قاتىل يومۇرلار

يوللىغۇچى : nawruz يوللىغان ۋاقىت : 2008-09-26 00:14:00

يۇمۇر دىگەن مانا ھەرىچاق كىپىنەك قىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتۇ ،لىكىن كىپىنەك قۇلۇلە بىلەن توي قىپتۇ .بۇنىڭغا چىدىمىغان ھەرىچاق قاقشاپ <سىز بەك ئەسكىكەنسىز كىپىنەك قىز ،مىنىڭ قۇلۇلىدىن نەرىم كام...

                                           يۇمۇر دىگەن مانا

    ھەرىچاق كىپىنەك قىزنى ياخشى كۈرۈپ قاپتۇ ،لىكىن كىپىنەك قۇلۇلە بىلەن توي قىپتۇ .
    بۇنىڭغا چىدىمىغان ھەرىچاق قاقشاپ <سىز بەك ئەسكىكەنسىز كىپىنەك قىز ،مىنىڭ قۇلۇلىدىن نەرىم كام >دەپتۇ ..
    كىپىنەك قىز <قىززىق گەپ قىلدىكەنسز ،قۇلۇلىنىڭغۇ يالغۇز ئۈيى بار ،سىزچۇ؟ ئوپچە ياتاقتا تۇرسىز ،مەن سىزگە تەگسەم مەن نەدە تۇرىمەن>


    ھەربى قىسىمدا قارتا ئويناشنى قاتتىق  چەكلەيدىكەن ..

    بىر كەچلىكى كاتولىك دىنى مۇخلىسى ،بۇددا دىنى مۇخلىسى ۋە بىر يەھۇدى قارت ئويناۋاتقاندا ئوفىتسىر تەرىپىدىن سىزىلىپ قېلىپتۇ .
    كاتولىك دىنى مۇخلىسى :-بۇ مەريەم گۇۋا بولسۇن ،مەن قارتا ئوينىمىدىم.
    بۇددا دىنى مۇخلىسى :-ساكيامۇنى گۇۋاھ بولسۇن مەنمۇ ئوينىمىدىم .
    يەھۇدى ئاتايدىغان ئات تاپالماي ،شۇنداق دەپتۇ :-ئويلاپ بېقىڭ ،باشلىق قارتنى قانداقمۇ بىر ئادەم يالغۇز ئوينىيالايدۇ..

    بىر ئادەمنىڭ ئايالىنىڭ قورسىقى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپتۇ .
    ئۇئادەم يولدا كىتىۋېتىپ ئىچىدە <بۇ ئايالىمنىڭ تۇنجى تۇغۇتى مەن بىر پال سالدۇرۇپ باقاي > دەپ ئويلاپ پالچىنىڭ ئالسىغا بېرىپتۇ ..
    پالچى:<ئايالىڭىز 3نى تۇغىدىكەن ،بىرىنچى بالىڭىز تۇغما مىڭكوخەن بولغىدەك ،ئىككىنچى بالىڭىز تۇغما ماتىماتىك بولغىدەك ،ئۈچىنچى بالىڭىز قىپقىزىل لۈكچەك بولغىدەك،>دەپتۇ ..
    دىگەندەك بىرىنچى بالىسى تۇغۇلۇپلا <爸爸你好吗>دەپلا چۈشۈپتۇ ..
    ئىككىنچى بالسى <دادا سەككىزكەرە ئىككى ئون ئالتە شۇنداقمۇ؟> دەپلا چۈشۈپتۇ..
    ئۈچىنچى بالىسى ھىچ چىقماي بىرەر سائەت ئۆتكەندە تۇغۇت ئانىسى بالىنى ئالغىلى ئاستا قولىنى ئاپارسا <تاتە ۋە قولۇڭنى ئۈزۈم چىقىمەن >دىگىدەك ..

    ئۆيدە تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىزباسارغا خوتۇنى كايىدى:
    -يائاللا ئىشتىنىڭىزنى يىرتىپلا يۈرۈيدىكەنسىز،بىز ئاياللار بولمىساق سىىلەر ئەرلەر قانداق قىلارسىلەركىن تاڭ!
    ئىزباساركۈلۈپ تۇرۇپ :قىزىق گەپ قىلدىكەنسەن خوتۇن ،دۇنيادائاياللار بولمىسا ئىشتان كىيىشنىڭ نىمە ھاجىتى...


    بىر كۈنى بىر كۇچالىق ئۈرۈمچىگە بارماقچى بولۇپ ئاغىنىسى بىلەن خوشلاشقىلى ئاغىنىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپتۇ .ئۇ كېتەر چاغدا ئاغىنىسى:
    -ئاداش،ئۈرۈمچى دىگەن چوڭ شەھەر ،كىشىلىرىمۇ مەدىنىيەتلىك ،ئۇيەرگە بارغاندا ئۆز شىۋەڭلاردا گەپ قىلماي  <ر>نى جىقراق دەپ بېرىڭلا ..
    كۇچالىقمۇ ئۆرۈمچىگە كىلىپ قاپتۇ ..شۇنداق قاراپ دۆڭ كۆۋرۈككە بارماقچى بولۇپ ئاپتۇبۇسقا چىققاندا پەلتويىنىڭ پىشىنى ئاپتۇبۇسنىڭ ئىشىكى قىسىۋاپتۇ.
    شۇ ھامانلا دوستىنىڭ گىپى ئىسىگە كىلىپ ۋارقىراپتۇ< ۋاريەي، ئاپتۇربۇسنىڭ ئەرشكى پەرتويۇمنىڭ پىرشىنى قىرسىۋالدى،قۇرتقۇزۇڭلار!
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق