ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-26

    مودېرنىزم ۋە يېڭىچە شېئىرىيەت - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

     ئابدۇسالام مۇھەممەد

         مودېرنىزىم ئەدەبىياتى ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا قارشى بولغان بىر خىل ئەدەبىي ئۇسلۇب بولۇپ ئۇ ئىدىيە ۋە بەدئىي ماھارەت جەھەتتە يېپيىڭى خاھىشقا ۋەكىللىك قىلىدىغان بەدئىي ماھارەتلەرنىڭ ئورتاق نامى.مودېرنىزىم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ بۇرۇن 1737-يىلى پەيدا بولغان.ئەنگىلىيەلىك مەشھۇر يازغۇچى جوناتان سۋايفت 1737-يىلى يازغۇچى ئالىكساندىر پوپقا يازغان خېتىدە مۇنداق دېگەن:«سولتەك شائىرچاقلار بىزگە قالايمىقان شېئىرلىرىنى ئېلىپ كېلىشىدۇ.ئۇ نەرسىلەر ئادەمنى يىرگەندۈرىدىغان قىسقارتىلما سۆزلەر ۋە ئاجايىپ-غارايىپ مودېرنىزم بىلەن تولۇپ كەتكەن،ئېنگلىز تىلىنى دەل ئاشۇ سولتەكلەر بۇزىۋاتىدۇ».

        مودېرنىزىم ئاتالغۇسى 1737-يىلى ئوتتۇرىغا چىققىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئاساسىي ئىقىم بولۇپ شەكىللىنىشى خىلىلا كېيىنكى ئىش.مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ باشلىنىش چېكى توغرىسىدا تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىرى بىردەك ئەمەس.ئامرىلىكىق ئەدەبىي تەنقىدچى ئېدىمۇند ۋىلسىن 1870-يىلنى،ئەنگىلىيەلىك ئەدەبىي تەنقىدچى سىرىل كاننولى 1880-يىلنى،دانىيلىك مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى بىرانكىس 1890-يىلنى مودېرىزىم ھەقىقىي باشلانغان چاغ دەپ قارايدۇ،يەنە بىر قىسىم ئەدەبياتشۇناسلار فېرانسىيلىك سىمۋولىزمچى شائىر چارلىس بودلىرنىڭ «رەزىل گۈللەر»ناملىق شېئىرلار توپلىمى ئىلان قىلىنغان 1857-يىلنى مودېرنىزىمنىڭ باشلىنىش نوقتىسى دەپ قارايدۇ.

        ئۇنداقتا مودېرنىزىم دېگەن نېمە؟مودېرنىزمنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغاندا xiandaizhuyi  دەپ تەرجىمە قىلىنىدىكەن،بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق دەۋىرلەشتۈرۈش،ھازىرقى زامانىزىم ياكى زامانىۋىنىزم دېگەندەك سۆزلەر چىقىدىكەن.لېكىن بۇنداق تومتاق تەرجىمە سۆزلىرىدىن مودېرنىزىمنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىپ يېتىش قىيىن.لېكىن غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىدا ئىجاد قىلىنغان مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئۇسلۇبىدىن بىز مودېرنىزمنىڭ نېمىلكىنى ئاز-تولا بولسىمۇ ھېس قىلالىشىمىز مۇمكىن.

         مودېرنىزىم ئەڭ ئالدى بىلەن ئەنئەنىۋىي ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىدىن بولغان رىئالىزم بىلەن رومانتىزمغا قارشى تۇرىدۇ.دىننى تەسىرلەرنى رەت قىلىدۇ.مودېرنىزىملىق ئەدەبىيات ئۇسلۇبىدا ئىنساننىڭ ئىرادىسى كۈچەپ تەشەببۇس قىلىنىپ ئىنساننىڭ ئەقلى چەتكە قىقىلىدۇ،ھازىرقى زامان قىممەت سېستىمىسى ئىنكار قىلىنىپ كىشلەرنىڭ بىۋاستە سىزىمغا تايانغاندىلا ئاندىن ئۆزىنى ھەم دۇنيانى تونۇيالايدىغانلىقى تەرغىپ قىلىنىدۇ.مودېنرىزمچىلار ئۆز ئەسەرلىرىدە يەنە خام-خىيالغا بولغان كۈچلۈك ئىشتىياقىنى، ئادەملەرنىڭ شەكىللىك ياكى شەكىلسىز كۈچلەر بىلەن بولغان ئازابلىق ۋە مەغلۇبىيەتلىك تىركىشىشىنى شۇنداقلا ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارنى،بىمەنە كەيپىيات ۋە ھادىسلەرنى تەسۋىرلەيدۇ.لېكىن مودېرنىزىم ئەدەبىياتى تولىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ مۇكەممەل بىردەكلىككە ئىگە ئەمەس.مودېرنىزم ئۆز ئارا زىددىيەتلىك ھەم قارمۇ-قارشى بولغان سىمۋولىزم،ئاڭ ئىقىمى،كەلگۈسىزم،ئىپادىزم،ھالقىما رېئالىزم،مەۋجۇدىيەتچىلىك،يېڭى پىروزىچىلىق،قارا يۇمۇر،سېھرى رېئالىزم قاتارلىق ھەرخىل ئىقملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        مودېرنىزم ئەدەبىيات ئىقىمى 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا جۇڭگۇدا ئەۋج ئالغان،بولۇپمۇ شېئىرىيەتتە ئالاھىدە گەۋدىلىك بولغان.لېكىن زاڭ كېجىيا قاتارلىق شائىرلار مودېرنىزىمنىڭ تۇغۇندىلىرى بولغان گۇڭگا شېئىرغا كۈچەپ قارشى تۇرىدۇ.زاڭ كېجىيا «جەنۇب ئازنىلىقى»ناملىق داڭلىق گېزىتكە ماقالە يېزىپ:«گۇڭگا شېئىرلار شېئىرىيەت ئىجاىيتىدىكى بىر ناتوغرا ئىستىل،بىزنىڭ يېڭى دەۋىر سوتسىيالىستىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى تەتۈر ئىقىم»دەيدۇ.

        خەنزۇ شائىرلار گۇڭگا شېئىرلار توغرىسىدا بەس-مۇنازىرىگە چۈشىۋاتقان شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا پەقەت«غەزنە گىرۋەكلىرى»دەيدىغان ئەللىك بەتكىمۇ يەتمەيدىغان شېئىرلار توپلىمىدىن باشقا دۇنياۋىي مەشھۇر شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بىرىمۇ نەشىر قىلىنمىغان ئىدى.«دۇنيا ئەدەبىياتى»ژورنىلى1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ شېئىر ئىلان قىلماسلىقتا مەردانىلەرچە چىڭ تۇرغاچقا مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى دۇنياۋىي شېئىرىيەتتىن خەۋەرسىز قالغان ئىدى.«دۇنيا ئەدەبىياتى»دا پەقەت مودېرنىزىمچىلارنىڭ بەزى پىشۋالىرىنى تونۇشتۇرغان ۋە مودېرنىزىملىق سۆزلەرگە ئىزاھات بېرىلگەن بىرەر يىرىم بەتلىك مەزمۇنلار ئانچە-مۇنچە ئىلان قىلىنىپ قالاتتى.جۇڭگۇنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە مەشھۇر شائىرلار گۇڭگا شېئىر ياكى تۇتۇق شېئىرلار ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتقان 1986-يىللى گۇڭگا شېئىرلار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ كىرىپ كەلدى.شۇ يىلى نەشىر قىلىنغان«تەڭرىتاغ»ژورنىلىنىڭ سىناق سانىدا ئەخماتجان ئوسماننىڭ بىر قىسىم گۇڭگا شېئىرلىرى ئىلان قىلىندى.شۇنىڭ بىلەن تەڭلا گۇگا شېئىرچىلار ئەخمەتجان ئوسماننى ئۈلگە قىلىپ ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنى غەلىتە سۆزلەر دۆۋىسى بىلەن توشقۇزىۋىتىشتى.ئەخمەتجان ئوسماننىڭ گۇڭگا شېئىرلىرى بەزىبىر قىنى قىززىق ئىسلاھاتچىلارنىڭ تىللىرىنى چاكىلدىتىۋەتكەن شۇ چاغلاردا مەرھۇم باتۇر روزى ۋە ئىلغارجان سادىقلار ناھايتىمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەن كونا ئۇسلۇبتا شېئىر يېزىۋاتاتتى.ئابدۇقادىر جالالىدىنمۇ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇب بىلەن يېزىلغان ۋەزىنلىك شېئىرلىرىنى«قەشقەر ئەدەبىياتى»دا ئىلان قىلىپ يۈرەتتى.ئارسلانمۇ ئۆزىنىڭ مودرنىزىم بىلەن رېئالىزمنى بىرلەشتۈرۈپ ئەسەر يېزىپ يۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن،ھېزىم قاسىممۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ «ئاڭ ئىقىمى» ئۇسلۇبىدا ئىكەنلىكىنى بايقىۋالالماي يۈرگەن ئىدى.سىدىقھاجى روزىنىڭ ماقالىلىرىدىمۇ مودېرنىزىم دېگەن بۇ ئاتالغۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى.ئەنە شۇ چاغلاردا  كىشلەر ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ ئەنئەنىۋىي شېئىرلىرىنى كۆڭۈل بۆلۈپ بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ يۈرىشەتتى.تۇرسۇن لىتىپمۇ «چىم مودەن»ناملىق دىراممىسىنى مۇۋاپىقىيەتلىك يېزىپ چىققانلىقىدىن پەخىرلىنىپ يۈرەتتى.لېكىن گۇڭگا شېئىرلار بىلەن تەڭلا باش كۆتۈرگەن مودېرنىزىم ھادىسسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلدى.مودېرنىزىمنى چۈشەنمەي تۇرۇپ مودېرنىزىمچى بولىۋالغانلار بىلەن ئەنئەنىۋىيلىكنى ياقلىغۇچىلار ئوتتۇرسىدا كەسكىن تالاش-تارتىش بولدى.پۈتكۈل دۇنيانى زىلزىلگە سېلىپ دۇنيا ئەدەبىياتىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرگەن مودېرنىزىم بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە تولىمۇ بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئەنئەنىۋىيچىلەر مودېرنىزىمنىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ قارسىغا تىللاۋەردى،مودېرنىزىمنىڭ سۈيىدە ئىقىپ ئوتىدا كۆيۈشكە تەييارلىنىپ تۇرغانلارمۇ ھەقىقى مودېرنىزمنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قارسىغا ۋالاقلاۋەردى.مودېرنىزىمنىڭ گۇپپاڭچىلىرى قالايمىقان يىزىلسىلا مودېرنىزىم بولىدۇ دەپ ئويلىۋالغاچقا ئاتالمىش مودېرنىزملىق ئەسەرلەر جۆيلۈشلەر بىلەن تولۇپ كەتتى.ئۇلار قەستەن قالايمىقان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ،ھەتتا پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ قالغان سۆزلەردىمۇ چىڭ تۇرىۋىلىپ مانا بۇ مودېرنىزم دەپ مەيدە قىقىپ يۈردى. يىڭىلىققا ئىنتىلىپ ئاران تۇرغانلار قالايمىقان يازساملا مودېرنىزىم بولىدىكەن دەپ قاراپ ئەسەرلىرىدىكى سۆزلەرنى قەستەن قالايمىقانلاشتۇرىۋەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھەقىقى مودېرنىزم بىر چەتتە قىلىپ ساختا مودېرنىزم ئەۋج ئېلىپ كەتتى.بۇ خىل ساختا مودېرنىزمنىڭ ئاۋانگارتلىرى بىر-بىرىنى تەقلىد قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يەنىلا مودېرنىزمچى ئىكەنلىكلىرىنى باشقىلارغا بىلدۈرۈشتە چىڭ تۇردى.مەسلەن،غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىدىن خىلىلا خەۋرى بار ئەخمەتجان ئوسمان :«قۇرماقتىمەن خانىدانلىقىمنى،گۈلدۈرماما شاماللاردىن»دەپ يازسا جىلىل خىلىل:«ئوردا قۇردۇم ھاۋالاردىن،شاماللاردىن»دەپ تەقلىد قىلدى.ئەخمەتجان ئوسمان :«سۈرلۈك ئاھاڭدا،ئوقۇيدۇ ۋاراقلاپ دېڭىزنى»دەپ يازسا غەيرەتجان غوپۇر:«دەريادىكى تەڭسىز ھاياتنى،ئوقۇپ بېرەر شامال ۋاراقلاپ»دەپ يازدى.دېمەك،بىزدە مودېرنىزم تەقلىدچىلىك،دورامچىلىقنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى.راست گەپ بىلەن ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،جۈملىدىن ئۇيغۇر شېئىرىيتى مودېرنىزمنى ئۆزىگە قوبۇل قىلالمىدى.ھازىر بىز كۆرىۋاتقان يىڭىچە شېئىرلار خەنزۇ ئەدەبىياتىدا گۇڭگا شېئىر ياكى تۇتۇق شېئىر دەپ ئاتالغان شېئىرنىڭ دەل ئۆزى بولۇپ ئەمەلىيەتتە مودېرنىزمنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا قوزغىغان قىسقا مۇددەتلىك تالاش تارتىشىنىڭ مەھسۇلىي.ھەرگىزمۇ ھەقىقى مەنىدىكى مودېرنىزم ئەمەس.ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مودېرنىزم مەۋجۇت ئەمەسمۇ؟كەسكىن ئېيتقاندا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مودېرنىزمنىڭ بەزىبىر ئۇسلۇبلىرى بولسىمۇ لېكىن ھەقىقى مودېرنىزم مەۋجۇت ئەمەس.چۈنكى مودېرنىزملىق قىممەت سىستىمىسدا دىن ئاساسەن تاشلىۋىتىلگەن.مودېرنىزمچىلارنىڭ نەزىرىدە ئىنساننىڭ ئۆزلۈك مەۋجۇدىيتى شۇ دەرقىدە كۆپتۈرۋىتىلگەنكى ئىنسان ئۆز ھاياتىنى خالىغانچە قۇرۇپ چىقالايدۇ.ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.تارىخنى ئىنساننىڭ ئەمەلى پائالىيتى ئەمەس بەلكى بىۋاستە سىزىمى يارتىدۇ؛ئۇلارنىڭ ھەددىدىن ئاشقان خىيالىچە ئىنسان نېمىلا قىلسا بولىۋىرىدۇ.دېمەك غەرب مودېرنىزم ئەدەبىياتىدا ئىتىقاد ھەم ئەخلاقنىڭ ئورنىنى چەكتىن ئىشىپ كەتكەن ئەركىنلىك ئىگىلىۋالغان،شۇڭا مودېرنىزمنىڭ مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۇنچە ئاسان ئەمەس.مانا،ئوتتۇز نەچچە يىلدىن بىرى مودېرنىزم ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بوسوغۇسىدا چۆرگىلەپ يۈرۈپتۇ.مودېرنىزمغا ھىسىداشلىق قىلىپ مودېرنىزمنىڭ كەتمىنىنى چاپقانلارمۇ نۆۋەتتە مودېرنىزمدىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارنىڭ قىممەت سىستىمىسىغا تۈپتىن خىلاپ كېلىدىغان ئەدەبى ئىقىمنىڭ مۇسۇلمان مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتىغا شۇنداقلا بۆسۈپ كېرەلمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتى.شۇڭا نۆۋەتتىكى مەسلە مودېرنىزمنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئېلىپ كېرىش ئەمەس،بەلكى مودېرنىزمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت سىستىمىسى ھەم ئىتىقادىغا قارشى بولمىغان بەزىبىر ئىجادىيەت ئۇسلۇبلىرىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىلەن ماسلاشتۇرۇش.ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شەكىللەنگەن يېڭى شېئىرىيەت ھادىسسى دەل مۇشۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.يېڭىچە شېئىر يازىدىغانلار بۇ مەسلىگە سەل قارىماسلىقى،غەرب مودېرنىزمچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى قارا-قويۇق دورىماسلىقى كېرەك.

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us