە قانداق ئالامەتلەر بار؟
    -كېچىدە توخۇدەك چۆچۈپ ئۇخلىيالمايمەن، يول ماڭسام تۈلكىدەك قورقۇمسىراپ ئەتراپىمغا قارايمەن،  ئىشتىھايىم ئاچ بۆرىنىڭ ئۆزى، قورسىقىم تويغاندا كالىدەك پۇشۇلدايمەن. زادى قانداق كېسەل بولۇپ قالغاندىمەن؟
    -بۇنىڭغا بىر نەرسە دېيەلمىگۈدەكمەن، ئەڭ ياخشىسى چارۋا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك...
    مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى 2012-يىللىق 9-ساندىن ئېلىندى
     ئەسكەرتىش: مەزكۇر ئەسەر ئاللاقاچان ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىغا يوللىنىپ بولغان! ئوكيان قامۇسىغا ئەگىشىپ سەرخىل مەزمۇنلاردىن ۋاقتىدا بەھرىمان بولۇڭ، ئىزدەش نامى: okyanqamus
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.