ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    يېزا تېمىسىدىكى ئەدەبىيات ۋە يېزا پىروزىچىلىقى (1) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    1.يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئىلىمىزدىكى بارلىققا كېلىشى   

         ئىلىمىزدە 1911-يىلدىكى 4-ماي ھەركىتى جۇڭگونى 20-ئەسىر مەدەنىيتى بىلەن ئۇچراشتۇردى. ئۇزاق داۋاملاشقان فىئۇداللىق مەدەنىيەتكە نىسبەتەن زامانىۋى تاللاشنى يولغا قويدى.  زاماننىڭ مانا شۇنداق بىر بۇرلۇش نۇقتىسىدا ئەينى ۋاقىتتىكى مۇتەپەككۇرلار، يازغۇچىلار نەزىرىنى يېزا-مەھەللىلەرگە قاراتتى. چۇنكى يېزا-مەھەللىلەر، فىئۇداللىق مەدەنىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كۆرنىشى ئىدى. نەتىجىدە لۇشۈنگە ئوخشاش يازغۇچىلار خەلقنى مەدەنىي جەھەتتىن ئاقارتىش ،ئويغۇتۇش ئۈچۈن فىئۇداللىق مەدەنىيەتنىڭ يىلتىزى  چۇڭقۇر  بولغان يېزىلارنى ئەدەبىياتتا ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبىكتى قىلدى .لۇشۈن قاتارلىقلار غەرب مەدەنىيتىنى پىششق ئىگەللەپ ئۆزلىرىدە ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزغان ئېلىمىزدىكى بىرىنچى ئەۋلات ھەقىقى مەنىدىكى زىيالى ئىدى. ئۇلار زامانىۋى ئاڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ دىھقانلارنى كۈزەتتى. فىئوداللىق مەدەنىيەتنىڭ ئۇلاردىكى ئېچىنىشلىق ھەم چىرك تەرەپلىرىنى بايقىدى. دىھقانلىرىمزنىڭ خارەكتىر خەھەتتىكى گالۋاڭ تەرەپلىرىنى ، روھى جەھەتتىكى بىزەپ شۇنىڭدەك دېھقانلىرىمىزنىڭ ئاڭسىز ھالدا داۋاملىشۋاتقان تىراگىدىيلىك ھاياتىنى بايقىدى ۋە كۈزەتتى.   نەتىجىدە بۇ يازغۇچىلار دىھقانلار بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى قايتىدىن تۇرغۇزدى. كونا زاماننىڭ ز ىيالىلىرىدا بار بولغان دىھقانلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن قويىدىغان ، دىھقانلارنى قالاق،   ئەخمەق، ئەقىلسىز  دەپ قارايدىغان بىر تەرەپلىمە قارشلارنى چۆرۈپ تاشلاپ دىھقانلارنى كىشلىك ئىززەت ھۆرمەت ۋە ئورۇن جەھەتتىن ئۆزلىرى بىلەن باراۋەر دەپ قارىدى .ئەدەبى ئىجادىيەتتە بولسا كونا ئەدەبىيات قارشلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئىجادىيەتتە يېزا ئاممىسىنى- دېھقانلارنى ئىددىيە   جەھەتتىن ئويغۇتۇشنى تەشەببۇس قىلدى.

     ئىلىمىزدە يېزا پىروزىچىلىقى مانا مۇشۇنداق ئارقا كۆرنۈش ئاساسىدا بارلىققا كەلدى .

     لۇشۈننىڭ ھېكايىلىرى ئېلىمز يېزا پىروزىچىلىقنىڭ ئاساسى ئېقىمىغا ۋەكللك قىلىدۇ دىسەك بولىدۇ . ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ئەدەبىيات بىلەن دىھقانلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى زامانىۋىلىققا ئايلاندۇرۇشنڭ تىپىك ئۈلگىسىنى يارتىپ بەردى.ئۇ ھېكايىلىرىدا فىئوداللق مەدەنىيەتنىڭ دىھقانلارنىڭ ئاڭ قاتلىمىدىكى چۇڭقۇر يېلتىزلىرىنى قېزىپ بېرىپ ئۇنى تەتقىق قىلدى .

       ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدا دېھقانلارنى كونا ئەنئەنە، كونا ئەخلاق، كونا قائىدە يۇسۇن تەرتىپلەرنىڭ كىشەندىسى ئاستىدىكى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بارلىق رەزىل، چىرىكلىك، كۆرۈمسىزلىكلەرنىڭ ئەڭ تىپىك گەۋدىسى دەپ قارىدى ھەم شۇنداق تەسۋىرلىدى مەسىلەن:AQ نىڭ روھى كىسىلى پۈتۈ ن كونا جۇڭگودىكى بارلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئورتاق كىسىلى ھېساپلىنىدۇ .لۇشۈن ھېكايىلىرى بىرىنچى بولۇپ ھازىرقى زامان زىيالىلىرىنىڭ دىھقانلارغا بولغان ھەم سۆيۈش ھەم نەپرەتلىنىش، ھېسداشلىق قىلىش ۋە غەزەپلىنىشتەك قوش قاتلاملىق پىسخىكىسىنى ئىپادىلىگەن ئەسەرلەر بولدى ھەم كىيىنكى يېزا پىروزىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ دىھقانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە مۇقىملاشقان قېلىپ يارىتىپ بەردى.

    ئىلىمىزنىڭ لۇشۈندىن باشلانغان يېزا پىروزىچىلىقىدا مۇنداق بىرخىل بايان قىلىش شەكلى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە داۋاملاشتى، مەسىلەن؛ھېكايىدىكى«مەن» ياكى باش پىرسۇناژ نامرات، قالاق، جاپالىق يېزا مۇھىتىدا چوڭ بولىدۇ ۋە دېھقانلار بىلەن قان بىلەن گۆشتەك يىقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ، كىيىن ئۇ باشقا يەرگە بېرىپ ئوقۇيدۇ .غەرب ۋە جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت بىلىملىرى بىلەن قۇراللىنىدۇ ھەتتا ئىنقىلابى مەدەنىيەتنىڭ تەربىيەسىنى ئالىدۇ .ئېڭى ئويغۇنۇپ زامانىۋى مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇنىڭدا ئۆز يۇرتداشلىرىنىڭ جاپالىق رىئاللىقىغا قارىتا چۇڭقۇر ھىسداشلىق قۇزغىلىدۇ ،بىراق ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز يۇرتداشلىرى بىلەن بۇرۇنقىدەك يېقىن ئەپ ئۆتەلمەي قالىدۇ ،ئۇنىڭ نۇرغۇن قاراشلىرى چۈشۈنۈشكە ئىرىشەلمىگەنلىكتىن ئۇ بىئارام بولىدۇ.

    ئىلىمىز 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن باشلاپ زور ئىجتىمائى بۇرۇلۇش دەۋرىگە كىردى. ئىسلاھات ئىشىكنى ئىچىۋىتىش يولغا قويۇلۇپ سانائەتلىشىشكە قاراپ ماڭدى. ئىدىيە، مەدەنىيەت، جەھەتتە يىڭى ئويغۇنۇش بارلىققا كېلىشكە باشلىدى.

    ئىجتىمائى بۇرۇلۇش دەۋرى دىگىنىمىز ئەنئەنىۋى جەمىيەتتىن زامانىۋى جەمىيەتكە ئۆتۈشتىكى تارىخى جەرياننى كۆرسىتىدۇ.بۇنداق ئۆتۈش ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ. مەدەنىيەت، پەلسەپە، تارىخ، جەمىئەتشۇناسلىق، سىياسي، ئىقتىسادى، ئەخلاق، پىسخىكا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان غايەت زور خارەكتىردىكى بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كېلىدۇ.

    جەمىيئەتشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتىچە، ئىلىمىز 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپلا ئىجتىمائى بۇرۇلۇش جەريانىنى بىسىشقا باشلىغان ئىدى. لىكىن تۈرلۈك مۇرەككەپ ھالەتلەر تۈپەيلى ئىدىيە، مەدەنىيەت جەھەتتە تۈپ مەسىلىلەر ھەل بولمىدى، پەقەت 20-  ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى80- يىللىرىنىڭ بىشىغا كەلگەندىلا جۇڭگو جەمئىيتى قايتىدىن زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭدى. ئەنە شۇنىڭدىن باشلاپ جۇڭگو جەمئىيتىدە قۇرۇلما خارەكتىرلىك ھەتتا ئارقىغا قايتمايدىغان ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كەلدى. دىمەك جۇڭگو جەمىيتىدىكى زامانىۋىلىققا قاراپ بۇرۇلۇش 19-  ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلانغان. لىكىن 20- ئەسىرنىڭ   80-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىنى قوزغىلىش نوختىسى قىلغان ئىجتىمائى ئىنقىلاب بولسا بىر قېتملىق چوڭقۇر ئىجتىمائى بۇرۇلۇشتۇر. 

    2.يىزا پىروزىچىلىقى ھەققىدە

    يىزا پىروزىچىلىقىدا يازغۇچىلارنى مۇنداق ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ. بىرى، زىيالي سالاھىيەتتىكى يازغۇچىلار، بۇلار يېزا تۇرمۇشىنى مەدەنىيەت تەرەققىياتى جەريانىدا تۇرۇپ كۈزىتىدۇ ۋە ئىپادىلەيدۇ. مەدەنىيەت جەھەتتىكى قايتا ئويلىشىش جەريانىغا قويۇپ ئىپادىلەيدۇ. زىيالي سالاھىيەتتىكى يازغۇچىلارنىڭ  ئورنى حاس سالاھىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ تىپتا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ناھايىتى ئاز تېپىلىدۇ. يەنە بىرى؛ يىزا ھاياتى تەجرىبىسىگە ئىگە يازغۇچىلار توپى، بۇلار بالىلىقىنى يېزىدا ئۆتكۈزگەن، يېزىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولىدۇ. بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ يېزا ھەققىدىكى تۇرمۇش  تەجرىبىلىرىنى ئاساسەن بالىلىقىدىكى يېزا تەجرىبىسى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ تەجرىبە ئۇلارنىڭ ئىجادىيتىدە ئاساسى سالماقنى ۋە يىتەكچى رولنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنداق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلەرىمۇ ئەسلىدىكى (دەسلەپكى) تەجرىبىسى ۋە كەيپىياتى قاتلىمىدا چوڭقۇرلىشىپ بارىدۇ. شۇڭا ئالدىنقى تىپتىكى يازغۇچىلىرىمغا سىلىشتۇرغاندا بۇ تىپتىكى يازغۇچىلارنى تەبىئىيلىككە ئىگە دىيىش مۇمكىن.

    مەيلى خەنزۇ ئەدەبىياتىدا بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولسۇن يېزىدىن كەلگەن يازغۇچىلار نىسبەتەن كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئولارنىڭ بالىلىق دەۋىرلىرىمۇ يىزىدا ئۆتكەن. مەسىلەن، مەيلى لۇشۇن، گومورۇلار بولسۇن ياكى مەمتىمىن توختايۇپ، ئەنۋەر ناسىرى، ل. مۇتەللىپ لەر بولسۇن. بىراق بۇلار كىيىنكى دەۋىرلەردە قوبۇل قىلغان مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ چەكلىمىسى بىلەن يەنىلا زىيالي سالاھىيەتتىكى يازغۇچىلار تىپىغا مەنسۇپ بولۇپ قالدى.

     بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىمىزدىكى يېزا پىروزىچىلىقىمىزدا بولسا ئۇنداق ئەمەس. بۇ دەۋرگە كەلگەندە زىيالي سالاھىيەتتىكى يازغۇچىلارنىڭ بالىلىقى، دەسلەپكى ھاياتى شەھەر بازارلاردا ئۆتكەن. كىيىن تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن يېزىلارغا بىرىپ بىر مەھەل ياشىغان يازغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا زىيالي ياش بولۇپ يىزىلارغا بارغانلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان يازغۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ. يېزا تەجرىبىسىگە ئىگە يازغۇچىلار تىپى بولسا بالىلىقى، ياشلىقى ئىزچىل يېزىدا ئۆتكەن، كىيىن تۈرلۈك سەۋەپلەر بىلەن شەھەرلەرگە كىرىپ شەھەرلەردە ئۇزاق تۇرۇپ قالغان يازغۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنى ئالدىدىكى يازغۇچىلار تىپى بىلەن سىلىشتۇرغاندا بۇلارنىڭ يېزا ھاياتى  توغرىسىدىكى تەجرىبىلىرى  كىيىن ھاسىل بولغان بولماستىن بەلكى ھاياتنىڭ تەبىئى تەركىۋى قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولىدۇ.

    بۇ ئىككى تىپتىكى يازغۇچىلارنىڭ يېزا ھاياتى ھەققىدىكى تەجرىبىلىرى ئوتتۇرسىدا پەرىقلەر ساقلانغان بولماستىن يەنە ئىجادىيەت قاراش ۋە ئۇسلۇبلىرىدىمۇ پەرىقلەر ساقلانغان بولىدۇ. يەنى كىيىنكى تىپتىكىلەردە يېزا ھاياتى ۋە تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا بولغان ھىسداشلىق كۈچلۈك بولىدۇ. يېزا ھاياتىدىكى نامۇۋاپىق، خۇراپى، بولمىغۇر ئىللەتلەرنى ئىپادىلەشتە بولسا ئىختىيارسىز ئۆزىمۇ شۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ. بېرىلىپ ئىپادىلەپ ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شۇ تۇرمۇشقا مەستانىلىقىنى ئىپادىلەپ قۇيىدۇ. قوغلىشىدىغىنى بولسا ئەسلىگە قايتىش. ئالدىنقى يازغۇچىلار تىپىدا بولسا يېزا ھاياتىدىكى بولمىغۇر ئىللەتلەرگە نىسبەتەن سۇغۇق قانلىق بىلەن نەزەر سېلىش ۋە ئىپادىلەش روشەن بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قوغلىشدىغىنى مەدەنىيلىشىشنى ۋە يەككىلىكنى  تەشەببۇس قىلىش.

    يېزا پىروزىچىلىقىمىزنىڭ بايان تىلىدا بىرىنچى شەخىس تىلىدا بايان قىلىش كۆپ قوللىنىلىدۇ. تىكىستى ماقالە شەكلىدە بولۇش بىلەن خاتىرە شەكلىدە بولۇش بىرلەشتۈرۈلگەن.  ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى قۇراشتۇرۇش شەكلىدىن يىشىش شەكلىگە قاراپ تەرەققى قىلىدۇ.

    ئۈچۈنجى شەخىس بايانىدا ئوبىكىتچانلىق روشەن (ئوبىكتىپلاشتۇرۇلغان) بولىدۇ. بىر خىل ئارلىق تۇيغۇسى بولىدۇ. بىرىنجى شەخىس تىلىدا ئابىستىراكىتلىق روشەن بولىدۇ. ئارىلىق تۇيغۇسى بولمايدۇ. پىرسۇناژلارنىڭ ئىچكى قەلىب تۇيغۇسىنىڭ قاتلاملىرى، تەسىراتلىرىنى ئىپادىلەپ بىرىشكە پايدىلىق بولىدۇ.

    پۈتكۈل جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا حەنزۇ ئەدەبىياتىغا نىسبەتەن پىروزىچىلىق ئىجادىيتى گۈللەنگەن، نەتىجىلەر زور بولغان ئىجادىيەت ھېساپلىنىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بولسا پىروزىچىلىق گۈللەنگىلى تېخى ئۇزاق بولمىدى. راستىنى ئېيىتقاندا بىزنىڭ پىروزىچىلىقىمىز 80-يىللاردىن كېيىن گۈللىنىش باشقۇچىغا كىردى.

    يېزا پىروزىچىلىقى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت، جەمىيئەت ۋە جۇڭگۇلۇقلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ئالاھىدىلىكىگە يېقىنلىشش ۋە ئۇنى چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرگەنلىكى بىلەن كىتابخانلارنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى بىلەن تەڭ بارلىققا كەلدى ۋە ماس قەدەمدە تەرەققى قىلدى. شۇڭا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنى بىلىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىشتا يېزا پىروزىچىلىقىغا ھەرگىز سەل قاراشغا بولمايدۇ.

    يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ ئەكىس ئەتتۈردىغىنى شەھەر بىلەن پەرىقلىق بولغان يېزا مەھەللىۋى تۇرمۇش ۋە يېزا قىياپىتى، ئۇ يەردىكى مەدەنىيەت بەلگىلىرى بولىدۇ، ئېچىپ بىرىدىغىنى بولسا دىھقانلارنىڭ خۇشاللىق ۋە قايغۇلىرى، شاتلىق ۋە ئازاپلىرى ۋە روھى دۇنياسى، قىممەت قارىشى قاتارلىقلاردۇر. ئىلىمىز يېزا پىروزىچىلىقى بارلىققا كەلگەن يۈز يىلغا يىقىن ۋاقىتتا جۇڭگو يېزىلىرىنىڭ ئەگرى توقاي تەرەققىيات ۋە ئۆزگۈرۈش مۇساپىلىرىنى جۇڭگو دىھقانلىرىنىڭ ئازاپلىق، جەڭگىۋارلىق بىلەن تولغان روھى كەچۈرمىشلىرىنى تەسۋىرلەپ كەلدى.

    3.يىزا پىزوزىچىلىقى بىلەن يىزا تىمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ پەرقى

      يېزا پىروزىچىلىقىغا مەنسۇپ ئەسەرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. ۋەقەلىك يېزىدا يۈز بەرگەن بولسىلا ياكى يېزا كۆرۈنۈشلىرى تەسۋىرلەنگەن بولسىلا ئۇ يېزا پىروزىچىلىقىغا مەنسۇپ ئەسەر بولىۋەرمەيدۇ.

    يېزا پىروزىچىلىقى بىلەن يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ.

    (1)    يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر يېزا پىروزىچىلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    (2)  يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە پىرسۇناژلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ياكى ھەممىسى دىگۈدەك دېھقانلار ئاممىسى بولىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە ھەقىقى دېھقان سالاھىتى دېھقان سۈپەت نامايەن قىلىنىدۇ.

    (3)  يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلەردىكى خارەكتىر ئۆزگۈرۈشلىرىنى، يېزىلارنىڭ ئەگرى-توقاي تەرەققىيات مۇساپىسىنى، دىھقانلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنى، يىڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىش جەريانىنى يازىدۇ.

    يېزا پىروزىچىلىقىغا مەنسۇپ ئەسەرلەر بولسا:

    (1)    ئالدى بىلەن مەلۇم رايون، مەلۇم دائىردىكى يېزا تۇرمۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.

    (2)  ئەكىس ئەتتۈردىغىنى بىر مىللەت، بىر خەلىقتىكى ئومومى بولغان ئورتاق بولغان ئالاھىدىلىك ۋە كۆرۈنۈشلەر ئەمەس بەلكى بىر مىللەت ئىچىدىكى مەلۇم رايونغا، مەلۇم دائىرىگە خاس بولغان خاس ئالاھىدىلىكلەر يەرلىك ھەتتا مەھەللىۋى تۈس ئالغان خۇسۇسىيەتلەر بولىدۇ. بۇ نوختىدىن ئالغاندا يېزا پىروزىچىلىقىنىڭ يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرگە سىلىشتۇرغاندا ئىپادىلەش ۋە كۈزۈتۈش نوختىسى تىخىمۇ ئايرىملىققا، تېخىمۇ كونكىرىتلىققا، تىخىمۇ ئالاھىدىلىككە يۈزلەنگەن بولىدۇ.

    (3)       يېزا پىروزىچىلىقدا يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرگە سىلىشتۇرغاندا مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق، مەدەنىيەت ئامىللىرى ئاساسلىق تەسۋىرلەش ئوبىكتى قىلىنىدۇ.  بۇ خىل ئەدەبىيات كىشىلەرگە تېخى بايقالمىغان يەرلىك ھەم مەھەللىۋىيلىككە ئىگە بولغان ئۆرۈپ ئادەت، دېنى ئىتىقات ئادىتى، كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەيدۇ.

    - داۋامى بار


    收藏到:Del.icio.us