ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەرتۈرك: دىن ۋە ئەدەبىيات (1) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەرتۈرك

    غەرب مەدەنىيىتى (بۇ يەردە كۆپرەك مەدەنىيلىك، يەنى كۇلتۇر مەنىسدە) خىرستىئان مەدەنىيىتى دەيدىغانلارنىڭ سۆزى ئاساسىي جەھەتتىن توغرا، بۇ مەدەنىيەتنىڭ خىرىسىتىئانلىق جەمئىيەت تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. مۇئەييەن بىر ئېتىقاد سىستېمىغا باغلانغان ئىنسانلارنىڭ بۇ سىستېمىنىڭ پۈتۈنلەي سىرتىدا ياكى ئۇنىڭغا قارشى بىر مەدەنىيەت يارىتىشى ئەسلىدىنلا قىيىن. غەرب مەدەنىيىتىنىڭ بىر تەرەپتىن گرېك -لاتىن، بىر تەرەپتىن خىرىستىئانلىقتىن ئىبارەت ئىككى غول مەنبەسى بار. بۇلاردىن باشقا بىر تۈركۈم يەرلىك ئالاھىدىلىكلەر ۋە سىرتقى تەسىرلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئېنىق، ئەمما بۇ مەدەنىيلىكنىڭ ئاساسى يەنىلا يۇقىرىدىكى مەنبەلەرگە تايىنىدۇ. بولۇپمۇ خرىستىئانلىق ئارىستوتېل پەلسەپىسى بىلەن بىرلىشىپ، بىر ئىدىيە سىستېمىسىغا ئايلانغاندىن كېيىن مەدەنىيلىك ياراتقۇچى تۈركۈملەرگە تېخىمۇ كەڭ تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلارنى بىرلەشتۈردى. ياۋروپانىڭ زىيالىيلار قاتلىمىنى دىندارلار تەشكىل قىلغانلىقى، مائارىپ پەقەت چېركاۋنىڭ ئىلكىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، چېركاۋ ۋەكىللىك قىلغان خرىستىئان-كىلاسسىك دەۋرى مەدەنىيلىكى تاكى يېقىنقى زامانغىچە غەربلىكلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىلھام مەنبەسى بولدى. ياۋروپادا چېركاۋغا قارشى چىققانلارنىڭ كۆپىنچە خىرىستىئانلىق نامىدا بۇ دىننى ئىسلاھ قىلماقچى بولغانلىقلىرىنى، خىرىستىئانلىقنىڭ تارىخىي ھەقىقەتلىرىنى ئىنكار قىلماقچى بولغانلىقىلىرىنى ياكى خىرىستىئانلىقنىڭ تارىخىي ھەقىقەتلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ مەنىۋى قىممەتلىرىنى ئۆزلەشتۈرگەن بىرەر دېئىست (خۇدانى تۇنجى سەۋەب دەپ ئېتىراپ قىلغان بىلەن ئۇنىڭ قۇدرىتىگە ئىشەنمەيدىغان، ۋەھيىنى ئىنكار قىلىدىغان باتىل ئېقىمغا ئەگەشكۈچى)ئىكەنلىكلىرىنى ئويلاپ باقساق، غەرب تەپەككۇرىدا خىرىستىئانلىقنىڭ نەقەدەر قەدىمىي، مۇھىم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىمىز. خىرىستىئان دىنى ئۆزىدىن بۇرۇنقى يەھۇدىي دىنىنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن بىر دىن. شۇڭا خىرىستىئانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى بىلدۈرىدىغان <ئىنجىل>لارنى ھەم يەھۇدىي دىنىنىڭ <تەۋرات>نى(زەبۇرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەۋرات ۋە ئىنجىللارنىڭ بايانلىرى خرىستىئان دۇنياسىدا ئەسىرلەر بويى پەقەت ئېتىقادنىڭلا ئەمەس، تارىخنىڭمۇ ھەقىقىي مەنبەسى بولۇپ كەلدى. خرىستىئان دۇنياسىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ باش (ماتېرىيال) مەنبەسى مۇقەددەس كىتاب ئىدى. كېيىن ئىلىم-پەننىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مۇقەددەس كىتابنىڭ بىلىم جەھەتتىن مەنبەلىك قىممىتى قالمىغان بولسىمۇ، غەرب دۇنياسى ئىنسانپەرۋەرلىك چۈشەنچىسىدىن تارتىپ دېموكراتىك ئىدىيىلەرگىچە بولغان نۇرغۇن مەسىلىدە خرىستىئانلارچە پىكىر قىلىشنى داۋام ئەتتى. دىنغا، بولۇپمۇ خرىستىئانلىققا ناھايىتى ئۆچ غەرپ پەيلاسوپلىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرىنىڭمۇ خرىستىئان دىنى ئىدىيىسىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلالمىغانلىقى مەلۇم. دىنلار ئىنسانغا ئۆزلۈكى ۋە كائىنات ھەققىدە ئايدىڭلىق بەخش ئېتىدۇ. ئىنسان دىن ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ماھىيىتى ۋە كائىناتتىكى ئورنىنى بىلىدۇ، ئۆزىنىڭ نەدىن كېلىپ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىدۇ. دېمەك، دىن ئىنساننىڭ ئاساسلىق مەسىلىلىرىنى مۇئەييەن بىر نۇقتىدىن ئىزاھلايدىغان سىستېمىدۇر. بەزى دىنلار ئازراق، بەزى دىنلار كۆپرەك ۋە تەپسىلىي ئىزاھ بېرىدۇ، ئەمما بارلىق دىنلارنىڭ كاللىمىزدىكى ئەڭ ئابستراكىت مېتافىزىك مەسىلىلەردىن تارتىپ، ياشاش قائىدىلىرىگىچە بولغان ھەر تېمىدا ئىنساننى تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېنىقتۇر. بۇ ئىزاھلارنىڭ بىر قىسمى (بولۇپمۇ ساماۋى دىنلاردا) مەسىلەن، كائىناتنىڭ يارىتىلىشى، دۇنيانىڭ تەشكىلى، ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشى، تۇنجى ئادەمدىن باشلانغان ھاياتلىق (ھېكايىسى) دېگەندەك ھادىسىلەر تارىخ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇلاردا تارىخىي ھادىسىلەر بىلەن بىرگە فىزىكىلىق ھادىسىلەرگە ئائىت مەلۇماتلار بار. بۇلار كېيىنكى زامانلاردا ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تەرەققىياتلار ئالدىدا گۇمانلىق، بەزىدە ھەتتا خاتا بىلىملەردەك تۇيۇلماقتا. ئەمما دىنلارنىڭ تارىخىي ۋە فىزىكىلىق ھادىسىلەرنى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قىممىتىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەسلىدە بايان قىلىنماقچى بولغان تېمىغا ياردەمچى قىلىش ئۈچۈن قوللانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. دىننىڭ ئىنسان ھەققىدە بىر چۈشەنچە ھاسىل قىلىدىغان، ئىنساننىڭ تەبىئەت ۋە باشقا ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەن بىر غايە نۇقتىسىدىن تۇتقا قىلىدىغان تەرەپلىرى دىندا ئىنساننى قىزىقتۇرىدىغان ئەسلى مەسىلىلەردۇر: ئىنساننىڭ يارىتىلىش غايىسى ۋە ھېكمىتى نېمە؟ ئىنساننىڭ ياراتقۇچىغا(پەرۋەردىگارىغا) نىسبەتەن ھەقدارلىقى نېمە؟ ئىنساننىڭ باشقا مەخلۇقلار ئارىسىدىكى ئورنى نېمە؟ ئىنساننىڭ كۈچ-قۇدرىتى قانچىلىك؟ كۈچ-قۇۋۋەتنى نەگە ئىشلەتسەك يارىتىلىشىمىزنىڭ مەخپىيىتىگە ۋە بەختىمىزگە بەكرەك ئۇيغۇن كېلىدۇ؟ ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ئۆز قۇدرىتىنىڭ ۋە بۇنىڭ ھېسابىنىڭ چەك-چېگرىسى نەدە؟ تەقدىرىمىزگە پۈتۈلگىنىنى كۆرۈش جەھەتتىن دۇنيادىكى ئىش-ھەرىكىتىمىزنىڭ قانداق قىممىتى بار؟ تۇرمۇشىمىزنىڭ، بولۇپمۇ بۇ ھاياتتىكى ئىزتىراپلارنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىسى نېمە؟ ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقىي بەخت-سائادەت زادى نېمە؟ بۇنداق سوئاللارنىڭ جاۋابلىرى ئىنسانغا ئائىت بىلىملەرنى تاكاممۇللاشتۇرىدۇ، بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەردە كاللىمىز ئايدىڭلاشسا ئاندىن راھەت ۋە ھۇزۇرغا ئېرىشىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمىز. شۇ سەۋەبتىن، ئىنساننى چۈشىنىشتە ئىلىمگە، شۇنداقلا سەنئەتكارنىڭ تۇيغۇسىغا، ئەخلاقشۇناسنىڭ كۆزىتىشىگە، دىندارلارنىڭ قاراشلىرىغا مۇھتاجمىز. ئىنسان ھەققىدىكى بۇ كەڭ دائىرىلىك تەتقىقاتنى ئىلىمنىڭ نېگىزلىك تەرەپلىرى ۋە تەتبىقلىنىش تەرزىگە قاراپ ئىككى باش تېمىغا يىغىنچاقلىدۇق: ئىلىم ۋە سەنئەت. بۇلاردىن بىرىنچىسى نەزەرىيىگە تايىنىدۇ، بىز ۋاسىتىلىك ئىگىلىگەن بىلىملەرنى ئۆزلەشتۈرىدۇ. سەنئەت بولسا ۋاسىتىسىز تۇيغۇ ئامىللىرىنىڭ جارى بولۇشى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، ئەسلىدە ئىستېتىكا، دىن ۋە ئەخلاقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالالىغۇدەك دەرىجىدە كەڭدۇر. شۇ ھالدا ئىلىم ۋە سەنئەت ئىنسان ھەققىدە ئىلىم ساھىبى بولۇشنىڭ ئىككى بۈيۈك يولىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە. سەنئەتتە ئىنساننى تونۇتۇشقا ئەڭ ئەپلىك بولغان، شۇ سەۋەبتىن ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان فورما (شەكىل، ژانىر)لاردىن بىرى روماندۇر. ئىنسان ھەققىدە بىزنىڭ رومانلاردىن ئالغان بىلىمىمىز ئىلمىي تەتقىقاتلاردىن ئېرىشكەن بىلىمىمىزدىن ھېچقاچان ئاز ياكى تۆۋەن ئەمەس. بەلكى قۇرۇق نەزەرىيە (ئىلىم)، يات چۈشەنچىلەرگە باققاندا رومانلار بىۋاسىتە تۇيغۇ ۋە كۈندىلىك ھاياتنى تەسۋىرلىگەچكە روماندىكى قەھرىمانلار بىزگە دائىم يېقىن تۇيۇلىدۇ. پسىخولوگلارنىڭ تەتقىقاتلىرى ياكى ئابستراكىت چۈشەنچىلىرىدىن كۆرە، ئۆزىمىزگە يېقىن، تونۇش تىپلار (رومان قەھرىمانلىرى) ئېڭىمىزدا كۆپرەك بولىدۇ. غەربتە سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ باش تېمىسى بىلەن غەرب مەدەنىيلىكىنىڭ غول مەنبەلىرى ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەت بار. غەربنىڭ چوڭ-كىچىك نۇرغۇن يازغۇچىسى ئىنسان ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا خرىستىئان دىنىنىڭ جاۋابلىرىنى بەردى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئىنساننىڭ سەرگۈزەشتلىرىنى خرىستىئانلىق نۇقتىسىدىن تۇتقا قىلغان بولسا، بىر قىسمى خرىستىئانلىقنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە بەرگەن جاۋابلىرىنى تالاش-تارتىش قىلغان مەزمۇندىكى تېمىلارنى قوللاندى. كاتولىك رومانلىرىدا (مەسىلەن، فرانچىئوس مائورىئاك) ئەسەرنى ئەسلى گۇناھ ۋە قۇتۇلۇش(نىجاتلىق) تېمىسى تەشكىل قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئەسلى ئىزتىراپى دەسلەپتە بەلگىلەنگەن تەقدىرنىڭ نەتىجىسىدۇر. ئىنسان تۇغۇلغاندا گۇناھ ئۇرۇقىنى بىللە ئېلىپ چۈشىدۇ، ئۆمۈر بويى بۇ گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشى كېرەك. ئەسلى گۇناھتىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىن بولۇش-بولماسلىقى، بۇنىڭ ئىنساننىڭ غەيرىتى بىلەن ياكى خۇدانىڭ ئىنايىتى بىلەن بولىدىغانلىقى مەسىلىسىدە خرستىئان مەزھەپلىرىدە كۆرۈلىدىغان پىكىر ئىختىلاپلىرى رومانلاردىمۇ ئەكس ئەتكەن. بەزى رومانلار بۇ تېمىدا روشەن بىر دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگەرمەس يولىنى ئەكس ئەتتۈرمەستىن، يازغۇچىنىڭ شەخسىي چۈشەنچىلىرىنى ياكى نەتىجىسى ئېنىق بولمىغان ئىدىيە توقۇنۇشلىرىنى، جاۋابى چىقماس مەسىلىلەرنى مەزمۇن قىلىدۇ. ئەمما ھەممىسىدىلا خرىستىئانلىقنىڭ ئىنسان ۋە دۇنيا قارىشى يېتەكچى ئورۇندا تۇرماقتا. خرستىئان بولمىغان دۆلەتلەردە كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەر تولستوينىڭ، دوستويىۋىسكىنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇپ ناھايىتى زوقلانغان چاغدا بۇ رومانلارنىڭ خرىستىئان رومانى ئىكەنلىكىنى كۆپ ھاللاردا بىلمەيدۇ. بۇ رومانلاردا ھاياتلىق-ئۆلۈم، رۇھ-بەدەن، تەقدىر-ھۆرىيەت، گۇناھ - قۇتۇلۇش، جىنايەت-جازا، نىكاھ -پاھىشىۋازلىق، ئۇرۇش-تىنچلىق دېگەندەك مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنغىنىدا يازغۇچىنىڭ تەپەككۇرى ھەمىشە خرىستىئانلىقنىڭ باش تېمىلىرىدىن ئايلىنىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ ئىنسانلارنى يازغۇچى سۈپىتىدە ئۇلۇغ قىلىۋەتكەن نەرسە بەلكىم ئۇلارنىڭ خرىستىئان بولغانلىقى ئەمەس، ئەمما ئۇلار خرسىتىئان(مەدەنىيلىك) ئەنئەنىسىنىڭ ئىچىدە يېتىشىپ چىققانلىقى ئۈچۈن بۇ مەدەنىيلىك ئاتا قىلغان ئوبرازلاردىن پايدىلىنىپ، ئىنساننى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىشقا تىرىشقان. رۇس ئەدەبىياتنىڭ كېيىنكى چاغلىرى ماركسىزمنىڭ مېخانىك ئىنسان چۈشەنچىسى بىلەن دوستويىۋىسكىلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان خرىستىئان ئەنئەنىسى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىچىدە ئۆتتى. زامانىمىزدىكى مەشھۇر يازغۇچى ئا.سولژېنىتسىن مەزكۇر ئەنئەنە ئىچىدە يېتىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى باسقۇچى ئەنە شۇنداق مەيدنغا كەلگەن. سولژېنىتسىننىڭ ئېتىقادى خرسىتىئانلىقنىڭ ئاساسلىق قىممەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرمەكتە. غەرب ئەدەبىيات-سەنئىتىدە خرىستىئانلىقتىن چەتنىگەن ، ھەتتا ئۇنىڭغا قارشى چىققان ئۆرنەكلەرمۇ ئەلۋەتتە بار. لېكىن بۇلارمۇ خرستىئان مەدەنىيلىكىدىن ئايرىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە بۇ مەدەنىيلىك بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. شۇنچىلىك بىرلىشىپ كەتكەنكى، دىنغا قارشى، ئىلىم نامىدا بارلىققا كەلتۈرۈلگەن بىر يۈرۈش نوقتىئەنەزەرلەرنىڭمۇ خرىستىئانلىق تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقى مەلۇم. ماركىسنىڭ كوممۇنىزم خىتابنامىسى خىرستىئانلىقنىڭ ئىنسان ۋە جەمئىيەت ھەققىدىكى تارىخىي سخېمىسىنىڭ باشقا بىر مەزمۇنغا تەتبىقلىنىشىدىن ئىبارەت. خرستىئانلىق چۈشەنچىسىدە ئىنسان دەسلەپتە جەننەتتە ياشاپ، كېيىن دۇنيا ھاياتىنىڭ ئىزتىراپلىرىغا مەھكۇم بولغان، لېكىن ئىنسان توغرا يولدا ماڭسا يەنە جەننەتكە قايتىدۇ. ماركىسنىڭ نەزەرىيىسىدە ئىنسانىيەتنىڭ باشلانغۇچى كوممۇنىزم جەننىتى بولۇپ، بۇ سىستېما كېيىن بۇزۇلۇپ كەتكەن ھەمدە بىر تالاي ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي زۇلۇم، قالاقلىق مەيدانغا كەلگەن. ئىنسانىيەت ئاخىرىدا يەنە كوممۇنىزمغا قايتىپ، قولدىن بېرىپ قويغان جەننىتىگە ئېرىشىدۇ. غەربنىڭ تەپەككۇرىدا خرىستىئانلىقنىڭ تەسىرى مۇتلەق دىنىي ئېتىقاد شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقمىسىمۇ بولىدۇ. دىن جەمئىيەتكە بويسۇنغان ۋە مەدەنىيلىكنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ بىلەن سىڭىشىپ كەتكەن بولغاچقا، دىنىي چۈشەنچىلەر دىننىڭ سىرتىدىكى مەسىلىلەردىمۇ تەتبىقلىنىۋېرىدۇ ۋە دىنسىز بىر يازغۇچى ئۇ چۈشەنچىلەردىن پايدىلانغىنىغا ھېچقانداق ئۆكۈنمەيدۇ. مەسىلەن، ئەدەبىياتتا بولسۇن، ياكى جەمئىيەتكە، پسىخولوگىيگە دائىر ئەسەرلەردە بولسۇن، ئۇنىڭدا قوللىنىلغان ئوخشىتىشلار، مۇناسىۋەتلەشتۈرۈشلەرنىڭ كۆپىنچىسى دىنىي مەنبەلەردىن ئېلىنغان. مۇقەددەس كىتابتىكى ئىنسان تىپلىرى، (سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈزۈكى، بابىل مۇنارى، نۇھنىڭ كېمىسى، تىنچلىق كەپتىرى دېگەندەك) ۋەقەلەر (شۇ ئەسەرلەردە) ھېچ بولمىسا يۇنان ئەپسانىلىرىنىڭ تىپلىرى ۋە ۋەقەلىرى بىلەن تەڭ نىسبەتتە قوللىنىلغان ئۇقۇملاردۇر. بۇلار مەدەنىيلىكنىڭ ئورتاق مۈلكى بولغانلىقتىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ كاللىسدا كۆڭۈلدىكىدەك ئىماگ (ئوبراز، كۆرۈنۈش)نىڭ پەيدا بولۇشىغا ياردەمچى بولىدۇ. تۈرك مەدەنىيلىكىنىڭ جۇمھۇرىيەتتىن بۇرۇنقى باسقۇچىنى ئويلىساق، ئۇنىڭ بىلەن غەرب-خرىستىئان مەدەنىيلىكى ئارىسىدا بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان مەسىلىلەر نۇقتىسىدىن زور ئوخشاشلىق بارلىقى مەلۇم بولىدۇ. غەرب(دۇنياسى) خرستىئان مەدەنىيلىكىدىن ئوزۇقلانغان ئەسەرلەرنى ياراتسا، بىز ئىسلام مەدەنىيلىكى ۋە مەدەنىيىتىگە تەۋە بولغانلقىمىز ئۈچۈن بۇ مەدەنىيلىككە تەۋە ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردۇق. تۈركلەرنىڭ ئونىنچى ئەسىردىن بۇيان بارلىققا كەلتۈرگەن ھەر بىر ئەسىرىنى ئىسلام مەدەنىيلىكى ئىچىگە قويۇش ۋە بۇ مەدەنىيلىك ئىچىدە ئىزاھلاش مۇمكىندۇر. بىزدە ئەڭ تەرەققىي قىلغان ئەدەبىيات ژانىرى بولغان شېئىرلىرىمىزغا دىققەت قىلساق، بۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ باشتا قۇرئان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق مەنبەلىرىگە تايانغانلىقى مەلۇم. ئىسلام دىنىغا مۇراجىئەت قىلماي تۇرۇپ بۇ ئەسەرلەرنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەسەرلەردە ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانغا بولغان قارىشى تىلغا ئېلىنغان، ئىسلامنىڭ ئاساسىي قىممەتلىرى سىڭدۈرۈلگەن، ئىسلامغا ئائىت ۋەقەلەر ۋە رىۋايەتلەر قوللىنىلغان، قىسقىسى، تۈرك-ئىسلام مەدەنىيلىكىنىڭ تىپىك ئۆرنەكلىرى بېرىلگەن. بۇ يەردىمۇ ئىسلام دىنىنى مەزمۇن قىلغان ئەسەرلەرنىڭ چوقۇم دىنىي ماھىيەتتە بولۇشى زۆرۈر ئەمەس ئىدى، تېمىسى دىنغا بىۋاسىتە ئالاقىدار بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا دىننىڭ سىرتىدىكى (دىنسىز)ئەسەرلەرمۇ ئىسلامنىڭ ئورتاق مەدەنىيلىك ۋە مەدەنىيەتتىكى بۈيۈك مەۋقەسى ۋەجىدىن دىنىي تەلقىنلەر (ئوبراز، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتەلەر)بىلەن تولغان.

    داۋامى بار


    收藏到:Del.icio.us