ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە:

    شەھـەردىـن چـىـقـىـپ كـېـتـىـش

    (يوللۇقنامە)

    بۇ شەھەر ئاھ، ماڭا پاتقىنى بىلەن،

    ئوتتۇز يىل شەھەرگە پاتمىدىم زىنھار.

    ئۆلۈكنىڭ لىۋىدەك سوغۇق بۇ شەھەر،

    مەن بىلەن جەمشىتتەك ئوينىدى قىمار.

     

    شەھەرگە پاراسلاپ يامغۇر ياغىدۇ،

    شەھەرنىڭ يۈرىگى سوغۇق بەك سوغۇق.

    بىر لۈكچەك شائىر بوپ ئاتالدىم ئاخىر،

    بىر گۇڭگا شېئىردەك ئۈنلىرىم بوغۇق.

  •  (4)يېزا پىروزىچىلىقىدا يېزىغا بولغان سۆيۈنۈش، سېغىنىش، ھېرىسمەنلىك تۇيغۇلىرى ئىپادىلىنىدۇ.ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن يېزا يازغۇچىنىڭ يۇرتى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسى بولىشى، ئۇرۇق تۇققان، ئاتا-ئانالىرى تۇرىۋاتقان بولىشى سۈپەتتە كۆپرەك تەسۋىرلىنىدۇ. يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئەھمىيتى: دۇنيادىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ خاس مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوينايدىغان قىممىتى ھەم رولىنى نامايەن قىلىشتا، كىشىلەرنى ئايرىم خاس مەدەنىيەت مۇھىتىدىن زوقلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيتى بار

  • 1.يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئىلىمىزدىكى بارلىققا كېلىشى   

         ئىلىمىزدە 1911-يىلدىكى 4-ماي ھەركىتى جۇڭگونى 20-ئەسىر مەدەنىيتى بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئۇزاق داۋاملاشقان فىئۇداللىق مەدەنىيەتكە نىسبەتەن زامانىۋى تاللاشنى يولغا قويدى.  زاماننىڭ مانا شۇنداق بىر بۇرلۇش نۇقتىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى مۇتەپەككۇرلار، يازغۇچىلار نەزىرىنى يېزا-مەھەللىلەرگە قاراتتى. چۇنكى يېزا-مەھەللىلەر، فىئۇداللىق مەدەنىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرنىشى ئىدى.