-
2011-10-21
نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-2 - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-2
ئاپتور: ئابلاجان ئۈمىديار
شائىر نەۋائى يەنە ئالەمنىڭ گۈزەللىكى، ئىنسان ئارزۇ-غايىلىرىنىڭ رىئال ھەم مۇقەرەرلىكى، ئەمما پەلەكنىڭ رەھىمىسىزلىكى ھەققىدە ئالاھىدە توختىلىدۇ. ئىنساننى پۈتكۈل ئالەم ۋە ھاياتلىق تۈرلىرىنىڭ مەركىزىدە قويۇپ تونىغان.نەۋائى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەرىپەتپەرۋەرلىك، ئادالەتپەرلىك ۋە گۇمانىزم قاتارلىق ئىلغار ۋە تەرەققىيپەرۋەر قاراشلىرىنى سەنئەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى شەكلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ ، ئۇلارنى يۈكسەك ئىدىيىۋى چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلالىغان. نەۋائى ئىجادىيىتىدىكى بۇ خىل ئىدىيىۋى يۈكسەكلىك ئۇنىڭ ئىشىق ۋاسىتە قىلىنغان لېرىك غەزەللىرى ۋە ئىپىك ئەسەرلىرىدە تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلىنىدۇ.
-
2011-10-21
نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە - 1 - [كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى]
نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە-1
ئاپتور: ئابلاجان ئۈمىديار
مۇھىم مەزمۇنى: ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 15- ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇر شائىرى نەۋائى (1441-1501) ئۆزىنىڭ 60 يىللىق ھاياتى ۋە ئىجادىيىتىدە ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئۆرنەك بولغىدەك يۈكسەك بەدىئىي نەمۇنە ياراتقان. نەۋائى ئەسەرلىرى يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيە ۋە يۈكسەك ئىستېتىك قىممەتكە، كۈچلۈك پەلسەپىۋى ئىدىيىۋى ئاساسقا، يۈكسەك دەرىجىدىكى ئۇنىۋېرساللىققا ئىگە. بۇ ماقالىدە، نەۋائى ئىجادىيىتىنىڭ ئىدىيىۋى مەنبىئى ھەققىدە قىسقىچە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: نەۋائى ئىجادىيىتى ئىدىيىۋى مەنبىئى
-
نەۋائى داستانلىرىدىكى مۇھەببەت تراگېدىيىسى
ئاپتور: مۇھەممەد ئىمىن(سەبۇرى(
ئەلشىر نەۋائى (1441-1501)ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بەش يېرىم ئەسىردىن بۇيان خەلقىمىزگە ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ كەلدى ۋە پەن – مەدەنىيەت، سەنئەت، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. نەۋائى يەنە جاھان ئەدەبىياتى مۇنبىرىدىمۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە مەشھۇر گۇمانىستىك شائىر سۈپىتىدە پەخىرلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى.