ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    باھاردىكى باھاردەك شىئېرلار - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئايسىمە ئىدىرىس

         يۈرىكىمىز تۇرمۇشقا قانمىغاندەك ھەر ۋاقىت شىئېرغىمۇ قانماي ياشايمىز. بىر يېڭى شىئېر چىقسا ئۇنىڭ لەززىتى ئۇزۇنغىچە قەلبىمىزدىن كەتمەيدۇ. بولۇپمۇ شىئېرلاردا ئىپادىلەنگەن لىرىك مەزمۇنلار ھەر ۋاقىت قەلبىمىزنى غىدىقلاپ، بىزنى ھاياجانلار دۇنياسىغا، ھىسسىيات دۇنياسىغا, گۈزەل تىللار دۇنياسىغا باشلىيالايدۇ. خۇددى ئەدەبى تەنقىتچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئېيتقاندەك: يېڭى ،ئىجادى، ساغلام ھەم چوڭقۇر شىئېرى مەزمۇننى ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش سەنئىتى، ئۆزىگە خاس  ئۇسلۇپ ئارقىلىق روشەن يورۇتۇپ بېرەلىگەن شائىرلارنىڭ شېئىرلىرى ئىجادىيەتنى جانلاندۇرۇپ، ئىستىتىك ئېڭى، بەدىئى زوقلىنىش سەۋىيەسى  كۈندىن كۈنگە ئۆسىۋاتقان بۈگۈنكى زامان كىتاپخانلىرىنىڭ روھى دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتالايدۇ.  ھەقىقەتەن ، شېئىرلاردا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالدى بىلەن تارتىدىغىنى شېئىرلارنىڭ مەزمۇنى بولۇپ، ئەنە شۇ مەزمۇن ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن شېئىرنىڭ بەدىئى يۈكسەكلىكى  شېئىرنىڭ مەزمۇنىغا گويا ياقۇت كۆزدەك يارىشىپ، بىر پۈتۈن گۈزەللىككە ئىگە شېئىرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ. ئۇنداقتا "شىنجاڭ گېزىتى "2010-يىلى3-ئاينىڭ 21-كۈنى  نورۇزلۇق سانىدىكى مارجان مىسرالارغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇپ باقايلى، شائىرلارنىڭ قەلب چوڭقۇرلىقىدىن باھاردىكى بۇلاق سۇلىرىدەك ئېتىلىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ يېقىملىق شىۋىرلىشى بىلەن باھار ياپراقلىرىنى ئويغاتقان بۇ مىسرالار بىزگە نىمىلەرنى تەقدىم ئېتەركىن، بۇ مىسرالارنىڭ سېھرى كۈچى زادى قەيەردىكىن؟

         "ئەدەبىيات گۈلزارى" غا بېسىلغان  باھاردىكى شاخلارغا چېچەك ياراشقاندەك ، نورۇزنىڭ سوۋغىسىدەك جۇلالىغان بۇ شېئىرلارنىڭ ھەممىسى نورۇز ھەققىدە، باھار ھەققىدە، باھاردىكى سەھرا ھەققىدە يېزىلغان بولسىمۇ، يەنى قارىماققا تېما كونىدەك، مەزمۇن ئىلگىركى مەزمۇنلارغا ئوخشاشتەك تۇرسىمۇ، ئەمما شائىرلار ئۆزىگە ئىپادىلەش ماھارىتى ئارقىلىق كونا پىكىرلەرگە يېڭى جان ،يېڭى ھاياتى كۈچ ئاتا قىلىپ،   شىئېرلىرىنى ئۆزگىچە شېئىرى پۇراققا، مەزمۇن چوڭقۇرلىقىغا، بەدىئى تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە ئىگە قىلغان. شۇڭا ئالدى بىلەن بۇ مىسرالاردىن باھار سۇلىرىدەك سىرغىپ چىققىنى  كۈچلۈك ۋەتەن مۇھەببىتى، يۇرت سۆيگۈسى.  بولۇپمۇ بۇ سەھىپىگە شېئىرلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان پەخىرلىك شائىرلىرىمىزدىن مۇھەممەت ئېلى زۇزۇن تەشنائى، ئىمىن ئەخمىدى، ئوسمانجان ساۋۇت،مۇھەممەتجان سادىق  قاتارلىقلارنىڭ گويا ئۆزلىرىدەك سالماق ،سالاپەتلىك ،پىشقان شېئىرلىرىدا كۈچلۈك يۇرت مېھرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شىئېرلاردا نورۇز مەدھىيەلەنگەن، سەھرا كۈيلەنگەن، تەبىئەتتىن سۆيۈنۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قات-قېتىدىن يەنىلا چوڭقۇر ئەل -يۇرت مېھرى  ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. "بىر پارچە شېئىرغا ئۆزگىچە بوياق، گۈزەللىك بېرىدىغان نەرسە ھىسسىيات بولسا، ئۇننىڭغا تەم كىرگۈزىدىغان، مەلۇم ئىجتىمائى ئۈنۈمگە، تەسىرگە ئىگە قىلىدىغان نەرسە دەل ئىددىۋى مەزمۇندۇر"(قاۋسىلقان قامىجان). ھەقىقەتەن، "نورۇزنامە" :

    "سالام خانتەڭرىگە قىندىك قېنى تامغان ئوغۇل –قىزغا،

    چىمەنباغلار ،يېشىل تاغلار ھايات مەنبەسى يىلتىزغا"

    دەپ باشلانغان مىسرالىرى بىلەن،بارا-بارا چوڭقۇرلاپ تۇرۇپ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى لىرىك قىياپەتتە تىلغا ئېلىش ئارقىلىق  ، ئۆز سۈلكىتىگە ھازىرلىغان قەدىم بىلەن ھازىرنىڭ سېغىنىشىنى كېسىشتۈرۈش  ئارقىلىق يۇرتىمىزنىڭ پەخرلىك كىشىلرىنى ئەسلەتكىنىچە ، بىپايان كەڭرى باغرىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشلەر بىلەن سىزىپ چىقسا،، "سەھرا غەزەللىرى":

    بوۋام كۆيگەن زىمىننىڭ ئىپتىدائى ھۆسنى دەل سەھرا،

    ھالا تەكتى ماكان دەپ غەمگۈزار كۈرمىڭ جامائەت بار."

    دىن قاناتلانغان ئويناق مىسرالارنىڭ قات-قېتىغا سىڭىپ كەتكەن سەھراغا بولغان پەخرلىنىش، سېغىنىش ھىس تۇيغۇلىرى ئانا سەھرانىڭ ئۇزۇن تارىخغىغا چىرماشقان يۇرت پۇرىقىنى بىزگە ئىۋەتكەندەك بولىدۇ. "تەبىئەت چىرايلىقتۇر ئەزەلدىنلا" نىڭ   بېغىشلايدىغىنىمۇ باشقىچە بولۇپ، شائىر باشتىن ئاخىر قايناق ھاياجاننىڭ لىرىك نەپەسلىرىگە يامىشىپ تۇرۇپ:

    جىلغىدا ،جىرغىلاڭدا بۈك دەرەخلەر،

    شىلدىرلايدۇ بۇلاقلار ئېرىق-ئېرىق،

    چېچەك چوكان كۆكلەمدە  تۆك ۋەرەقلەر

    مۇز قىيالار گۈلدۈرلەر يېرىق-يېرىق."دىگەنگە ئوخشاش جانلىق مىسرالار ئارقىلىق يۇرتىمىزدىكى  تەبىئەتنىڭ ئۆزگىچە جۇلاسىنى شىئېرى تىل ئارقىلىق چىرايلىق قىلىپ سىزىپ چىقىدۇ. يۇقارقى شىئېرلاردىن باشقا ""قاشلىرى قەلەم گۈزەل"، "تېپىشماق"،" قېنى ئەشئارلىرىڭ توققۇز "، "گۈل مىڭ ياپراق بولغايمۇ" قاتارلىق شىئېرلارمۇ ھەر بىرى ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن باھارغا يانداشقان ھالدا يۇرتىمىزنىڭ ،جۈملىدىن  ئانا ۋەتىنىمزنىڭ گۈزەل ھۆسنىنى، ۋەتەندىكى خەلقلەرنىڭ گۈل چېھرىنى زوق-شوقى بىلەن مەدھىيەلەپ ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشقا، ھاياتقا، قىسقىسى ئانا ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر سۆيگۈسىنى ئىپادىلىگەن. يەنى ۋەتەنپەرلىكتىن ئىبارەت بۇ مەڭگۈلۈك تېمىنى "نورۇزنامە"لەرنىڭ قات-قېتىغا،"سەھرا غەزەللىرى"نىڭ ئۈزۈلمەس كۈيلىرىگە،" تەبىئەت چىرايلىقتۇر ئەزەلدىنلا"نىڭ تۈيغۇ كەڭلىكىگە ،"قاشلىرى قەلەم گۈزەلنىڭ "،"تېپىشماق" لىرىغا، "گۈل مىڭ ياپراق بولغايمۇ ؟"نىڭ ئاراچلىرىغا "قېنى ئەشرالىرىڭ توققۇز " دەپ سىڭدۈرىۋېتىش ئارقىلىق ، ھەر بىر مىسرادا باھارنى، باھاردەك گۈزەل ئەل يۇرتنى، باھار پۇراپ تۇرغان ئانا ۋەتەننى ، ھەتتا ئۇنىڭ ھەر بىر چىمدىم توپىسىدىن تارتىپ، بىر تال ياپراقلىرىغىچە كۈيلەپ چىققان . بۇنىڭ بىلەن ھەر بىر شېئىر ھەر بىر مىسرادىن شائىرلىرىمىزنىڭ كۈچلۈك ۋەتەن تۇيغۇسى نامايەن بولغان.

        تەبىئەتتىن سۆيۈنۈش، ئانا تەبىئەتتىن پەخىرلىنىش ،تەبىئەت ھادىسىلىرىنىڭ بىرى بولغان باھارغا ئامراقلىق ئارقىلىق تەبىئەتكە بولغان مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلەش بۇ شېئىرلارنىڭ يەنە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى. مەزمۇن يېقىدىن ئالغاندا بۇ شېئرلارنىڭ ھەممىسى تەبىئەت لىرىكىسى بولۇپ، تەبىئەت لىرىكىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم خاراكتىرى تەبىئەتنى تەسۋىرلەش، تەبىئەتنى كۈيلەش. ئەلۋەتتە ، يۇقارقى شىئېرلارنىڭ ھەممىسى  ئاساسەن تەبىئەتنى ،تەبىئەتنىڭ بىزگە ئەكەلگەن نىمىتى بولغان باھارنى ، باھارنىڭ خەلقىمىزگە ئەنئەنە سۈپىتىدە تەقدىم ئەتكەن نورۇزنى كۈيلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۆزلىرىدە تەبىئەت لىرىكىسىغا خاس بولغان ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغان . "نورۇزنامە"نى ئالىدىغان بولساق ،شائىر نورۇزنى مەدھىيەلەش ئارقىلىق باھارنىڭ چىرايلىق مەنزىرىسىنى ، تەبىئەتتتىكى ئوزگىرىشلەرنى تەسۋىرلەشنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، شۇ ئاساستا باھارغا يانداشقان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلايدۇ. تېگى-تەكتىدىن ئالغاندا ،شائىرنىڭ ئىلھام پىلتىسىگە ئوت ياققىنىمۇ يەنىلا تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەردۇر:

       زەپ يېقىملىق"مەرھابا نورۇز" دىگەن ئاۋاز ماڭا،

       بەخش ئېتەر روھى قانات  ئاسماندىكى پەرۋاز ماڭا.

    ياپ-يېشىل باغلار ئارا،دەرمان داۋا تاغلار ئارا،

    نەۋباھارى كۈيلىگەن شادىيانە نەغمە –ساز ماڭا.

    دىمەك، شائىر دەل تەبىئەتتىكى ئۆزگىرىشلەردىن سۆيۈنۈپ قولىغا قەلەم ئېلىپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولغان ھالدا تەبىئەتنى كۈيلەپ نەزمە پۈتىدۇ، تەبىئەتتىكى ھەر بىر تىۋىشتىنمۇ ئىلھام پىلتىسىگە چوغ سوراپ، ئاخىرىدا تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ بىر گەۋدىسىنى ياراتقان نورۇز ئۈچۈن ئۈچۈن قوشاق قاتىدۇ، ھەر بىر مىسرادىن ئانا تەبىئەتكە بولغان چەكسىز ئىپتىخارلىق ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

       ئىمىن ئەخمىدىنىڭ "سەھرا غەزەللىرى"مۇ تەبىئەتنى ئۆزگىچە تۈستە تەسۋىرلەپ چىققان لىرىك غەزەللەر توپى بولۇپ، بىز گەرچە بۇ غەزەللەرنى تىپىك تەبىئەت لىرىكىسى دەپ ئاتىيالمىساقمۇ ئەمما ئانا تەبىئەتتتىن قېنىق رەڭ ئالغان ، ئانا تەبىئەتنى قانغىچە باغاشلاپ، ھەر بىر نەپىسىدە ئانا تەبىئەتنىڭ تىنىقلىرى بىلەن بىرلىشىپ تۇرغان قوينى كەڭ ، گۈزەل سەھرانىڭ يېڭىچە قىياپەتلىرىنى بىز يەنىلا تەبىئەتنى كۈچلۈك لىرىكا بىلەن تەسۋىرلىمىگەن دىيەلمەيمىز. چۈنكى:

    كۆزۈڭ يەتمەس ئېتىزلار ئۈستىدە ئوكيان يېشىل دولقۇن،

    جاھان پەردازلىرىنى لال قىلۇر ئەخلاق ھارارەت بار،

    قۇمى ،بوستانلىرى، چۆل دەشتلىرى ،ئورمان توقاي، جاڭگال،

    كى پىنھان باغلىرىدا گۈل ئۈچۈن بۇلبۇلدا تائەت بار،

    ئۇرۇپ تاشقا ئۆزىنى سەكرىگەن سۈيى گەر لاي،

    ئىچىپ باق بىر ئۇچۇم ئەركەكلىكىدىن تاڭلا ئامەت بار.

    دىگەن مىسرالاردا قانداقمۇ تەبىئەت تەسۋىرلەنمىگەن بولسۇن؟ بۇ مىسرالاردا تەبىئەتكە بولغان چەكسىز ئىنتىلىش بار، تەبىئەتكە بولغان تەلپۈنۈش روھى سەھرانىڭ قىياپىتىنى تەسۋىرلەشكە بىرلەشتۈرىۋېتىلگەن .

       تۇغۇلدى كىم بۇ سەھرا قوينىدىن سەھراچە قىياپەت بار،

       غۇبارسىز قەلبى بار ،كۆكتە نۇرانە روھ سالاپەت بار،

      مۇبارەك نام-نەسەپ دىھقان،كۆڭۈل كۆكسى ئەزىم دەريا،

      دىلى ئوتلۇق، قولى گۈل ئانچىنان سەنئەت ماھارەت بار.

    ئەلۋەتتە ، يۇقارقى مىسرالارنىڭ قات-قېتىغا يوشۇرۇنغان سەھراغا بولغان سۆيۈنۈش، پەخىرلىنىش ھىسسسىياتىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، شائىر ھەر بىر مىسرادا تەبىئەت بىلەن ئىنساننى چوڭقۇر رىشتە بىلەن باغلىغان نەرسە دەل تەبىئەتنىڭ كەڭ قورساقلىقى ، تەبىئەتنىڭ سېخىلىقى،  ئىنسان بىلەن تەبىئەت بىر-بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىر-بىرىگە بېقىنىپ تۇرىدۇ، تەبىئەتنىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلىدىغىنى تېخىمۇ كۆپ دىگەن پىكىرنى شائىرانە تۇيغۇ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك تەبىئەت تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ. ھەتتا سەھرادىكى بارلىق نىمەتلەر دەل تەبىئەتنىڭ  سوۋغىسى دىگەن قاراشنى يورۇتۇش ئارقىلىق، سەھرانى سۆيگەنلىك-تەبىئەتنى سۆيگەنلىكتۇر ، دىگەن روھنى نامايەن قىلىدۇ.

              "تەبىئەت چىرايلىقتۇر ئەزەلدىنلا"دىگەن شېئىرنىڭ ماۋزۇسنىڭ ئۆزىلا ناھايىتى كۈچلۈك تەبىئەت سۆيگۈسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان لىرىك ماۋزۇ بولۇپ، شائىر مۇشۇ ماۋزۇنى بويلاپ، باشتىن-ئاخىر تەبىئەتنىڭ ئېسىل ئەسىرى بولغان چىرايلىق باھار مەنزىرىسى ھەققىدە  پىكرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

           تەبىئەت چىرايلىقتۇر ئەزەلدىنلا،

           شۇڭلاشقا سەردان ئىرۇر نەسىللىرىم،

           تەمبەللىكى كۆرۈنۈەر بەستىدىنلا،

           ئاتەش پۈركەپ تۇرىدۇ پەسىللىرىم،

    ئاپتۇر بىرىنچى مىسرادىن باشلاپلا كۈچلۈك بەدىئى تەسۋىر ئۇسۇلى ئارقىلىق گۈزەل باھارنىڭ يېقىملىق، جۇشقۇن، قايناق مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. شائىرنىڭ تەبىئەت لىرىكىسى ھەرگىز قۇرۇقتىن-قۇرۇق تەبىئەت تەسۋىرى بولۇپ قالماستىن بەلكى قات-قېتىغا مەنىلەر يوشۇرۇنغان ،باھارنى كەڭلىكلەرگە قويۇۋېتىپ، شىئېرى ئوبرازلارنىڭ قاناتلىرى ئارقىلىق يۈكسەك شىئېرى پىكىرنى ئويغاتقان رەڭدار شىئېرى مۇھىتنى بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە گۈزەل تەبىئەت لىرىكىسىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان لىرىكىلاردۇر.

    يۇقارقى شېئىرلارنىڭ ھەممىسىدە شائىرلار  بەدىئى يۈكسەكلىككە يېتىشتە بەدىئى تەسۋىر ئۇسۇلىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان بولۇپ، مەيلى "نورۇزنامە" بولسۇن ،مەيلى "سەھرا غەزەللىرى" ياكى  ئوسمانجان ساۋۇتلارنىڭ تەبىئەت لىرىكىلىرى بولسۇن ھەممىسىدە شېئىرى ئوبرازلار  بەدىئى تەسۋىرنىڭ ياردىمىدە گۈزەل ۋە يارقىن ئىپادىلەنگەن.

    " بەدىئى تەسۋىر ئاپتورنىڭ رىئال ھاياتتىن ئالغان تەسىراتى ۋە چۈشەنچىسى ئاساسىدا ئۆز قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان كۈچلۈك لىرىك ھىسسىياتىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن پەيدا بولىدۇ. شىئېردىكى بەدىئى تەسۋىر بەزىدە شائىرنىڭ سوبىكتىپ ھىسسىياتىنى ئاساس قىلغان كۈچلۈك لىرىكا سىياقىدا كەلسە، بەزىدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى   ھادىسىلەر ۋە شەيئىلەرنىڭ قايتىدىن سۈرەتلەنگەن سىياقىدا كېلىدۇ. ئومۇمەن، بەدىئى تەسۋىر-ئوبىكتىپ بىلەن سوبىكتىپنىڭ قوشۇلمىسىدىن ھاسىل بولغان ئوبرازلىق ، جانلىق، ۋە كىشى ھىس قىلالايدىغان دەرىجىدىكى بەدىئى كارتىنىدىن ئىبارەت"(مەمەت ئەيسا). ھەقىقەتەن، يۇقارقى شېئىرلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك، ناھايىتى ئېنىق، يارقىن، جانلىق بەدىئى تەسۋىرلەردىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىز :

    باھاردۇر تال-چىۋىق دۇلدۇل مىنىپ ئۇچقان گۆدەكلەرگە،

    چېچىغا كۆك جۇلا ئاسقان سەبى غۇنچە –چېچەكلەرگە،

    باھاردۇر بىپايان ئاسمان زىمىنغا ،تاغ- دېڭىزلارغا،

    قۇياشلىق تاڭ سەھەر غالىپ بېسىلغان يېڭى ئىزلارغا.

    قاتارلىق  يارقىن مىسرالاردىن نورۇزنىڭ قايناق، جۇشقۇن ،ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى ھىس قىلساق، سەھرا غەزەلللىرىدىكى:

    تىرىك جان سۈلكىتى خاماندىكى ئېھرام كەبى داندىن ،

    دەرىىا ھەر سىقىم داندا ئازاپ كۆز ياش رىيازەت بار.

    سۆيۈپ ئۆت ئەھمىدى ئۇ جاي قېنىڭ تامغان ئانا تۇپراق،

    لېۋىڭگە سىرغىغان ئوغۇز سۈتتە بىشارەت بار،

    دىگەن مىسرالاردىن سەھرانىڭ بۈگۈنى ،ئەتىسىنى ھىس قىلالايمىز ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان لىرىك پىكىرلەردىن سەھرا بىلەن كىشىلىك ھاياتنىڭ قويۇق مۇناسىۋىتىنى ھىس قىلماي تۇرالمايمىز. ئوسمانجان ساۋۇتمۇ بىردە باھار يامغۇرىدەك كۈچلۈك، بىردە سەلكىن شامالدەك ئىللىق ،بىردە ئوتتەك قىززىق مىسرالار بىلەن:

    تەبىئەت چىرايلىقتۇر ئەزەلدىنلا،

    چىرايلىق زىمىستانى نورۇزى ھەم،

    ئاياندۇر تەمبەللىكى بەستىدىنلا،

    چىرايلىق گۈلسۇرۇقى، قىرمىزى ھەم.

    دەپ باھارنىڭ ،تەبىئەتنىڭ ئەڭ يېقىملىق مەنزىرىسىنى تەسۋىرلەپ تەبىئەتنىڭ ھەقىقەتەن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بەدىئى مىسرالار ئارقىلىق  يورۇتۇپ، كۆز ئالدىمىزدا چەكسىز بىر شىئېرى مەنزىرىنى يارىتىدۇ. مەيلى نورۇز تەسۋىرلەنگەن لىرىكىلاردا بولسۇن، مەيلى سەھرا تەسۋىرلەنگەن غەزەللەردە بولسۇن، مەيلى باھار تەسۋىرلەنگەن تەبىئەت مەنزىلىرىدە بولسۇن، ھەممىسىدە قۇرۇقتىن قۇرۇق تەسۋىرلەش بولماستىن بەلكى، شائىرلا ئۆزلىرىنىڭ ھاياتقا ،تۇرمۇشقا، ئادەملەرگە، ھەتتا جەمىيەتكە بولغان قاراشلىرىنى شېئرنىڭ ئاراشلىرىغا سىڭدۈرۈپ تەسۋىرلىگەچكە شىئېرلار بەدىئى تەسۋىرنىڭ روشەن گۋدىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ گويا باھاردەكلا چىرايلىق مىسرالارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

    ھەممىمزگە مەلۇمكى، شېئىرلارنىڭ بەدىئى مۇۋاپىقىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ يەنە بىرى شېئىرنىڭ تىلى . ھەرقانداق شىئېر ئالدى بىلەن كۈچلۈك تىل سەنئىتى بولۇپ، ئۇ قايناق ھىسسىياتنى لىرىك تىلنىڭ ياردىمى بىلەن ئىپادىلىيەگەنلىكى  بىلەن گۈزەلدۇر. شېئىرلارنىڭ تىلى ئىخچام، جانلىق، روشەن، ئېنىق بولغاندىلا كىشىنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ ۋە ھەقىقى شېئىرلىق مەخسىدىگە يېتەلەيدۇ. يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك مۇۋاپىقىيىتىمۇ يەنىلا تىلنى جايىدا، ئويناق، جانلىق ئىشلەتكەنلىكىدە بولۇپ، باھاردىكى ئاپتاپلىق كۈنلەرگە گويا ئەگىز سۈيىنىڭ لىرىك شىلدىرلىشىدەك كۈي قوشقان بۇ شىئېرلارنىڭ تىلى خېلىلا ۋايىغا يەتكەن. شۇڭا شېئىرلارنىڭ بەدىئى تەسۋىرگە لايىق ئورۇن بېرىشىمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان. ئېلىمىزنىڭ داڭلىق شائىرى ئەيچىڭ " بىرەر شەيئىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ قالمايدىغان تىل ئوبرازلاشقان تىلدۇر، يەنى شىئېرى تىلدۇر،  شىئېرى تىل ئىددىيە ۋە ھىسسىياتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىشى، بىشارەتلىك ۋە ئىلھاملاندۇرارلىق بولىشى كېرەك"دەيدۇ. ھەقىقەتەن يۇقارقى شىئېرلارنىڭ مۇئەللىپلىرى بولغان ئۇستاز شائىرلارنىڭ ھەممىسى پىشقان تىل ئۇستىلىرى بولغاچقا شىئېرلىرىنىڭ تىلىدا ھىچقانداق كېكەچ جۇملىلەر ئۇچرىمايدۇ، ئارتۇقچە سۆز، ئارتۇقچە زورۇقۇشلاردىن خالى ھالدا يېزىلغان  مىسرالار دىن ئۇرغۇپ تۇرغان قايناق ھاياجان ئوقۇرمەننى ئىختىيارسىز شېئىرنىڭ پايانسىز دۇنياسىغا باشلاپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ شىئېرى تىلنى بۇنداق نەپىس، يارقىن ،ئوبرازلىق ئىشلىتىشىنىڭ سەۋەبى بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتتە پىشقانلىقىنىڭ بەلگىسى بولسا يەنە بىر تەرەپتىن بۇ شائىرلارنىڭ شېئىردىكى تىل ماھارىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يەنى ئۇلار شىئېرى پىكىردە ئاددىدىن مۇرەككەپكە، كىچىكتىن چوڭغا ،تارلىقتىن كەڭلىككە قاراپ ئىلگىرلەپ تۇرۇپ شىئېرى مەنىنى چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىدۇ. ئالايلى،"نورۇزنامە"نىڭ 1-مىسراسى "سالام خانتەڭرىگە كىندىك قېنى تامغان ئوغۇل قىزغا" دەپ باشلىنىدۇ، 2-مىسراسىمۇ تەبئى ھالدا "چىمەن باغلار، يېىشل تاغلار ھايات مەنبەسى يىلتىزغا" دەپ چۈشىدۇ، ئەمما ئىككىنچى مىسرا بىرىنچى مىسرانىڭ تولۇقلىمىسى بولۇپ، بۇ يەردىكى "ھايات مەنبەسى يىلتىزغا"دىگەن مىسرا بىرىنچى مىسرادىكى "ئوغۇل قىزغا"نىڭ تولۇقلىمىسى ،شەرھىسى بولۇپ، ئاپتور بۇ يەردە يوشۇرۇن ئوخشۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، شىئېرى مەنىنى كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلغان. "نورۇزنامە"دە بۇنىڭغا ئوخشاش بىر بىرىنى تولۇقلاپ تۇرۇپ شىئېرغا گۈزەللىك قوشقان مىسرالار نۇرغۇن بولۇپ، شائىر مۇبالىغە ،ئوخشىتىش قاتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلارنى دەل جايىغا ئىشلىتىپ تۇرۇپ، ئەسلىدىنلا سالاپەتلىك مىسرالارنى تۈزىدىغان شىئېرى ماھارىتىنى يەنە بىر  قېتىم نامايەن قىلغان. "سەھرا غەزەللىرى"نىڭ كىشىگە بېغىشلايدىغان ھوزۇرى تېخىمۇ باشقىچە بولۇپ، قارىماققا تىل  شۇنچىلىك ئاددى-ساددا ،ئەمما ئۇنىڭ تەكتىگە يوشۇرۇنغان شىئېرى مەنە شۈنچىلىك كۈچلۈك چىققان. شۇڭا ھەر بىر مىسرا شىئېردىن بىزنىڭ قەلبىمىزدە تەمى قالىدىغىنى لىرىك ھىسسى تەم بولماستىن بەلكى كۈچلۈك پەلسەپىۋى چوڭقۇرلۇق. " تېگىم سەھرا شۇ ۋەج سەھرا دىسە يازماققا ئادەت بار\سەۋەپ سەھرا ئامان-يۇرتۇم ئامان،ئەلگە سائادەت بار" ،بۇ مىسرالار قارىماققا تۈپ-تۈز، ئەمما شائىر"تېگىم سەھرا، سەھرا ئامان، ئەلگە سائادەت بار "دىگەنگە ئوخشاش ئىخچام تىللار ئارقىلىق ، شىئېرى تىلنىڭ ئىخچاملىقى، گۈزەللىك ئۆلچىمىگە يېتىپلا قالماي، بەلكى يەنە شىئېرى مەزمۇننىڭ  قەدممۇ قەدەم چوڭقۇرلىشىشىغا ئاساس ياراتقان. شۇڭا  شېئىرلار مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىپ تۇرۇپ، مەزمۇن تېيزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تېخىمۇ كەڭەيگەن،بىز بۇ بۇ يەردە ماقالە ئېتىۋارى بىلەن ھەممە مىسرانى مىسالغا ئالمىساقمۇ ئەمما ، بەش بۆلەككە بۆلەنگەن بۇ غەزەللەرنىڭ شائىرنىڭ ھاياجانلىق پىكىر يۆنىلىشىگە ئەگىشىپ تۇرۇپ، بارا-بارا تىلدىمۇ، مەزمۇندىمۇ كامالەتكە يېتىپ بارغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. شائىر پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا قىلچە زورۇقمىغان، تولىمۇ يېنىك تىلنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ ، پىكىرىنى دەل ئوتتۇرىغا قويغان."ئەقىدە خارۇزار،ئەجداد جاپاسىغا خىيانەت بار"،" دەرىخا ھەر سىقىم داندا ئازاپ كۆز ياش، رىيازەت بار،"،"غۇبارسىز قەلبى بار،كۆكتە نۇرانە روھ ،سالاپەت بار"،"تونۇش شاپتۇل تۈۋىدە مۇڭدۇشۇشلاردىن ھارارەت بار" دىگەندەك لىرىك مىسرالاردا بولسا بارچە پىكىرلەر "بار"دىگەن رادىفقا يۈكلىنىپ ،تىلنىڭ ئىخچاملىقى ئەمەلگە ئېشىپلا قالماي، بەلكى ، تىلنىڭ گۈزەللىكى، نەپىسلىكىمۇ ئەمەلگە ئاشقان.شۇنىڭغا كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى،"سەھرا غەزەللىرى"نىڭ باشتىن ئاخىر بىرخىل قاپىيەدە يېزىلغانلىقىنىڭ ئۆزىدىنلا شائىرنىڭ تىلدا ھەقىقەتەن ۋايىغا يەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. بەش بۆلەككە بۆلۈنگەن بۇ غەزەللەر "ئادەت بار "دىگەن قاپىيە بىلەن باشلىنىپ، "بار" سۆزىنى رادىف قىلىش ئارقىلىق  شىئېرى تىلنىڭ گۈزەلككىنى يارىتىپلا قالماي، بەلكى، شېئىرى تىلنىڭ موللىقىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرغان چۈنكى ، باشتىن ئاخىر بىرخىل قاپىيەدە كەلگەن بۇ شېئىرلاردا ھەرگىزمۇ سۆز تەكرارلىقى يوق، تىلدا چېقىلىش يوق، گويا شائىر ئۆزى تەسۋىرلىگەن سەھرادەك رەڭ بوياقسىز، ئەمما تولىمۇ نەپىس، ھەم گۈزەل. ساددا ھەم تارتىملىق.

    شائىر ئوسمانجان ساۋۇتمۇ پىشقان تىل ئۇستىسى بولۇپ، ئۇنىڭ "تەبىئەت چىرايلىقتۇر ئەزەلدىنلا"دا ئىشلەتكەن ئويناق، ھاياجانلىق، جانلىق، تېتىك تىللىرى گويا باھاردا تاغدىن گۈلدۈرلەپ چۈشكەن تاغ سۇلىرىدەك ھەيۋەتلىك سادا پەيدا قىلغان. بولۇپمۇ شىئېرلاردىكى دەل جايىغا چۈشكەن قاپىيەلەر(نەسىلللىرىم، پەسىللىرىم،قەسىرلىرىم، ئەسىرلىرىم،بۇلۇت گويا، بۇلبۇلگويا، يېرىق- يېرىق، ئېرىق-ئېرىق، ئاداشمايدۇ، تاراشلايدۇ )ۋە جۇپ سۆزلەر ئارقىلىق ئېرىشىلگەن شىئېرى مەنىلەر  شېئىرغا ئۆزگىچە سۈلكەت، ئوتلۇق ھاياجان، ۋە كۈچلۈك رېتىم ئاتا قىلغان. ئاپتور شىئېردا باشتىن ئاخىر ئۆزىنىڭ سوبىكتىپ ھاياجىنىنى تىلنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىگە تاپشۇرۇپ تۇرۇپ، تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ، خاسىيىتىنى ،تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ مۇناسىۋىتىنى شىئېرى رەۋىشتە گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.بولۇپمۇ شېئىردا تەبىئەتنىڭ ئاۋازى، تەبىئەتنىڭ پۇرىقى، تەبىئەتنىڭ ئېنى، تەبىئەتنىڭ چېھرى، ھەتتا تەبىئەتنىڭ ھاياجىنى سۆز دۇردانىلىرىنىڭ ياردىمىدە ناھىيىتى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىپ كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ھەقىقەتەن چىرايلىق تەبىئەتنىڭ باھارلىق ھۆسنى روشەن نامايەن قىلىپ بېرىلگەن. گەرچە ئوسمانجان ساۋۇتنىڭ شىئېرلىرىدا بىر قىسىم ئاساسى لۇغەت تەركىبىگە كىرمەيدىغان سۆزلەر ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ ئەمما بۇ سۆزلەر شائىرنىڭ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى بىلەن يەنىلا شىئېرى تىلغا ئايلىنىپ شائىرنىڭ شېرى تۇيغۇسىنى جايىدا نامايەن قىلىپ بەرگەن.

    يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە مۇھەممەت سادىق ئۆز شىئېرلىرىنىڭ تىلىنى ئۈندەش بەلگىلىرى ئارقىلىق ھەيۋەتلەشتۈرگەن بولسا ئوسمان قاۋۇل، مۇنىرە توختىلار سوراق بەلگىلىرى ئارقىلىق شىئېرلىرىنىڭ تەسىر كۈچىنى زورايتقان. ئابلا سەلەينىڭ شىئېرلىرىدىمۇ قاپىيە ئۆزگىچىلىكى ، ئىستىلىستىكا ئۆزگىچىلىك خېلىلا نامايەن بولغان بولۇپ، بۇ بەتتە شىئېرلىرى بېرىلگەن ھەر بىر شائىر گويا باھاردەك چىرايلىق مىسرالىرى بىلەن سۆيۈملۈك باھارنىڭ گۈزەل ھۆسنىگە تېخىمۇ ھۆسۈن قوشقان. دىمەككى، باھار ئەسلىدىنلا  گۈزەل، شىئېرمۇ باھاردەك گۈزەللىكى بىلەن ئەدەبىياتقا تولىمۇ ياراشقان بىر ژانىر. شائىرلىرىمىز بۇ چىرايلىقلارغا تىل پاساھىتى بىلەن تېخىمۇ پاساھەتلەرنى قوشقاچقا نورۇزغا بېغىشلانغان بۇ بەتتىكى شىئېرلار ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان گۈزەل مىسرالار بىلەن بىزەلگەن. باھاردەك گۈزەل شىئېرلار "ئەدەبىيات گۈلزارى"غا باھارلىق شىئېر، نورۇزلۇق سوۋغا بولۇپ قېتىلغان. مەن ئاددى بىر ئوقۇرمەن، شۇڭا بۇ شىئېرلاردىن ھوزۇر ئالغۇچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن چىرايلىق شىئېرلارنىڭ شائىرلىرىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل مىسرالارنى يارىتىشىنى، "شىنجاڭ گېزىتى" ئەدەبى بېتىنىڭمۇ مۇشۇ شىئېرلاردەك  كىشىگە روھى لەززەت بېغىشلايدىغان ئېسىل شىئېرلارغا كۆپلەپ ئورۇن بېرىپ، تېخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.

       قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى فىلىلوگىيە فاكولتىتى 2008-يىللىق ھازىرقى بۈگۈنكى زامان  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ماگىستىرانتى ئايسىمە ئىدىرىس

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us