ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    يېزا تېمىسىدىكى ئەدەبىيات ۋە يېزا پىروزىچىلىقى (2) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     (4)يېزا پىروزىچىلىقىدا يېزىغا بولغان سۆيۈنۈش، سېغىنىش، ھېرىسمەنلىك تۇيغۇلىرى ئىپادىلىنىدۇ.ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن يېزا يازغۇچىنىڭ يۇرتى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسى بولىشى، ئۇرۇق تۇققان، ئاتا-ئانالىرى تۇرىۋاتقان بولىشى سۈپەتتە كۆپرەك تەسۋىرلىنىدۇ. يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئەھمىيتى: دۇنيادىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ خاس مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوينايدىغان قىممىتى ھەم رولىنى نامايەن قىلىشتا، كىشىلەرنى ئايرىم خاس مەدەنىيەت مۇھىتىدىن زوقلاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيتى بار

    (5)يېزا پىروزىچىلىقى سانائەت مەدەنىيتى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەدەنىيتى ئوتتۇرسىدىكى گىرەلىشىش ۋە بۇ خىل گىرەلىشىش جەريانىدىكى توقۇنۇشلارنى چىقىش قىلىدۇ، يازغۇچىنىڭ يېزا مەدەنىيتىگە بولغان قىيالماسلىق، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان ھېرىسمەنلىك پوزىتسىيەسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئۇ كۆپ خىل مەدەنىيەت ھادىسىسىنى چىقىش قىلىدۇ. خاس ئايرىم مەدەنىيەتلەرنىڭ ئوينايدىغان رولىنى نامايەن قىلىدۇ.

    دىمەك، يېزا پىروزىچىلىقى دىگەن بۇ ئۇقۇم خەلىقئارادا   locol colour”دىگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ مەنىسى بولسا: «ئۇ مەلۇم بىر رايوننىڭ ئۆزىگە خاس كۆرىنىشىنى تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇ يەرنىڭ يەرلىك تىلىنى، ئىجتىمائىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، رىۋايەت-ئەپسانىلىرىنى ۋە يەنە شۇ رايوننىڭ ياكى شۇ يەرنىڭ خاس ئالاھىدىلىكىنى تەسۋىرلەيدۇ» دىگەنلىك بولىدۇ.

    ئىلىمىزدە لۈشۈن «يېزا ئەدەبىياتى» دىگەن ئاتالغۇنى 1935-يىلى ئوتتۇرغا قويغان ۋە بۇ ئەدەبىياتنى «يازغۇچىنىڭ شەھەردە تۇرۇپ ئۆز يۇرتىغا نەزەر سىلىشى، ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ پەرقى ئىچىدە يازغۇچىنىڭ ئۆز يۇرتىغا نىسبەتەن ھاسىل قىلغان يىڭى تونۇشىنى ۋە ھىسياتىنى ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىيات» دەپ قارىغان. نەنجىڭ ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ پىرافىسسورى دىڭ فەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ «جۇڭگو يېزا پىروزىچىلىقى تارىخى» ناملىق كىتابىدا «يېزا پىروزىچىلىقى يېزا ئىگىلىك جەمىيتىنىڭ مەدەنىيەت بەلگۈسى شۇنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ سانائەتلىشىشكە قەدەم بىسىشتىن بۇرۇنقى يېزا ئىگىلىك دەۋىرلىرىدىلا ئەدەبىياتتا يېزا پىروزىچىلىقى بار ئىدى. پەقەت جەمىيەت سانائەت دەۋرىگە قەدەم بىسىپ، كىشىلەرنىڭ تەپەككۇرىدا ئىنقىلاپ خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كىلىشى بىلەن ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ زامانىۋى جەمىيەتتىكى توقۇنىشى جەريانىدا ئاندىن يېزا پىروزىچىلىقى ئەسلى ئەھمىيتىنى نامايەن قىلالىدى» دەپ كۆرسىتىدۇ.

    يېزا پىروزىچىلىقى يازغۇچىلىرىنىڭ يېزا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق. مۇنداقچە ئىيتقاندا يىلتىزداش دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىقى، ياشلىق دەۋىرلىرى يېزىدا ئۆتكەن بولىدۇ. ئۇلار كىيىن تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن شەھەرلەردە ياشاش جەريانىدا ئەسلىدىكى ھاسىل قىلغان يېزا ئادەملىرىگە خاس قىممەت قارىشى،( مەسىلەن، بىر خىللىقنى خالايدىغان، ئامان-ئىسەنلىكنى ياخشى كۆرىدىغان، ئۆزگۈرۈشلەرنى قوغلىشىپ كەتمەيدىغان، ئۆز ئالدىغا ياشايدىغان، ئاممىۋى ھەمكارلىقلارغا ۋە شەخسى ئەركىنلىكلەرگە ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمەيدىغان دىگەندەك) تەپەككۇر ئۇسۇلى، ھىسيات قىزىقىشى دىگەنلەرنى تاشلىغۇسى كەلمەيدۇ.

    ئۇلار شەھەر مەدەنىيتىگە نىسبەتەن سوغاق قان بولىدۇ. ماسلىشىش كۈچلۈك بولمايدۇ. شەھەر مەدەنىيتىنىڭ تەسىرى ۋە ئۆزىگە تاتىشلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدۇ ھەتتا ئۇنى چەتكە قىقىش پوزىتسىيەسىنى تۇتىدۇ. ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت-ماكان، زامانغا نىسبەتەن ئىچكى سىغىنىش ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

    يېزا پىروزىچىلىقى-دۇنياۋى خارەكتىرلىك ئەدەبىيات ھادىسىسى سۈپىتىدە ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆتمۈشكە، ئۆتكەن كۈنلىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى، سۆيۈنىشىنى ھازىرقى زامان مەدەنىيتىدىكى ناچار ئامىللارغا بولغان تەنقىدلەش ۋە ئۇنى ئىنكار قىلىشنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ زامانىۋى جەمىيەتكە نىسبەتەن بىر خىل ماسلىشالماسلىق تۇيغۇلىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرمەكتە.

    ئەدەبى تەنقىدچىلىكتە «يېزا پىروزىچىلىقى» دىگەن بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلىشى ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا تەتقىقات ئۇسۇللىرىمىز بىلەن كۈزۈتۈش نوختىمىزنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى.

    4. يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ دۇنياۋى تەرەققىياتى

    تەتقىقاتچىلارنىڭ مۆلچەرىچە، ئىسپانىيەنىڭ 16-17ئەسىرلەردىكى ئەدەبىياتىدا يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ بەلگۈلىرى بار ئىكەن، مەسىلەن، ئىسپانىيەنىڭ بۈيۈك يازغۇچىسى سېرۋانتىسنىڭ (1564-1616) «دونكىخوت» رومانى يېزا ئىگىلىك جەمىيتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە تەسۋىرلىگەن ئەسەر ئىكەن. لىكىن ئۇنىڭدىكى يېزا تەسۋىرى سانائەتلىشىشكە يۈزلەنگەن جەمىيەتنى ئۆزىگە ئارقا كۆرۈنۈش قىلالمىغان ياكى بولمىسا سانائەت مەدەنىيتىنىڭ بەلگىسى بولغان شەھەرلىشىش قىزغىنلىقى تەرك ئىتىلگەن. كىشىلەرنىڭ روھى ھالىتى يەنىلا بارلىق يېزا ئىگىلىك جەمىيتى مەدەنىيتىنىڭ چۈم پەردىسى ئاستىدا قالغان. شۇڭا تەتقىقاتچىلار «دونكىخوت»قا ئوخشاش ئەسەرلەرنى گەرچە يېزا پىروزىچىلىقىنى تەكىتلەيدىغان ئالاھىدىلىكلەر بار بولسىمۇ لىكىن ئۇنى يېزا پىروزىچىلىقىغا مەنسۇپ دەپ قارىمىغان. چۈنكى، بۇنداق ئەسەرلەردە سانائەت مەدەنىيتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىشتەك ئەڭ مۇھىم بولغان بەلگە نامايەن قىلىنمىغان. بۇنداق ئەسەرلەر پەقەت «مىللى ئۆرپ ئادەتچىلىك» ھادىسىسىدىلا چەكلىنىپ قالغان.

    19-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىغا كەلگەندە، ئامرىكا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە يېزا پىروزىچىلىقى ھەقىقى قىياپىتى بىلەن نامايەن بولدى. جامىس كوپىر (1789-1859) ئامىرىكا يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ باشلامچىسى بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرىت خارتىر(1836-1902)، مارك تىۋىن(1803-1864) لارمۇ يىزا پىروزىچىلىقى بىلەن شۇغۇللاندى. ژانىر جەھەتتىكى مۇستەقىللىقى، سانائەت مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە مەدەنىيەتنى ئارقا كۆرنۈش قىلىپ تۇرۇپ، سانائەت مەدەنىيتى نوقتىسىدىن يېزا جەمئىيتىنى كۈزەتتى ۋە ئۆز يۇرتلىرىنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى، شىۋە سۆزىنى، ئىجدىمائىي ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى سۆزلەپ بىرىدىغان ئەسەرلەرنى يېزىپ ئامىرىكا ئەدەبىياتىدا مودىغا ئايلانغان بىر ئەدەبىي شەكىلنى بارلىققا كەلتۈردى.

    19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىغا كەلگەندە ئىتالىيەدە ناتىريالىزىم بىلەن رىئالىزىمنىڭ ئوتتۇرسىدا تۇرىدىغان ئەمەلىيەتنى يىزىش دەيدىغان بىرخىل ئەدەبىي ئېقىم قىزغىنلىقى بارلىققا كەلدى. ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆرۈپ-ئادەت يوسۇنلارنى ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرنى تېخىمۇ ئەمەلى ۋە ئەينەن تەسۋىرلەشنى تەشەببۇس قىلىپ ئۆزلىرىنى «يىزا پىزوزىچىلىقى» نىڭ بايراقدارلىرى دەپ قارىدى. ئۇلار يەنە يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئاغزاكى جانلىق تىللىرىغىچە ھەم ماقال تەمسىللىرىگىچە ئەينەن تولۇق ئىشلەتتى. شۇنداق قىلىپ يىزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئىپادىلەش جەھەتتىكى كۈچىنى تېخىمۇ بېيىتتى. ئىتالىيە يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى ۋىرگا (1922-1840) بولۇپ ئۇ 1874-يىللىرىدىن باشلاپ «دالادىكى تۇرمۇش» «كەنىتتىكى ھىكايە» قاتارلىق بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى يىزىپ ئۆز يۇرتى شىشىلى ئارىلىنى ئارقا كۆرنۈش قىلىپ تۇرۇپ ئۇ يەردىكى تۆۋەن قاتلام كىشىلىرىنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. ئۇ بۇ ئەسەرلىرى بىلەن ئىتالىيىدە يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان.

    20-ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ دۇنيا خارەكتىرلىك تەرەققىياتى تىخىمۇ مۇقەررەرلىككە ئايلاندى. سانائەت ئىنقىلاۋىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، رىئالىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ مۇستەھكەملىشىشى ۋە مودىرنىزىملىق ئەدەبىياتنىڭ مەيدانغا كىلىشى بىلەن يېزا پىروزىچىلىقى بىر تۈر سۈپىتىدە 20-ئەسىرنىڭ ئەدەبىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. 20-ئەسىرنىڭ بىشىدا نورۋىگىيە ئەدەبىيات مۇنبىرىدە «يىزا پىروزچىلىق ئىقىمى» رەسمى بارلىققا كىلىپ، پۈتكۈل ياۋروپا ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئەنگىلىيىلىك يازغۇچى توماس خاردى ۋە باشقا فىرانسىيىلىك بەزى يازغۇچىلار يىزا پىروزىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. ئامرىكىدا بولسا ۋېليام فولكىنىر  قاتارلىقلار يىزا پىروزىچىلىقىنى مۇدىرنىزىملىق ھىكايىلەرنىڭ ئىپادىلەش شەكلى بىلەن ئۆرپ-ئادەت كۆرنۈشلىرىنى تەسۋىرلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئىلىپ بىرىپ ئۇنى ئامىرىكىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلدى. ئامرىكىدىكى يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ تېمىسى ئاساسەن ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ زىددىيتى ۋە كۈرىشىنى تېما قىلىپ، يەرلىك پۇراق ئالاھىدىلىكى ۋە تۇپراق ئالاھىدىلىكى ئەكىس ئەتتۈرۈلدى. شۇڭا يېزا پىروزىچىلىقى ئامرىكىدا «تۇپراق ھېكايىلىرى» دەپمۇ ئاتالدى.

    20-ئەسىردە يەنە سەل قاراشقا بولمايدىغان ئەدەبىيات لاتىن ئامىرىكىسى ئەدەبىياتى ھېساپلىنىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا لاتىن ئامرىكىسىدا ئەدەبىياتنى يەرلىكلەشتۈرۈش ھەركىتى ئەۋج ئېلىپ، ئىندىيانلارنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش كۈچلىك تەشەببۇس قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىندىيانلارنىڭ مىللى ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى، دىنىي ئىتىقاد ئۇدۇملىرىنى، ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى يەنە كۈندىلىك رىئال تۇرمۇشىنى سۈرەتلەشمۇ ئوتتۇرغا قۇيۇلدى. بۇ خىل ئەدەبىي خاھىش لاتىن ئامىرىكىسىدا 60-70-يىللارغىچە داۋام قىلىپ لاتىن ئامرىكا ئەدەبىياتىنى بىراقلا دۇنياغا تۇنۇتتى. دېمەك لاتىن ئامىرىكىسى ئەدەبىياتى يەرلىكلەشتۈرۈش ئاساسىدىكى يېزا پىروزىچىلىقىدىن سىھرى رىئالىزىم، پىسخىك رىئالىزىم ۋە قۇرۇلما رىئالىزىملارغا تەرەققى قىلدى.

    روسىيە ئەدەبىياتىدا شولوخوپ، چىخوپ، تولىستۇي قاتارلىق گىگانىت يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىز يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ دەسلەپكى نامايەندىلىرىنى ۋە بىخلىرىنى بايقايمىز. سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە گوركىنىڭ ئەسەرلىرىدىن چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ ئەسەرلىرىگە يېزا پىروزىچىلىقى داۋاملاشتى.

    دېمەك يېزا پىروزىچىلىقى ئىككى خىل مەدەنىيەتتىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى تۇقۇنىشى داۋامىدا شەھەر بىلەن يېزىنىڭ تۇتىشىدىغان نوقتىسىدا ۋە كىسىشىدىغان يېرىدا تۇرۇپ يېڭى قىممەت يارىتىش ئۈچۈن بارلىققا كەلدى. يېزا تىمىسى دۇنياۋى ئانا تېما. ئۇ ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن ئورتاق تاللاشتۇر.

    فىرانسىيە ئەدەبىياتى يېزا پىروزىچىلىقىدا روسىيە ئەدەبىياتىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ نەتىجىلىك بولدى. بالزاكنىڭ (1799-1850) تەنقىدى رىئالىزىملىق « ياقا يۇرت ئۆرۈپ-ئادەتلىرى تەسۋىرى» ئەسەرلىرىدىن، مۇپاسساننىڭ (1850-1893) تەبىئەت كۆرۈنۈش مەنزىرلىرى ناتۇرالىزىملىق سۈرەتلەنگەن ئەسەرلىرىگىچە ھەتتا ئىمىل زولانىڭ (1840-1902) يېزا بازار تۇرمۇش پۇرىقى پۇراپ تۇرىدىغان ئەسەرلىرگىچە ھەممسى قۇيۇق يېزا تۇرمۇش تۈسىنى ئالغان ئەسەرلىرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى يەرلىك تۈس ۋە ئۆرۈپ-ئادەت كۆرنىشى ئالغان.

    ئامرىكا يازغۇچىسى خاملىن گارلاند يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويدى ئۇ 1894-يىلى يازغان «سۇنغان مەبۇد» ناملىق ئەسىرىدە «يەرلىك تۈس» نىڭ يېزا پىروزىچىلىقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئۇرنىنى شەرھىيلىگەن.

    5.يىزا پىروزىچىلىقىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتى

    20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغا كەلگەندە يېزا پىروزىچىلىقى قايتا سىناق قىلىنىشقا باشلىدى. «جاراھەت ئەدەبىياتى»، «قايتا ئويلىنىش ئەدەبىياتى» دىن «ئىسلاھات ئەدەبىياتىغىچە»، «يىلتىز ئىزدەش ئەدەبىياتى» دىن «يېڭى ئېقىم ھىكايىلىرى»غىچە، ھەتتا «خاتىرە ئەدەبىيات»، «ئەدەبىي ئاخپارات» دىگەنلەرگىچە بولغان ئەدەبىياتلاردا بارلىققا كەلگەن ، زور تەسىر قوزغىغان ئەسەرلەرنىڭ كۈپۈنچىسى يېزا پىرۇزىچىلىقى ئەسەرلىرىدۇر.

    بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇدىكى، مىللىي مەدەنىيەت پىسخىك قۇرۇلمىسى ئاساسى يېزا مەدەنىيتىدە بولغان دۆلەت ئۈچۈن يېزا مەھەللىلەرنىڭ قۇرۇلما قىياپىتىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر يازغۇچىلارنىڭ ئۇمۇميۈزلۈك دىققەت قىلىدىغان ئوبىكتىغا ئايلىنىدۇ.

    يېزا پىروزىچىلىقى ھازىرقى زاماندىكى بىرەر ئېقىم ئەمەس. ئۇ ياكى بىرەر ئېقىمغىمۇ تەۋە ئەمەس. ئۇ بىر خىل ھادىسە ياكى تۈر خالاس. شۇڭا مەيلى قانداق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللانغان يازغۇچى بولمىسۇن ھەممىسى بەلكىم يېزا پىروزىچىلىقىدا ناھايىتى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى يازالايدۇ، يېزا پىروزىچىلىقىنى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىغا مەنسۇپ دەپ قاراش بىر خىل خاتا چۈشەنچە ھېساپلىنىدۇ. ناتورالىزىممۇ، رومانتىزىممۇ ئوخشاشلا يەرلىك ئالاھىدىلىك ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلەرنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بىلەن قارايدۇ.

    يېزا پىروزىچىلىقى يازغۇچىدىن مىللەتنىڭ ئورتاقلىقلىرىنى ئىپادىلەشنى تەلەپ قىلمايدۇ. بەلكى مەلۇم رايۇندىكى مىللىي خاسلىق ئارقىلىق شۇ رايۇننىڭ ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى، ئۆز مىللىتىدىكىلەر بىلەن بولغان پەرىقلىرىنى ئىپادىلەپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. باشقا دۆلەت، باشقا مىللەت بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ پەرق تېخىمۇ روشەن بولىدۇ.

    يېزا پىروزىچىلىقى يازغۇچىلىرى ئالدىدىكىسى ئىككى خىل دۇنيا. بىرى، باشقا دۆلەت، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشىمايدىغان دۇنيا، يەنە بىرسى، باشقا يەر، باشقا ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان دۇنيا، بۇ يەردە كېيىنكىسى تېخىمۇ موھىم. مەسىلەن: بىز ئامىرىكىلىق ئايال يازغۇچى پئورۇل.بۇك  (1973-1892) نى مىسالغا ئالساق، بۇ ئايال جوڭگۇنىڭ جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ جىنجاڭ بازىرىدا چوڭ بولغان. 17 ياشقا كىرگەندە ئامرىكىغا قايتىپ مەكتەپتە ئۇقۇغان. ئۇقۇشنى پۈتتۈرۈپ جوڭگۇغا قايتىپ كەلگەن. ئۇ جوڭگۇدا ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسىلىرىنى، سۇ بۇيىدا ھېكايىلىرى، نۇرغۇن ھېكايە-رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ جوڭگۇ مەدەنىيتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ 1930-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ «بىر جوڭگۇلۇق ئايالنىڭ گەپلىرى»، «ئانا»، «بۈيۈك زىمىن» قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى يازغان.

    بۇ ئەسەرلىرىدە ئۆزى چوڭ بولغان جىنجاڭ بازىرى ۋە ئۇ يەردىكى يەرلىك ئالاھىدىلىك، ئۆرۈپ-ئادەت يېزىلغان. پىئورۇل خانىم 1938-يىلى كۈچلۈك رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن. مۇكاپات سۆزىگە «جوڭگۇ دىھقانلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى مول ھەم ھەقىقى ئىپوسقا خاس تۈس بىلەن تەسۋىرلەپ بەرگەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تەرجىمھال جەھەتتىكى ئاجايىپ تۆھپىلىرى ئۈچۈن بىرىلدى» دەپ يېزىلدى. دىمەك، پىئورۇل خانىم جۇڭگۇلۇقلار ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولمىغان ئەمما باشقا دۆلەت خەلىقلىرىنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ ئۆزگىچە بىلىنىدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى بايقىغان ۋە ئۇنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى بىلەن شۆھرەت قازانغان.

    ئىلى پىداگوكىكا ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات فاكولتىتى ئەكبەر قادىر

    تامام.           مەنبە : يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us