6-مارت سائەت 18:00دە، ئۈرۈمچى خەلق مەيدانىدا بالىلار لەگلەك ئۇچۇرۇپ ئوينىماقتا.
شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى: ئۈرۈمچىدە ئالدىنقى ھەپتە ياغقان قاردىن كېيىن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ كىشىلەر قايتا قىش قوينىغا قايتىقاندەك ھېسىياتتا بولدى. بۈگۈنكى كۈندە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچى ئاجىزلاپ، شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئېچىلىپ،تېمپېراتۇرا بارا-بارا ئۆرلىدى. ئەمما جەنۇبىي شىنجاڭدا داۋاملىق توپا-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى.
مۇخبىرنىڭ 6-مارت مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ھاۋا ئارقا-ئاقىدىن ئېچىلغان. ئەمما تېمپېراتۇرىدا زور ئۆزگىرىش بولمىغان. ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مۇلازىمەتچىسى دو شىنيىڭنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، نۆۋەتتە سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى سوغۇقھاۋا توپلىمىنىڭ كونتروللىقدا ئىكەن. تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلمىسىمۇ،تېمپېراتۇرا ئۆرلەش ئۈچۈن بىرجەريان كېتىدىكەن.
3-مارت سەھەردىن باشلاپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىشى بىلەن شىمالىي شىنجاڭدا قار يېغىپ، تۇرپان ئويمانلىقى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا كۆرۈنەرلىك توپا-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى. دوشىنيىڭنىڭ ئېيتىشىچە، 3-ۋە 4- كۈنلىرى توقسۇن، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردا قاتتىق بوران چىقىپ، قوم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. 6-مارتقا قەدەر كۆپ قىسىم جايلاردىكى توپا-توزانلىق ھاۋارايى ئۆزگىرىپ توپا ياغقان.قەشقەر ۋىلايىتدە كۆرۈش ئارلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، بىر قىسىم ناھىيە، بازارلاردا كۆرۈش ئارلىقى بىر كىلومتېرغىمۇ يەتمىگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved