يېڭى يىل ھارپىسىدا پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىشى بىلەن پەلەستىن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى سىناقلارغا يولۇقتى.
يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، پەلەستىن ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولماستىن، يەنە پەلەستىننىڭ بىر قاتار خەلقئارا شەرتنامىلەرگە كېرىشنى ئىلتىماس قىلىشى ئىسرائىلىيەنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى، بۇنىڭ بىلەن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى يەنىمۇ جىددىيلەشتى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئىسرائىلىيەنىڭ بېسىمىدا ۋەزىيەتنى كونترول قىلىپ تۇرۇش تۇرالماسلىقى، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇرالماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كېيىنكى قەدىمدىكى يۈزلىنىشىنى بەلگىلەيدۇ.
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى، پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى ماقۇللىمىدى. 31-دېكابىر، پەلەستىن رەھبىرى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ رىم ئەھدىنامىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا ئەھدىنامە ۋە شەرتنامىگە كېرىش تەرتىپىنى دەرھال يولغا قويۇشنى قارار قىلدى. پەلەستىن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا كىرسە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايىتى توغرىسىدا ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي رەھبەرلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى مۇمكىن.
پەلەستىن تەرەپنىڭ بۇ تەدبىرى ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى. ئىسرائىلىيە 1-يانۋار پەلەستىن تەرەپكە تاپشۇرىدىغان 2014-يىلى 12-ئايدا پەلەستىن تەرەپكە ۋاكالىتەن يىغقان 128 مىليون ئامېرىكا دوللىرى باج پۇلىنى تاپشۇرۇشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى، ھەمدە تېخىمۇ قاتتىق جازالاش ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىمۇ، پەلەستىنگە ھەر يىلى بېرىدىغان 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادى ياردىمىنى توختىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇ، باجغا تايىنىپ ھەرىكىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان پەلەستىن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر غايەت زور بېسىم بولدى. پەلەستىننىڭ تاموژنىسى يوق، شۇڭا پەلەستىنگە ئېكسپورت قىلىنغان بارلىق ماللاردىن ئالدى بىلەن ئىسرائىلىيە باج ئالىدۇ، ئاندىن ئىسرائىلىيە بۇ باجنى پەلەستىنگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. بۇ پۇل ھەر يىلى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، پەلەستىن ھۆكۈمىتى خام چوتىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.
پەلەستىننىڭ باش سۆھبەت ۋەكىلى ئېركات مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىننىڭ باج كىرىمىنى توڭلىتىش ھەرىكىتى پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنى ئاجىزلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە بۇ ھەرىكەتنى قوللىنىدىغان بولسا، پەلەستىن ئىسرائىلىيەدىن بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
پەلەستىن ئەقلى ئىسكىلات مۇتەخەسسىسى ئەخمەت رافىك مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتى پەلەستىننىڭ خەلقئارا شەرتنامىگە كېرىش ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئۈمىد قىلىپلا قالماستىن، بەلكى پەلەستىننى ئىسرائىلىيە بىلەن شەرتسىز بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇرلاشتىن ئىبارەت، بۇ كەلگۈسىدىكى ھەل قىلىش لايىھەسىدە ، پەلەستىننىڭ ئاجىز ۋە ھاقارەتكە ئۇچراشتەك ئوبرازىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىن دېرەك بىرىدۇ.
ئۇ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ئىسرائىلىيە بىلەن مۇرەسسەلەشمەيدۇ. مېنىڭچە، پەلەستىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن شەرقىي ئېروسالىمدىكى تۇرالغۇ مەھلىلىرى قۇرۇلۇشىنى توڭلىتىشتىن ئىلگىرى تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئەگەر پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى تىنچلىق سۆھبىتىنى شەرتسىز باشلاشنى قوبۇل قىلىدىغان بولسا، ئەل رايىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالىدۇ. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۈزتۇرانە توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
كۆپلىگەن پەلەستىنلىك تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: گەرچە ئىسرائىلىيە پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىغا ئۈزلۈكسىز بېسىم ئىشلىتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئورگاننى ئاغدۇرۇپ تاشلىيالمايدۇ. پەلەستىنلىك سىياسىي تەھلىلچى سامىر ئاۋاد مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلانسىمۇ، ئىسرائىلىيە بۇنىڭ ئۈچۈن غايەت زور بەدەللەرنى تۆلەيدۇ، زور سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭا ئىسرائىلىيە ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق خەتەرلىك تەرەپكە يۈزلىنىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ ھەمدە باجنى مەڭگۈ توڭلاتماي.
نۆۋەتتىكى قالايمىقانچىلىقتىن قانداق قۇتۇلۇش توغرىسىدا، پەلەستىننىڭ سابىق دىپلوماتىيە ئەمەلدارى، سىياسىي تەھلىلچى نەبى ئامۇر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپ يىللاردىن بويان ئىلىپ بېرىلغان تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىز بولۇشى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى نۆۋەتتىكى قاتمال ۋەزىيەتكە ئىلىپ كىرگەن مۇھىم سەۋەب، مېنىڭچە، پەلەستىن خەلقئارا شەرتنامىلەرگە كېرىش قەدەمنى ۋاقتىنچە ئاستىلاتسىلا، ئاندىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىشدىن ساقلىنالايدۇ، بىراق، بۇنىڭغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس 4-يانۋار، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە قارار لايىھەسىنى قايتىدىن سۇنۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىغا بولغان ئىشخالىيتىگە مەلۇم مۇددەت ئىچىدە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئابباس مۇنداق دېدى: مەن، قارار لايىھەسىنى قايتىدىن سۇنۇش ئىشى توغرىسىدا ئىيوردانىيە قاتارلىق ئەرەب ئەللىرى بىلەن كېڭەشتىم. پەلەستىن ئۆتكەن ئايدا سۇنغان لايىھە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئىنكار قىلىندى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بىز مەغلۇپ بولمىدۇق، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىزنى مەغلۇپ قىلدى. پەلەستىن قارار لايىھەسىنى بىر ھەپتىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم سۇنۇشى مۇمكىن. بىز ئۈچىنچى قېتىم، ھەتتا تۆتىنچى قېتىم تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمىز.
ئابباس مۇنداق دېدى: پەلەستىن دېموكراتىك ۋە تىنچلىق ئۇسۇلى بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈش ۋاسىتىسىنى قوللىنىش ئارقىلىق، خەلقئارا قانۇن قوغدايدىغان قانۇنلۇق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved