ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-06

    ئەسەرلىرىم:مەن ۋەتەن دەپ ئېچىلغان گۈلنىڭ يېنىدا - [رەشىد ئەدەبىي ئەسەرلىرى]

    مەن ۋەتەن دەپ ئېچىلغان گۈلنىڭ يېنىدا

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

    «مەن كىم؟ مەن قەيەردە؟» دېگەن سۇئالنى كۆپ ھاللاردا ئىنسان ئۆزىگە يولدىن ئادىشىپ قالغىنىدا، ياكى مەلۇم بىر ئورۇندىكى ھەيرانلىقىدا ئۆزىدىن سورىشى مۇمكىن. بۇ كۈنلەردە بۇ ئۈرۈمچىدىكى ئۈچ يىللىق ئىلىم تەلەپكارلىقىمنى خۇلاسىلەپ، ئوقۇشۇمنى تۈگىتىپ ئۆز يۇرتۇم قەشقەرگە قايتىپ كەلدىم. قەشقەرنىڭ كوچىلىرىنى ئايلىنىپ كېتىۋىتىپ ئۆزۈمنىڭ ئارمانلىرىم غايىلىرىم ھەققىدە كۆپرەك ئىچىمنى تىڭشايدىغان، ئىچىمدىكى تەلقىنلىرىمنى ئېرىغداپ باقتىم.

    «مەن كىم؟» بۇ سۇئالنى ئۆزۈمدىن ھەر قېتىم سورىسام بىر قېتىم ھەم غەيرەتكە ھەم خىجالەتكە چۆكىمەن. بۇ سۇئال ماڭا ھاياتىمدىكى كىشىلىك غايەمنى ئەسلىتىپ غەيرەتكە تولدۇرۇپ، رىغبەت بەرسە، يەنە ئوخشاشلا ئۆزۈمنىڭ قىلغانلىرىنى، قىلىۋاتقانلىرىمنى دەڭسىتىپ، ئارمانلىرىم ئالدىدا قىزاتىدۇ. مېنى يەنىمۇ سەگەك، يەنىمۇ ئىزلىنىپ ياشاشقا باشلايدۇ. شۇنداق، مەن ئاددى بىر زىيالى. ئەمما ھەرگىز نان سوقتى، جان باقتىلاردىن ئەمەس. مېنىڭ ئاددىيلىقى ئەتراپىمدىكى قېرىنداشلىرىمغا ئوخشاش ھايات قىسمىتىنى تېتىپ ياشايدىغانلىقىمدا، ئۇلارنى ئۆزۈم بىلەن ئىنسانىي ھەق – ھوقۇقتا، ئىززەت – ھۆرمەتتە تەڭ كۆرىدىغانلىقىم بىلەن بىرگە. مېنىڭ ئاددىيلىقىمدا يەنە ئۆزۈمگە يۈكلىگەن مەجبۇرىيەتلىرىم بار. ئۇنۇتماكى، سەن ئاددىيلىقڭدا كۆتۈرگەن ئۇلۇغ ئارمانلىرىڭ، ئارزۇلىرىڭ بىلەن بۈيۈكسەن، ئەي ئادەم!

    «مەن قەيەردە؟» دەپ سورىغىنىمدا ئىچىمدىن بىر سۈزۈك سادا ئۆرلەپ چىقىدۇ. مەن ئۆزۈم يېتىلگەن، ئەر بولغان، ۋەتەن دەپ تونۇغان ئەزىز دىياردا. مەن شەۋقى ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالغان،

    «كۆرمىگىل بۇ جاينى كەم، بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر،

    ھەزىرەتى سۇلتان سۇتۇق، بۇغرايى خاقانلار ياتۇر.

    ................................................................»

     

    دەپ نەرە قىلغان، جار سالغان زېمىندا. مەن ئۇلۇغلارنىڭ ئىزى، نەزىرى، ئۈمىدى چۈشكەن زېمىنىدا.

    مەن «ۋەتەن» دېگەن غايەت چوڭ بىر رېئال «داستان» ئۈستىدە.

    بۇ «داستان»غا تالاي ئەسىرلەردىن بىرى ئەفراسىياپ، كاشىغەرى، خاس ھاجىپ، يەسەۋۋى، نەۋائىي، داموللام، شەۋقى ... قاتارلىق ۋەتەن ئوغلانلىرى ئۆز ھاياتى، ئۇرغۇپ تۇرغان پاكىز قانلىرى بىلەن سىياھ بولدى. شۇڭا بۇ «داستان»دىن ئۇلارنىڭ ھېدى كېلىدۇ. بۇ «داستان»نىڭ قۇرلىرىدىن ئۇلارنىڭ سىيماسى ئايان بولىدۇ. بۇ «داستان»نىڭ ئەقلەن مەنىسىدىن بابالارنىڭ ئەقىل ۋە پەزىلەتتىن نۇرلانغان ھۆر ئادىمىيلىك قەددى ھەر قاچان زەبەردەست تىك تۇرىدۇ. مەن ئاشۇ رېئال «داستان»نىڭ مۇكەممەللىكى، گۈزەللىكى ئۈچۈن ئاددى بىر پەش چېكىت بولالىسام دېگەن ئۈمىدتىمەن. شۇنداق، مەن ۋەتەن سۆيگەن ئوغلانلارنىڭ ئىزىدا. مەن ۋەتەن سۆيگەن ئوغلانلارنىڭ ئۈمىدىدە. مەن ۋەتەن دەپ ئېچىلغان گۈلنىڭ يېنىدا. مەن ۋەتەن دەپ يانغان چېراقلارنىڭ يېغىدا.

     

    جاھان چەرخى چۆرگىلىدى، يېڭىلاندى،

    پەسىللەر رەڭگىن تۈزدى بۇندا رەت رەت.

    چېچەكلەر خازان بولدى تەكرار ئەمما

    بۇ ۋەتەن ئۈمىدى سۇلمىدى پەقەت.

     

    قۇشلارنىڭ ئېغىزىدىن نەۋا يۈتمىدى ،

    سامانى كۈيلىدى ھاياتتا ئەبەد.

    ئۈمىدلەر ئېچىلىپ تۇرغاچ گۈل كەبى،

    بۇ ۋەتەن ئۈمىدى سۇلمىدى پەقەت.

     

    تىك تۇتتى قەددىنى خانتەڭرى مەغرۇر،

    چاقنىدى تاڭلاردا ئەبەدىي يولخەت.

    ۋەتەنگە قوشۇلغاچ باھادىر قېنى،

    بۇ ۋەتەن ئۈمىدى سۇلمىدى پەقەت.

     

     

    تامام

     

    2012-يىلى 4-فېۋىرال، قەشقەر

    分享到: