ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-06

    تەۋسىيەم: «تارىم قەدىمىيەتلىرى» - [تەۋسىيە كىتابلار]

     

    ئابدۇمىجىت مۇھەممەد:

    بۇغدا ئابدۇللانىڭ يېڭى كىتابى:-«تارىم قەدىمىيەتلىرى»

     

    2012-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ سائەت 9:30بىلەن جىرىڭلىغان تېلېفۇن ماڭا باشقىچە ئىللىق تۇيۇلۇپ كەتتى. چۈنكى تېلېفون ئىكىرانىدىكى تونۇش نومۇر مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك سۆيۈملۈك ئىدى.بۇ نومۇر ھەرقېتىم تېلېفونۇم ئىكىرانىدا كۆرۈنگەندە ماڭا بىر يېڭىلىقتىن ۋە ياكى بىر ياخشى ئىشتىن خەۋەر كېلەتتى.  ئەكسىچە بولغاندا، ۋە ياكى نومۇر ئىگېسى ئوڭايسىز ئەھۋالغا يولۇققاندا بولسا بۇ نومۇر ھەرگىزمۇ تېلېفونۇم ئىكىرانىدا كۆرۈنمەيىتتى...

       ئادېتىم بويىچە بىر خىل گۇناھ تويغۇسىدا تېلېفۇننى ئالدىم. چۈنكى ھەرقېتىم بۇ نومۇرنى كۆرگەندە ئۆزۈم قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى تېخى قىلپ بولالمىغاندەك، ئۇستازىم ماڭا تېلېفۇن قىلىشنى ئويلاپ بولغۇچە مەن تىلېفۇن قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەندەك ھېس قىلىپ، ئۆزۈمنى ياراملىق شاگىرىت بولالمىغاندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم.بۇ قەلبىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ سىماھلارنىڭ بىرسى بولغان سۆيۈملۈك ئۇستاز بۇغدا ئابدۇللا ئىدى.

      -ھە، ئابدۇمىجىت ئەپەندىمۇ؟ دەيىتتى بۇغدا مۇئەللىم مىھرىبانلىق بىلەن،- تۇنجى خوش خەۋەردىن سىلىنى خەۋەردار قىلاي دېدىم...

       شۇنداق قىلىڭ، مۇئەللىم . مەنمۇ شۇنداق خۇش خەۋەرگە مۇھتاج ئىدىم- دەيىتتىم ھەرقىتىم خۇرسەنلىك بىلەن.

    بۇ قېتىممۇ بۇ سۆيۈملۈك سۇئال-جاۋابلار تەكرارلانغاندىن كېيىن قەلبىمنى ھاياجانغا سالىدىغان خەۋەردىن بىرسىنى ئېشىتكەن قۇلاقلىرىم شاتلىقتىن تىتىرەپ كەتتى...

     

    بۇغدا ئابدۇللا

    تارىم قەدىمىيەتلىرى

    (ئانا يۇرت ئەسلىمىلىرى)

    شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى

    2011-يىل 12-ئاينىڭ 1-كۈنى

    سانى: 4000-1

    باھاسى: 55 سوم

     

    تېلېفۇن قويۇلغاندىن كېيىن، ئاندىن تېلېفۇندا دېيىلگەن سۆزلەرنى قايتىدىن ئەسلەشكە باشلىدىم.كېتاب نەشىردىن چىققان ئىدى. ئەمما تۇنجى سىناق نوسخىسى بولغان نەچچە پارچە كېتاب ئاپتۇرنىڭ قولىغا تەگكەن ئىدى. قالغان كىتابلار چاغاندىن كېيىن ئاندىن كىتابخانىلارغا سىلىنماقچى ئىدى.مۇئەللىمنىڭ ئىيتىشىچە كىتاب خەلقئارالىق ئۆلچەمدە ناھايتى سۈپەتلىك چىققان بولۇپ، ئىككى يەردىكى «سۆز ئالىمىشىپ قىلىش»خاتالىغىدىن باشقا جايلاردا ئاساسەن خاتالىق سادىر بولمىغان ھەم ئەسلى ئورگىنال ئاساس قىلغان ئىدى. كېچىچە شۇ كىتاب ھەققىدە ئويلاپ چىقتىم. بۈگۈن ئەتتىگەن سائەت 7:30 دە باشلانغان ئالدىراشچىلىق كەچ سائەت 5:00 گە ئۇلىشىپ ئۆز ۋاقىتلىرىمىغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئەشۇ كىتابنى كۆرمەك بولۇپ دەرھال شىنجاڭ ئۇنىۋىرستېتىغا قاراپ چاپتىم. سۆيۈملۈك ئۇستازنىڭ ئۆيىدە، قىسقا سالام سائەتتىن كېيىن بۇ كىتابنى ئىپتىخار بىلەن قولۇمغا ئىلىپ ئاندىن ھاردۇقۇم سەل چىققاندەك بولدى.

     -قولۇمدىكى ئىككى پارچە كىتابنىڭ بىرىنچىسى سىلىگە كەتتى.ئاۋال بىر قور كۆرۈپ چىقسىلا-دېدى ئۇستاز ئۇدۇللا، -ئاندىن باشقا پاراڭلارنى قىلىشايلى...باشقا پاراڭلار بىلەن، جۈملىدىن شېئرىيەت ئېشقى بىلەن خىلى ئۇزاق ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۈپ ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگەندە گەرچە سائەت ئاللىقاچان 10:00 بولۇپ بولغان بولسىمۇ دائىم كۆڭۈلنى ئاغرىتىپ تۇرىدىغان سۆيۈملۈك مۇنبىرىمىزگە ۋە مۇنبەرداشلىرىمغا بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ يەتكۈزۈشنى يۈرەك تېۋىشى دەپ بىلىپ بارماقلىرىمنى كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە ئوينىتىشقا باشلىدىم. ھەم موشۇ ئاددى، ئەرزىمەس ئەمگەكلىرىم ئارقىلىق ھەقىقى رەۋىشتە ئۇيغۇر شېئىرىيتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى سۆيىدىغان ئەزىزلەرگە سالام بېرىپ ئۆتۈشنى بۇرچۇم دەپ بىلدىم...

    2012-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۈرۈمچى

     

    مەنبە: يازغۇچىلار مۇنبىرى

     

    分享到: