ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • تەۋىسىيەم: «ئارۇز ئىلمى»

     

    كىتاب ھەققىدە : - يېقىندا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پېروفىسسور زەمىر سەئىدۇللازادەنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيە تەتقىقاتىمىزدىكى بوشلۇق بولغان كلاسسىك ئارۇز ئىلمىغا بېغىشلانغان مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى «ئارۇز ئىلمى» نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى. ئۇشبۇ كىتاب مۇشۇ ساھەدىكى تۇنجى بىر قەدەر سىستېمىلىق ئىزدىنىش مېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەتقىقاتچىلار ۋە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.

    تۆۋەندە تەۋسىيە بىلەن بىرگە كىتابتىكى كىرىش سۆز قىستۇرۇپ بېرىلدى.

     

    كۆز ئالدىمىزدىكى «ئارۇز ئىلمى» ناملىق بۇ مەخسۇس تەتقىقات ئەسىرى دۆلەتلىك پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن مۇھىم بىر تەتقىقات تۈرىدۇر. مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتورى پىروفېسسۇر زەمىر سەئدۇللازادە جۇڭگودىكى تاجىكلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى دوكتور بولۇپ، تاجىك تىلى، پارس تىلى، خەنزۇ تىلى، ئۇيغۇر تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق تىللارغا پىششىق، كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىمدۇر.
  • ئارۇز گۈلىستانىدىكى ئەراپات ئابدۇرۇسۇل

    ئەراپات ئابدۇرۇسۇل.1986-يىلى 12-ئاينىڭ26 -كۈنى چاپچال ناھيەسىنىڭ قاينۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان.

    مېنى زەررەتلەيدىغان مەنىۋى كۈچلەر ئىچىدە شېئىر موھىم ئورۇن تۇتىدۇ. گەرچە شېئىر يىزىش ۋە ئوقۇش مەۋجۇتلىقىمدىكى مەجھۇل تەرەپلەرنى تەلتۆكۈس يورىتىپ بىرەلمىسىمۇ،ئۇ زاھىرىم بىلەن باتىنىمنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغۇچى تونىل. كېلاسسسىك ئېتىقاتتا يېڭىلىققا ئېنتىلىش مېنىڭ ئىجادىيەت مىزانىم.ئىچمدىكى بارلىق ۋە تېشىمدىكى يوقلۇق مېنىڭ ئىلھام مەنبەيىم.مەن  مەنىۋىيىتىمگە شېئىر ئارقىلىق ئىستېلا ئىلىپ بېرىشقا ئۇرىنىمەن. مەغلۇبىيەت مېنى ئېتىراپ قىلمىغۇچە،مەنزىل تاماسىدىن ۋاز كەچمەيمەن

  •     تۈركىي تىللىق شېئىرىيەتتە سۆزلەرنى بوغۇم تۈزۈلۈشىگە قاراپ بۆلەكلەرگە بۆلۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنىڭ تۈپ قائىدىلىرى ئاساسەن يۇقىرىدىكىلەردىن ئىبارەتتۇر . ئەمما بۇ تەقتېئ قائىدىلىرىنىڭ ھەممىسى ئەمەس. ...


  • زەمىر سەيىدۇللازادە
    ئارۇز ئىلىمىنىڭ تۈركى تىللىق شېئىرىيەتكە تەتبىقلىنىشى بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغان جەريانلارنى بېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئەدەبىيات تارىخىدا بۇ ساھەگە ئائىت يېتەرلىك مەلۇمات بېرىلمىگەننىڭ ئۈستىگە ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئارۇز ئ...