پارس مەكتۇپلىرى 14، 15-خەت

يوللىغۇچى : يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-10 18:47:21

پارس مەكتۇپلىرىمۇنتىسكىيۇئون تۆتىنچى خەت: يۇنۇشبەگنىڭ ئالدىنقى خېتىنىڭ داۋامىئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۆلەت پادىشاھىنى سايلاش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ...


     

    پارس  مەكتۇپلىرى
     

    ئاپتورى: مۇنتىسكىيۇ
    تەرجىمە قىلغۇچى: تۇرسۇن ئەرشىدىن
     

    ئون تۆتىنچى خەت: يۇنۇشبەگنىڭ ئالدىنقى خېتىنىڭ داۋامى

    ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ ئۇرۇقلىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دۆلەت پادىشاھىنى سايلاش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىشىپتۇ. ئۇلار بىردەك خانلىق تاجىنى ئەڭ ئادىل كىشىگە كىيدۈرۈش لازىم، دەپ قاراپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ دىققەت ئېتىبارى ئارىدىكى ئابرۇيلۇق ۋە مويسىپىت بىر كىشىگە مەركەزلىشىپتۇ، ئۇ ئادەم خالايىقنىڭ بۇ يىغىلىشىغا قاتناشماي، غەم قىلىپ ئۆيىگە مۆكۈنۈۋالغان ئىكەن، كۆپچىلىك ۋەكىل ئەۋەتىپ ئۇنىڭ پادىشاھلىققا سايلانغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. ئۇ: «كۆپچىلىك مېنى ئارىمىزدىكى ھەممىدىن ئادىل كىشى دەپ تونۇپ خۇدانىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلدى، مەن ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ زور خاتالىق سادىر قىلىشىغا سەۋەبكار بولۇپ قالدىم! سىلەر خانلىق تاجىنى مەندىن باشقا ئادەمگە بېرىشكە تېگىشلىك ئەمەس دەپ قاتتىق تۇرۇۋالساڭلار مېنڭ ئۇنى قۇبۇل قىلماي ئىلاجىم يوق. بىراق، سىلەر شۇنى بىلىڭلاركى، مەن چوقۇم ھەسرەت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىمەن؛ چۈنكى مەن دۇنياغا كۆز ئاچقىنىمدىن بۇيان ئۆڭكۈرلۈكلەرنىڭ ئەركىن ياشاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كەلگەن ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا قاراپ تۇرۇپ ئۇلارنى مەھكۇم قىلىدىغان بولدۇم» دەپتۇ. ئۇ سۆزلەپ شۇ يەرگە كەلگەندە كۆز ياشلىرى بۇلاقتەك ئېتىلىپ چىقىپتۇ ۋە ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزىنى داۋام قىپتۇ: «مەن نېمىشقىمۇ مۇشۇ نەس باسقان كۈنگىچە ياشاپ قالغاندىمەن؟ ئاھ، ئۆڭكۈرلۈكلىرىم! مەن نېمە ئىش بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندىم، سىلەرنىڭ ئەخلاقىي-پەزىلىتىڭلار سىلەرگە ئېغىر-يۈك بولۇپ قېلىۋېتىپتۇ. شۇ كەمگىچە سىلەرنىڭ باشچىلىرىڭلار يوق ئىدى. پەقەت گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتكىلا تايىناتتىڭلار، بۇنداق بولمىغاندا ئەجدادلارنىڭ كونا يولىغا مېڭىپ قېلىش مۇمكىن ئىدى ۋە ياشاشقا ئىمكانىيەت قالمايتتى. بىراق ئەخلاقنىڭ ئىسكەنجىسى سىلەرنى بەكمۇ قاتتىق چىرمىۋالغان بولسا كېرەك، سىلەر پادىشاھنىڭ دەرگاھىغا يىقىلىپ ئۇنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا ئىتائەت قىلىشنى خالاپ قالدىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ قاتتىق ئۆرپ-ئادەتلىرىڭلارغا قارىغاندا جانلىقراق، ئەلۋەتتە. سىلەر بۇنى بىلگەن ھامان تاماگەرلىككە بېرىلىپ، بېيىش كويىغا چۈشۈپ، راھەت-پاراغەتتە بىخارامان ياشاش ئىستىگىگە چۆكۈسىلەر؛ ئۇ چاغدا سىلەر يەنە چوڭ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويمىساقلا بولدى، دەپ قانائەتلىنىپ قالىسىلەر-دە، گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەتنى چەتكە قايرىپ قويىسىلەر».

    بۇ مويسىپىت سۆزدىن سەل توختىغان ئىكەن، كۆزىدىن قۇيۇلىۋاتقان ياش تېخىمۇ ئۇلغىيىپتۇ. ئۇ يەنە: «ئاھ! سىلەر مېنى نېمە قىلسۇن، دەيسىلەر؟ مەن قانداقمۇ بىر ئۆڭكۈرلۈككە ئىش قىلىپ بەرگىن دەپ بۇيرۇق چۈشۈرەلەيمەن؟ ئەجەبا سىلەر ئۇنى مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە يۈكسەك پەزىلەتلىك ئىشلارنى قىلىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئەگەر ئۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلىشنى خالىغىنىدا، مەن بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۆزلىگىدىن شۇنداق قىلالايتتىغۇ، ئېخ! ئكڭكۈرلۈكلەر مېنىڭ يېشىم ئاللىقاچان بىر يەرگە بېرىپ، تومۇرلىرىمدىكى قانلار ئۇيۇپ قالاي دەپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بىلەن قايتا دىدار كۆرۈشكىلى كېتىمەن. سىلەر نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى ئۆكۈندۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىشىمنى ئىزلەپ قالدىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئۇلارغا، سىلەرنىڭ پىشانەڭلەرگە پۈتۈلدۈرگىنىم گۈزەل ئەخلاق ئەمەس، بەلكى باشقا نەرسە ئىكەنلىگىنى يەتكۈزۈشۈمنى خالاپ قالدىڭلار؟»

                           1711-يىلى جامادىيالئاخىر ئېيىنىڭ 10-كۈنى، ئىجىرۇن.

     

     

     

    ئون بەشىنچى خەت: باش ئاختا قۇلنىڭ قارا ئاختا قۇل ھارۇنغا يازغان خېتى

                       (ئىجىرۇنغا ئەۋەتىلگەن)

    مەن ئاللاھنىڭ سېنى بۇيەرگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى ھەمدە تۈرلۈك بالا-قازالاردىن ئامان-ئېسەن قېلىشىڭنى تىلەيمەن.

    قانداقتۇر دوستلۇق دېگەن بىر خىل مۇئامىلىنى مەن ئەزەلدىن ئۇچراتمىغان، مەن ئۆزۈمنىڭ تارغىنا ماكانىمغا بېكىنىپ كەتكەن بولساممۇ، لېكىن سەن مېنىڭ كۆكرىگىمدە يەنىلا يالقۇنلۇق يۈرەكنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ تۇرىسەن؛ مەن قول ئاستىمدىكى ئاشۇ بىر توپ قۇللارغا تاش يۈرەكلىك بىلەن مۇ.امىلە قىلساممۇ، لېكىن مېنىڭ مېھرىبان كۆڭلۈم سېنى بالىلىقتىن چوڭ قىلىپ قاتارغا قوشتى.

    ئەينى يىللاردا، ۋاقىت يېتىپ خوجايىننىڭ كۆزى ساڭىمۇ چۈشكەن ئىدى. تىخ سېنى «تەبىئەت»تىن ئايرىپ تاشلىغاندا «تەبىئەت»نىڭ قىزغىن كۈچى سېنىڭ جىسمىڭدا قىلچىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتمىگەن ئىدى. (ھارۇن ئاختا قىلىنغان چاغدا تېخى گۆدەك بولۇپ ھېچنىمىنى ئڭقمايتتى، دېمەكچى) ئەينى چاغدا مەن سېنىڭ ئۈچۈن ۋاھىمە يېدىممۇ-يوقمۇ بۇنى ھازىرچە ئېيتمايمەن. ئۇنى سەن كۆتىرىلىپ مېنىڭ ئورنۇمغا چىقىپ خوشال بولغاندا بىلىسەن. ئەمما مەن سېنىڭ يىغاڭنى پەسلەتكەن ئىدىم. مەن سېنى يېڭى ھاياتقا قەدەم قويدۇڭ، مەڭگۈگە باشقىلارنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىدىغان قۇلدىن، باشقىلارنى بۇيرۇقىڭغا ئىتائەت قىلدۇرىدىغان قۇلغا (ئاختا بولغاندا دېدەكلەرگە بۇيرۇق بېرەلەيدۇ ھەتتا ئارقا ھويلىدىكى ئاياللارنىمۇ باشقۇرىدۇ) ئايلاندىڭ دەپ تونۇيمەن. مەن سېنى كۆڭۈل قويۇپ تەربىيىلىگەن ئىدىم. تەربىيە ھامان قاتتىق قوللۇقتىن خالىي بولالمايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ سەن خېلى ئۇزۇن زامانلارغىچە مېنىڭ سېنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلەلمىگەن ئىدىڭ. لېكىن مەن ھەقىقەتەنمۇ سېنى بۆلەكچىلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم. مەن ساڭا شۇنى ئېيتايكى، مەن سېنى خۇددى ئۆز ئوغلۇمدەك ياخشى كۆرىمەن. ئەگەر ئاتا دەپ ئېيتىشقا توغرا كەلسە، دەل مېنى دېسەڭ تازىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ.

    سەن خىرىستىئانلار ئولتۇراقلاشقان ھەرقايسى ئەللەرنى كېزىپ يۈرىسەن، ئۇلاردا ئەزەلدىن ھېچقانداق ئېتىقاد بولغان ئەمەس. (ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقاد كۆزدە تۇتىلىدۇ) سەن ئۇ يەرلەردە كۆپلىگەن پاسكىنىچىلىقلارنى يۇقتۇرىۋېلىشىڭ مۇمكىن. ئەۋلىيالىرىمىز سانسىزلىغان دۈشمەنلەرنىڭ ئارىسىدا ساڭا قانداقمۇ نەزەر ئاغدۇرالىسۇن؟ مەن خوجايىنىمىزنىڭ قايتىپ كېلىش ۋاقتىدا، مەككىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىپ كېلىشىگە تىلەكداشمەن؛ سىلەر رەسۇلىللانىڭ ئۇ مۇقەددەس زېمىنىدا ھەممىڭلار بىر نۆۋەت پاكىزلىنىپ چىقىڭلار.

                                                            خەير-خوش

    1711-يىل جامادىيەلئاخىر ئېيىنىڭ 10-كۈنى، ئىسپاھاندىكى ئىچكى قورا.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.