ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەرتۈرك : دىن ۋە ئەدەبىيات (2) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    ھازىر تۇركىيەدە ئورتاق بىر مەدەنىيلىك يوق. تۈركىيە ھازىرغىچە ئېنىق بىر مەدەنىيەت دائىرىسىگە تەۋە ئەمەس. جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ رەھبەرلىك كوللېكتىپى تۈركىيىنىڭ ئەمدى ئىسلام مەدەنىيىتىدە قالمايدىغانلىقىنى، غەرب دۇنياسىغا تېز سۈرئەتتە قوشۇلۇشى كېرەكلىكىنى ئويلاشقان بولۇپ، شۇ سەۋەبتىن ئىسلام مەدەنىيلىكىنىڭ مەنبەلىرىنى (ھېچ بولمىغاندا رەسمىي مۇئەسسەسەلەردە) ئەمەلدىن قالدۇرۇشتى. بۇ تەدبىرنى ئازراق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى دېيىشكە بولىدۇ؛ ئەمما مەزكۇر رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ غەربلىشىش تىرىشچانلىقىمۇ خۇددى ئىسلامدىن قۇتۇلۇش ھەرىكىتىگە ئوخشاش، پەقەت كىچىككىنە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئاددىيلاشتۇرۇپ ئېيتساق، تۈركىيە ھازىر غەرب مەدەنىيلىكىگىمۇ كىرەلمىدى، ئىسلام مەدەنىيلىكىدىمۇ قالالمىدى. تۈركىيىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە بىردەكلىككە ئىگە مەدەنىيلىكى بولمىغاچقا، ئەدەبىياتىنىڭمۇ بىر مەنبەسى يوقتۇر. بولۇپمۇ تۈركىيىدە ياسالما تىل جەريانىنىڭ باشلىنىشىدىن ھازىرغا قەدەر  بارلىققا كەلتۈرۈلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئېنىق بىر مەدەنىيلىككە تەۋە قىلىش، ئۇنى "تەكشۈرۈپ بېقىش" مۇمكىن ئەمەس. غۇرۇرسىزلىق ئۇنىڭغىمۇ، بۇنىڭغىمۇ تەۋە بولمىغان كۆپلىگەن ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر.

    غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ تەسىرىدە ۋە شۇ دائىرىگە مەنسۇپ تەرىقىدە يېزىلغان ئەسەرلەردە ئىككى ئوق يۆنىلىش بار. بۇنىڭ بىرى، ئومۇمەن "ئاۋانگارت" ۋە "مودېرنىستىك" ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەسەرلەرنىڭ يۆنىلىشى بولۇپ، تۈركىيىدە ئۆزىنى ياۋرۇپالىق ھېسابلايدىغان ، ياۋروپالىقتەك كۆرۈنۈپ شۆھرەت، ئېتىبارغا ئېرىشمەكچى بولغانلار بۇ يولنى تاللىدى. ئۇلار ئۆزلىرى بىلمەيدىغان بىر دۇنيانىڭ ئەدەبىيات فورملىرى (شەكىل، ژانىرلىرى)دىن پايدىلانغاندا  بۇ فورملارنىڭ ئىچىنى ھېچبىر ئىدىيە سىستېمىدا قىممىتى بولمىغان ئەخلەتلەر بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار غەرب مەنبەلىرىدىن پايدىلانغاچقا غەرب ئۈچۈن چىنلىق بولغان بىلەن، تۈركىيەگە يات، غەيرىي بىر نەرسىلەرنى بىرەر شەكىل(ژانىر) ھالىتىدە يەتكۈزۈشتى. يېقىنقى ۋاقىتلاردا تۇغۇلۇپلا بۆشۈكىدە تۇنجۇققان < كىرزىس ئەدەبىياتى> ئەنە شۇ مەغلۇبىيەتنىڭ تىپىك ئۈلگىسىدۇر. غەربتە بىر جەمئىيەت تۈزۈلمىسى ۋە پىكىر ئېقىمىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن مەۋجۇدىيەتچىلىك سەنئىتىنى پۈتۈنلەي باشقا بىر دۆلەتتە، باشقا مەسىلىلەر ۋە پىكىرلەر قاينىمىدا ئۆزلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىر مەھەل  ئۆتكۈنچى دولقۇن پەيدا قىلدى.

    ئاۋانگارتچىلار، مودېرنىزمچىلارنىڭ پارقىراق پوستىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، بۇ مودېرنىزمنى ناھايىتى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىككىنچى تەقلىدچىلىك ھەرىكىتى ماركىسىزم ئەدەبىياتىدۇر. مەۋجۇدىيەتچىلىككە ئوخشاشلا ماركىسىزممۇ غەربتە كەڭ تارقالدى. ماركىسىزمنىڭ غەربتە مەيلى پىكىر ئېقىمى ياكى ئەدەبىياتتا بولسۇن ئېسىل ئۆرنەكلىرى تۇرۇقلۇق، تۈركىيىدە ماركىسىزم ئەدەبىياتى ماركىسىزمنىڭ نېگىزلىك ئالاھىدىلىكى بولمىغان زىيادە دۈشمەنلىك، جىنسىي ئەركىنلىك، ئۇرۇش ۋە ھەربىي قارشىلىق، دىنغا دۈشمەنلىك... قاتارلىق ئاساسلىق تېمىلارغا تاقىلىپ قالدى. ماركىسىزمچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى "رەزىل كوممۇنىست" بولۇشتىن قۇتۇلالمىدى. غەربتىن جاپالىق ھالدا قوبۇل قىلىنىۋاتقان ھيۇمانىزم (ئىنسانپەرۋەرلىك) بىر تۈركۈم ماركىسىزمچىلار بىلەن بىر تۈركۈم كىلاسسىكچىلار ئوتتۇرىسىدا شەكلىنى ھەم مەزمۇنىنى يوقىتىپ قويماقتا. ماركىسىزمچىلار ئىنسانلىق ئىدىئالىغا (غايىسىگە) يېتىش ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ يېرىمىنى يوقىتىش كېرەك دەپ قارىسا، كىلاسسىكچىلار كىلاسسىك دەۋر يۇنان ئەپسانىلىرى ئالەمشۇمۇل ئىنسانىي قىممەتلەرنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى دەپ قارىماقتا.

    مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن يەرلىك خاسلىققا ئىگە بولماقچى بولغانلارنىڭ ئەسەرلىرىگە كەلسەك، ئۇلارنىمۇ  ساغلام ۋە يىلتىزى بار بىر ئەنئەنىگە تاياندى دېيەلمەيمىز. يەرلىك خاسلىققا ئىگە ئەسەرلەرنى سۇنماقچى بولغانلار خۇددى ماركىسىزمچىلاردەك ھەقىقىي قىممەتنى قايرىپ قويۇپ، تاشقى كۆرۈنۈشلەر بىلەن كۆپرەك ھەپىلەشمەكتە. ئەسەرلىرىگە مىللىي ئالاھىدىلىكلەرنى سىڭدۈرمەكچى بولغان بىر يازغۇچى بۇ مەدەنىيلىكنىڭ ئاساسلىق قائىدە-پرىنسىپلىرىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىرىنى تېپىشى، ھاياتلىق مەسىلىلىرىمىز ئالدىدا مىللىي مەدەنىيلىك بەخش ئەتكەن ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدىشى كېرەك. ھالبۇكى بىزدە مىللىي مەدەنىيلىك كۆپ ھاللاردا "ئەنئەنىچىلىك" ، يەنى "ئۆتمۈشتىن ھەسرەتلىنىش" ياكى قەدىمقىنى تىرىلدۈرۈش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش مەنىسىدە قوللىنىلماقتا. مىللىي مەدەنىيلىكنىڭ كۆپىنچە تارىخ سۈپىتىدە قوللىنىلىشى بىزنىڭ ئۇ مەدەنىيلىكگە پۈتۈنلەي ئىگە ئەمەسلىكىمىزنى، ئارىمىزدا ئورگانىك مۇناسىۋەت بولۇشتىن بەكرەك ھېسسىي مۇناسىۋەت بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. يېڭى ئەۋلادلارنىڭ (دىنىي مەكتەپلەردىن باشقا) مائارىپ پروگراممى ئىچىدە ئىسلامنىڭ ئورنى يوقتۇر. ئۇلار ئائىلىدە ۋە مەكتەپ سىرتىدا يېتەرلىك ئىسلام (مەدەنىيلىكى) تەربىيىسى ئالالمايدۇ. مىللىي مەدەنىيلىكنىڭ تارىخ، ئۆرپ-ئادەت دېگەندەك تەركىپلىرى مائارىپ ھاياتىمىزدىن سىستېمىلىق ھالدا چىقىرىپ تاشلانماقتا.

    يېڭى ئەۋلادلار ئىسلام (مەدەنىيلىكى) مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلمىگەچكە، زۆرۈر ئىمكانىيەتلەر تېگى تەكتىدىن يوق قىلىندى. ئۇلار ئىسلامنى پەقەت ياشلىق دەۋرلىرىدە بىر تارىخىي ھادىسە سۈپىتىدە بايقاشتى، ئۆزلىرىنى ئۇ مەدەنىيلىك بىلەن ھەمنەپەس ھېسابلىدى، يېڭى تۈركىيىنىڭ مەدەنىيلىك غۇرۇرى ۋە ئۆزگىچىلىككە ئېرىشىشىدىكى بىرىنچى مەنبە سۈپىتىدە ئۇنىڭدىن پايدىلانماقچى بولۇشتى، ئەمما شۇ ئارزۇ قىلغىنىنى (ئىمان-ئىسلامنى) ئۆز ۋۇجۇدىغا ھەقلىق رەۋىشتە سىڭدۈرەلمىدى.

    ھىجرەتنىڭ 15-ئەسىرىگە كىرىپ كەلگىنىمىزدە، تۈركىيىدە ئىسلامىيەتكە قىزىقىش، ئۇنىڭغا قايتىش دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە. تۈركىيىدە ئىسلامىيەتكە قارشى تەشەببۇسلار رەسمىي يوللار بىلەن كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئىسلامنى ئىلىم نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىدىغان ۋە بىر ئىدىيىۋى ھەرىكەت پەيدا قىلالايدىغان قوشۇن  ئاستا-ئاستا يېتىشىپ چىقماقتا. ئىسلامنى ئۆز خاسلىقلىرى بويىچە چۈشەنمەكچى بولغان، بۇ يولدا كۆڭۈل جەھەتتىن تەييارلىقى بولغان سەنئەتكارلارمۇ بار. بۇ سەنئەتكارلار ئۆز ساھەسىدە، بولۇپمۇ ئەدەبىيات ساھەسىدە ئىسلامىي قىممەتلەرنى ئۆزلەشتۈرەلىسە، ئىسلامنىڭ ئىنسانغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردىكى كۆزىتىش نۇقتىسىنى زامانىۋى ھاياتغا باغلىيالىسا ياخشى بولاتتى. بىز تېخىچە ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەقىقىي نىداسىنى ئاڭلىيالمايۋاتىمىز.

    ئىسلام ئەدەبىياتى دېيىلسە، نۇرغۇنلارنىڭ كاللىسىغا ئىسلام تارىخىغا ئائىت ۋەقە ۋە ئادەملەر يېزىلغان ئەسەرلەر ياكى دىن ھەققىدە پەندى-نەسىھەت قىلىدىغان ئەسەرلەر كېلىدۇ. شۈبھىسىزكى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ياكى بىرەر قەۋمنىڭ ھاياتىنى بايان قىلغان بىر رومانمۇ ئىسلام ئەدەبىياتى دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئەمما ئىسلام كىتابلاردىكى ئەمەس، ئەمەلىيەتتىكى تىرىك ھەقىقەت ئۆلچىمىدە قىممەت قازىنىدۇ. بىز ئۇنى بىر ساھابىنىڭ، بىر ئەۋلىيانىڭ ياكى ئۆتمۈشتىكى ھەر قانداق بىر قەھرىماننىڭ ھاياتىدىنلا ئەمەس، ئۆز ھاياتىمىزدىمۇ  كۆپرەك كۆرۈشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى ئىنسان بۈگۈنكى مەسىلىلەر ئالدىدا ئىسلام بىلەن دەرقەمدە تۇرۇشى كېرەك.

    سارترې فرانچىئوس مائورىئاكنىڭ رومانلىرى ھەققىدە سۆزلىگەندە مائورىئاكنىڭ سەنئەتكار ئەمەسلىكىنى، چۈنكى تەڭرىنىڭ سەنئەتكار ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. مائورىئاك بىر كاتولىك بولۇپ، رومانلىرىغا خرىستىئانلىقنىڭ گۇناھ يۇيۇش تەشەببۇسىنى سىڭدۈرىدۇ. سارترې بۇنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ، بۇنىڭغا ئۇيغۇن ھەر قانداق ئەسەر بىر قېلىپتا قۇيغاندەك چىقىدۇ دەپ قارايدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئىچىدە "ھۆرىيەت" يوق، يەنى ھەمىشە ئوخشاش ئىش ئوخشاش نەتىجە بېرىدىغان رومان سەنئەت ئەسىرى ھېسابلانمايدۇ، دەيدۇ. تەڭرى سەنئەتكار ئەمەس، ئۇنىڭ قائىدىلىرى ئوچۇق-ئاشكارە؛ قانداق قىلساق جازالىنىپ، قانداق قىلساق مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىمىز بىزگە بىلدۈرۈلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق، تەڭرىنىڭ بىلدۈرگەنلىرىنى رومانلاشتۇرماقچى بولغانلارنىڭ سەنئەتكارلارچە ئىش قىلالىشىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ.

    مائورىئاكقا بېرىلگەن بۇ تەنقىد توغرا بولمىسىمۇ، ئۇ  كۈچلۈك بىر كۆز قاراشنى ئىپادىلىمەكتە. سارترېنىڭ رومان ھەققىدە چۈشەنچىسىدىن ئۇنىڭ قانداق ئەسەرلەرنى كۆزدە تۇتقانلىقىنى سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە دۆلەت ياردىمى بىلەن بېسىلغان رومانلارغا قاراپ باقساقلا بىلىمىز. بۇ رومانلاردا قەھرىمانلار ئىجابىي ۋە سەلبىي دەپ كەسكىن ئايرىلىدۇ. ئىجابىي قەھرىمان ۋە سەلبىي قەھرىماننىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ئاساسەن ئېنىق، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ئىجابىي قەھرىمان سوۋېت تۈزۈمىنىڭ تامغىسى رەسمىي بېسىلغان نەرسىلەرگە (قىممەتلەرگە) ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر ئادەم، ئۇنىڭدىن باشقىلىرى ماركىسىزم-لېنىزم ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار ياخشى ئىدىيۋى تەربىيە كۆرمىگەنلەر، كاللىسىدا بۇرژۇئازىيىنىڭ قالدۇقلىرى ساقلانغانلار، سوتسىيالىستىك تۈزۈم ۋە خەلق دۈشمەنلىرىدۇر.

    كىلاسسىك ئەخلاق رىسالىلىرى بىلەن رومانلارغا سىڭدۈرۈلگەن ئەخلاق تېمىلىرىنىڭ ئوخشىمىغان تەسىرگە ئىگە بولۇشلىرىنىڭ بىر سەۋەبى مانا شۇ. ئەخلاق رىسالىلىرى پراكتىك ئەخلاقىي ئەمەللەرگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان قائىدىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ۋە ئەخلاق ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. شۇغىنىسى، ئەخلاق رىسالىلىرى قانۇن توپلىمىغا ئوخشايدۇ. قانۇن توپلاملىرىدا يېزىلغان ماددىلار كىشىلەرنىڭ قايسى ئىشنى قىلىپ، قايسى ئىشنى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ، ئەمما  قانۇن كىتابلىرى ئىنسانلارغا ھوقۇق ۋە ئادالەت تۇيغۇسىنى، ئەخلاق ئېڭىنى ئاتا قىلالمايدۇ. شۇنىڭدەك، ئەخلاق ئېڭى ۋە ۋىجدانغا ئىگە بولۇشىمىزدا ئەخلاقىي ۋەز-نەسىھەتلەرنىڭمۇ رولى ناھايىتى چەكلىك. بۇلار ئەخلاقنىڭ تاشقى شەكىللىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ ، كىشىگە ئەدەپ-تەربىيە ئۆگىتىدۇ. رومان بۇلاردىن پەرقلىق ھالدا ئىنسانغا كىتابتىكى ئەخلاقتىن ئەمەس، رېئال ئەخلاقتىن دەرس بېرىدۇ. بىز روماندا ئۆزىمىزنى كۆرىمىز ۋە چۈشىنىمىز. ئەخلاق ئەيلىمى (ئىش-ھەرىكىتى) بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىگىسى بولغان ئىنساننىڭ دىنامىك (ھەرىكەتچان، ئۆزگىرىشچان) ھاياتى ئىچىدە مەلۇم قىممەتكە ئېرىشىدۇ. بۇ ھەرىكەت كىتابلاردا ئېيتىلغان ۋە بىز ئۆگەنگەن قائىدىلەرنىڭ كۆپەيتىلمىسى ئەمەس، چۈنكى، ئەگەر ئىنسان ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ ھالىتىدە تۇرغان، ھېچبىر چەكلىگۈچى شەرت-شارائىت ياكى قارشىلىق كۈچىگە يولۇقمىغان ئەخلاق قائىدىلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرسە، مەزكۇر ئەخلاق قائىدىلىرى كىتاب-رىسالە سەھىپىلىرىدە خاتىرجەم تۇرىۋەرمەيدۇ. ئەخلاقىنى گۈزەللەشتۈرمەكچى بولغانلار ئەخلاقنى رېئاللىقتا ئەكىس ئەتكىنى بويىچە چۈشىنىشكە مەجبۇر. روماننىڭ ئەۋزەللىكى مانا بۇ يەردە، ئۇ بىزنى ئەخلاق قائىدىسى بىلەن ئەخلاقىي ھەرىكەت ئارىسىدىكى يولدا تۇتىۋېلىپ، قەلبىمىزگە بىر ئەينەك تۇتىدۇ.

    بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مۇئەييەن بىر ئەخلاق سىستېمىنى ئۆزلەشتۈرمەكچى بولغان يازغۇچىلار مەلۇم شەكىلۋازلىققا قاپسىلىپ، مەنىۋى قەھەتچىلىكتە قالماسلىقى كېرەك. بىر دىننىڭ مەنىۋى قىممەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۇنى ئوقۇرمەنگە رېتسىپقا ئوخشاش سۇنۇش دېگەنلىك ئەمەس. يازغۇچى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك نېگىزلىك مەسىلە ئاشۇنداق مەنىۋى قىممەتلەرنى ئۆزلەشتۈرسە ئىناۋەتتىن چۈشۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىدىغان خارلىق تۇيغۇسىدىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت.

    بۇ يېڭى يولنىڭ نېگىزلىك ئىدىيە ئويغىنىشى ئىچىدە ئېچىلالايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىشىمىز كېرەك. ئەسلىدە تۈرك سەنئەتكارلىرى بۇ مەسىلىنى بىلمەيمۇ قالمايدۇ، چۈنكى 50 يىل مابەيندىكى زامانىۋىلىشىش ئەسەبىيلىكى تېخى نابۇت قىلالمىغان ھاياتلىق ساھەلىرىدە ئىسلام پۈتۈن ھاياتىي كۈچى بىلەن دەۋر سۈرمەكتە. ئۈستى-ئۈستىگە يىغىلغان كۈل دۆۋىلىرىنى ئاختۇرسىڭىز، ئىسلامنىڭ تۈركلەر ھاياتىدا تېخى چوغدەك كۆمۈلۈپ ياتقانلىقىنى كۆرىسىز. سەنئەتكار زىيالىيلارنىڭ ئىسلامغا يۆنىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ئېچىلماقچى بولغان مەنىۋى بايلىقلارنى بايقىشى ھازىرقى ئەڭ چوڭ مەسىلە. تۈركىيىدە بۇ بايلىق بار، ھالبۇكى بۇ بايلىق شۇنىڭغا ئېرىشىشكە جاسارىتى بار كىشىلەرنى كۈتمەكتە. 

    (تۈركىيىلىك جەمئىيەتشۇناس، پروفېسسور دوكتور ئەرول گۈنگۆرنىڭ"ئىسلامنىڭ بۈگۈنكى مەسىلىلىرى"ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى، تەرجىمە قىلغۇچى: ئەرتۈرك)

    تامام

    مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us