مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئالاھىدە مۇتەخەسسىسى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى جۇڭگو سەنئەت تەتقىقات يۇرتى ئاسپرانتورىيەسىنىڭ پىروفېسسورى خې شۈفا ھازىرقى توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىنى 12 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئۇزارتىش، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى مەجبۇرىيەت مائارىپى دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدا پۈتۈنلەي ھەقسىز مائارىپنى يولغا قويۇش؛ تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مائارىپنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ساپا مائارىپىغا قارىتىش، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئۆيىگە يېقىن جايدا كىرىش، رايونلار، شەھەر-يېزىلار، مەكتەپلەر ئارا پەرقنى تەدرىجىي كىچىكلىتىپ، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى بايلىقىنى باراۋەر تەقسىملەش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
بۇ تەكلىپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بىراق، 12 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى راستتىنلا يولغا قويغىلى بولامدۇ؟ 12 يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يولغا قويغان تەقدىردىمۇ، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانىنى ئەمەلدىن قالدۇرغىلى بولامدۇ؟ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئېلىمىزنىڭ تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى «ئەمەلدىن قالدۇرۇش» بىلەنلا ھەل بولىدىغان ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭدا قوبۇل قىلىش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىمتىھاننىڭ ئىقتىدارىنى تاللاشتىن باھالاشقا ئۆزگەرتىش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved