ھەبىبۇللا ئابلىمىت يازغان يۇمۇرلار(50-40)

يوللىغۇچى : Hisam يوللىغان ۋاقىت : 2007-07-25 19:42:00

41. ناھايىتى پىششىق بىر ئادەم ئاغرىپ سەكراتتا يېتىپ قاپتۇ، ئۇ كىشى جان تالىشىپ يېتىپ، ئايالىدىن ئاستا: "خوتۇن، سەن يېنىمدىمۇ؟" دەپتۇ، ئايالى: "ھەئە، بىز ھەممىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا" دېسە، پىششىق: "ئ...

    41. ناھايىتى پىششىق بىر ئادەم ئاغرىپ سەكراتتا يېتىپ قاپتۇ، ئۇ كىشى جان تالىشىپ يېتىپ، ئايالىدىن ئاستا: "خوتۇن، سەن يېنىمدىمۇ؟" دەپتۇ،
    ئايالى: "ھەئە، بىز ھەممىز سىزنىڭ يېنىڭىزدا" دېسە، پىششىق: "ئۇنداقتا ئاۋۇ ئۆيلەرنىڭ چىراغلىرى نېمىگە بىكاردىن يېنىقلىق تۇرىدۇ؟" دېگىدەك.

    42. بىر دېھقان بالىسىنى مەكتەپكە بېرىپتۇ، بالىسى ئانچە ياخشى ئوقۇماۋاتقانلىقىدىن غەم قىلغان دېھقان بىر كۈنى ئوغلىغا: "بالام، بۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتسەڭ، ساڭا بىر قوزا سويۇپ، كاۋاپ قىلىپ بېرىمەن" دەپتۇ.
    ئىمتىھان تۈگەپ نەتىجىسى چىقىدىغان كۈنى، بالا مەكتەپتىن خۇشال ئۆيگە كىرىپ: "دادا، مەن قوزىغا بىر يېڭى ھاياتلىق بېغىشلايدىغان بولدۇم" دېگىدەك.

    43. گېرمانىيەدىمۇ بىرى بالىسىغا: "بالام، بۇ قېتىم ئىمتىھاندىن ئۆتسەڭ 50 € بېرىمەن" دەپتۇ، ئىمتىھان نەتىجە چىقىدىغان كۈنى بالا: "دادا، سىزگە بىر خۇش خەۋەر ئەكەلدىم" دەپتۇ.
    دادىسى ھاياجان ئىچىدە: "ھە! بالام نېمە خۇش خەۋەر؟ قېنى، ئېيتمامسەن" دېسە، بالىسى: "دادا، پۇلىڭىز يانچۇقىڭىزدا قالىدىغان بولدى" دېگىدەك.

    44. بىر دۆلەت بار بولۇپ، خەلقلىرى ھېچياققا چىقالمايدىكەن، بىر كۈنى بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھ پۇخرالارنىڭ رايىنى سىناپ باقماقچى بولۇپ، پۇخراچە ياسىنىپ كوچىغا چىقىپتۇ، بىر يەرگە كەلگەندە بىر دەرەخنىڭ سايىسىدا ئولتۇرغان بىر ياش يىگىتنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن: "يىگىت، نېمىگە ئولتۇرىسەن؟" دېسە
    يىگىت: "قىلاي دىسەم ئىش يوق، بىكارچىلىقتىن ئولتۇردۇم" دەپتۇ.
    پادىشاھ: "سەن بۇ دۆلىتىمىزگە قانداق قارايسەن؟"
    يىگىت: "دۆلىتىمىز، ناھايىتى باياشات، بايلىق دېسە بار، ھەممە ئادەم ئىناق، خاتىرجەم، خۇدايىم پادىشاھىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۇرلەر بەرسۇن!" دەپتۇ.
    بۇ سۆزدىن ھاياجانلانغان پادىشاھ: "يىگىت نېمە تەلىپىڭ بار؟ مەن ئورۇنلاپ بېرىمەن"
    يىگىت: "بىر پاسپورت ھەل قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز، چەت ئەلگە چىقىپ كېتەي دېگەن" دېگىدەك.

    45. گېرمانىيەدە شوپۇرلۇق كېنىشكىسىنى ئالماق بەك تەس، بىر كۈنى بىرى شوپۇرلۇققا ئىمتىھان بېرىپتىكەن، ئاغىنىسى ئۇنىڭدىن: "ئىمتىھاندىن ئۆتكەنسەن؟" دەپ سورىسا، "ئۆتتۈممۇ-ئۆتمىدىممۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ئىمتىھان ئالغۇچى ھازىر دوختۇرخانىدا"دېگىدەك.

    46. گېرمانىيەدە 3 مىليونغا يېقىن تۈرك ياشايدۇ، ئۇلار بۇرۇن گېرمانىيەگە كېلىپ ئورۇنلاشقاشقا كۆپىنچىسىنىڭ شەخسى كىچىك شىركەتلىرى شۇنداقلا دۇكانلىرى بار، يېڭىدىن كەلگەن بىر ۋەتەندىشىمىز، بىر تۈركنىڭ دۇكىنىغا ئىشقا كىرىپتۇ، دۇكان ئىگىسى: "بۇرۇن سەن ۋەتىنىڭدە نېمە ئىش قىلغان؟"
    ۋەتەندىشىمىز: "مەن نەشرىياتتا خىزمەت قىلاتتىم"
    بۇ جاۋابنى چۈشەنمىگەن تۈرك: "مەن تازا چۈشىنەلمىدىم، ئېنىقراق قىلىپ دېگىن".
    ۋەتەندىشىمىز: "مەن ئۇ يەردە باش تەھرىر ئىدىم"
    يەنە چۈشەنمەي: "زادى جېنىڭنى نېمىگە تايىنىپ باقاتتىڭ؟"
    ۋەتەندىشىمىز: "قەلەمگە تايىنىپ"
    تۈرك: "ھە.ئەمدى چۈشەندىم، سەن ئۇ يەردە قەلەم تىجارىتى قىلىدىكەنسەن-دە" دېگىدەك.

    47. گېرمانىيەدىكى بىرسىنىڭ غۇلجىدىكى ئىنىسىدىن، ئاغىنىسى مۇنداق سوراپتۇ: "ئاداش، ئىش-ئوقىتىڭ قانداقراق؟"
    ئىنىسى: "بەك ياخشى!"
    ئاغىنىسى: "نېمە ئوقەت قىلىۋاتىسەن؟ ھازىرقى بۇ ئۆلۈك بازاردا؟"
    ئىنىسى: "يېزىقچىلىق قىلىۋاتىمەن".
    ئاغىنىسى: "نېمە دەيسەنۇي، سەن تۈزۈك ئوقۇمىغان تۇرساڭ".
    ئىنىسى: "مەن گېرمانىيەگە ھالىمنى ئېيتىپ خەت يازىمەن، ئاكام ماڭا پۇل ئەۋەتىدۇ" دېگىدەك.

    48. ئابدۇل دوختۇرغا بېرىپتۇ. دوختۇر: نېمە بولدى زادى ساڭا؟
    ئابدۇل: ئەتىگەنلىرى ئورنۇمدىن تۇرغۇم كەلمەيدۇ، ئىشلەشنى ئويلىساملا بېشىم ئاغرىيدۇ.
    دوختۇر: ھە بولدى سەن ھورۇنلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بوپسەن
    ئابدۇل: باشلىقىمغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشۇم ئۈچۈن بۇ كېسەلنىڭ لاتىنچە ئاتىلىشىنى دەپ بەرسىڭىز—دېگىدەك.

    49. بىر دېھقان يىگىتى توي قىپتۇ، توي كېچىسى، دېھقان يىگىتى قىزغا ھېچ چېقىلمامتۇ، ئەتىسى سەھەردە يىگىت: "قانداقراق قوپۇپسىز، قىزچاق؟"
    قىز: "ھە بۈگۈنمۇ مەن قىزچاقتە، چۈنكى سىز بىر كالۋا بولغاندىكىن" دېگىدەك.

    50. ئەپەندىمنىڭ بىر ئاغىنىسى، ئەپەندىمنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولغىلى كەلسە، ئىشىكى قۇلۇپلاقلىق ئىكەن، بۇنىڭدىن تېرىككەن ئاغىنىسى، ئەپەندىمنىڭ دەرۋازىسىغا "ئىشەك" دەپ يېزىپ قويۇپ كېتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندە ئەپەمدىم ئاغىنىسى بىلەن ئۇچرىشىپ قاپتۇ، ئاغىنىسى: "مەن ئۆيۈڭگە بارغان، لېكىن سەن يوق ئىكەنسەن"
    ئەپەندىم: "ھە مەن بىلدىم ، ئىسمىڭنى دەرۋازىغا يېزىپ قويۇپتىكەنسەن" دېگىدەك.

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-2-28 18:35:24]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.