ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-06

    ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە: شەھـەردىـن چـىـقـىـپ كـېـتـىـش - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە:

    شەھـەردىـن چـىـقـىـپ كـېـتـىـش

    (يوللۇقنامە)

    بۇ شەھەر ئاھ، ماڭا پاتقىنى بىلەن،

    ئوتتۇز يىل شەھەرگە پاتمىدىم زىنھار.

    ئۆلۈكنىڭ لىۋىدەك سوغۇق بۇ شەھەر،

    مەن بىلەن جەمشىتتەك ئوينىدى قىمار.

     

    شەھەرگە پاراسلاپ يامغۇر ياغىدۇ،

    شەھەرنىڭ يۈرىگى سوغۇق بەك سوغۇق.

    بىر لۈكچەك شائىر بوپ ئاتالدىم ئاخىر،

    بىر گۇڭگا شېئىردەك ئۈنلىرىم بوغۇق.

     

     

    ئىلاۋە: مەزكۇر شېئىرنى قەدىرلىك شائىر ئاكام ئەكبەر ئىمام كۆكبۆرە مېنىڭ ئۈرۈمچىدىن قايتىش مۇناسىۋىتىم بىلەن «يوللۇقنامە» سۈپىتىدە يازغان ئىكەن. ئەكبەر ئاكامنىڭ سەمىمىي قېرىنداشلىق مېھرى سىڭگەن ئۇشبۇ مىسرالارنى يازغۇچىلار تورىدىن بىلوگىمغا يۆتكەپ كەلدىم. ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرگە ئاللاھدىن ئاسانلىق، خاتىرجەملىك تىلەيمەن. 

    分享到: