ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    يازغۇچىنى چۈشۈنۈش (2) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

        ئۈچىنچى، كۆرەلمەسلىك. يازغۇچى-شائىرلار ھەققىدە گەپ تېپىش ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازىنالمىغان بىر قسىم پىيەنچۈك زىيالىيلىرىنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ تېگىگە كۆرەلمەسلىك يۇشۇرۇنغان. مەلۇمكى ئەدەبىيات جاراستانلىق كەسىپ بولۇپ، جاپاسىغا تۇشلۇق شۆھرىتىمۇ بار. جاپادىن قورقماي نەچچە ئون يىل تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، تۆت-بەش كىتابنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغىلى بولىدۇ. لېكىن ئەدەبىياتتىن باشقا كەسىپلەردە بۇنداق ئىمكانىيەتلەر ئاز بولىدۇ. تەتقىقات نەتىجىلرى  پەقەت ئىلمىي ماقالە شەكلى ئارقىلىق كەسىپداشلار ئارىسىدىلا تونۇشتۇرىلىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردەك كەڭ ئاۋامغا يۈزلىنەلمەيدۇ. ئايرىم تەتقىقات نەتىجىلىرى دۆلەتنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغان بولغاچقا، بەزىدە نەچچە يىل مىڭىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىپ ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش پۇرسىتىمۇ بولمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، قورسىقى تار بىر قىسىم كىشىلەردە «چاپالمىغان ھاڭگا مادا تالايدۇ» دېگەندەك ئاچچىغىنى ئەدەبىياتچىلاردىن چىقىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ.

        تۆتىنچى، بەس-مۇنازىرىنى خاتا چۈشۈنىۋېلىش. ھەرقانداق بىر پەن بەس- مۇنازىرە ئۈستىگە قۇرۇلغان. گۇمان ۋە مۇنازىرە ئېڭى تۆۋەن بولغان پەن ساھەسىدە ھالقىش خارەكتىرلىك يېڭىلىقنىڭ بولىشىدىن سۆز ئېچىش قىيىن. ھالبۇكى، بىزدىكى بارلىق پەنلەر ئىچىدە مۇنازىرە كەيپىياتى ئەڭ قويۇق، ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ ئوچۇق ۋە كەسكىن بولىۋاتقىنى ئەدەبىيات ساھەسى بولۇپ، ئۇ ئەدەبىي تەنقىدنى ئاساسلىق مۇنازىرە شەكلى قىلغان. لېكىن كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ئەدەبىي تەنقىدنى ئەسلى مەنىسى بويىچە چۈشۈنىشى يېتەرسىز بولغاچقا، ئۇلاردا نورمال مۇنازىرىنى «قىتىغورلۇق، بىر-بىرىنىڭ ئۇلىنى كولاش، يېغىرىنى ئېچىش، مەنمەنچىلىك قىلىش» نەزىرىدە چۈشۈنىۋېلىش خاھىشى كېلىپ چىقىپ، پەن ساھەسىدىكى نورمال بەس-مۇنازىرىلەرمۇ يازغۇچى-شائىرلارنىڭ «ئەيىپى»نى يان تەرەپتىن كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەككە ئايلىنىپ قالغان.

        بەشىنچى، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئۆزىدىكى ئاجىزلىقلار. يازغۇچى- شائىرلار ئاۋۋال ئادەم. يەنە كېلىپ ئۇلار ئالاھىدە مۇھىتنىڭ مەھسۇلاتلىرى بولۇپ، ئاۋامغا تەۋە ئاجىزلىقلاردىن سىرت يەنە ئۆزىگە خاس كەمچىلىكلەرگىمۇ ئىگە. ئاساسلىقى: ئۆزىنى مەركەز قىلىش، ئۆزىنىڭكىنىلا راست دەپ تۇرىۋېلىش خاھىشى گەۋدىلىك. بەزىلىرى تۇرمۇشتا چېچىلاڭغۇ، كەيىپ ئارقىلىق پېسخىك تەڭپۇڭلۇققا ئېرىشىشكە ئىنتىلىش  ئادىتى ئېغىر، ماسلىشىش ئىقتىدارى ئاجىز. كەسىپداشلار ئارا دوستلىقىمۇ، رىقابىتىمۇ چىڭ ۋە كەسكىن. بەزىدە بۇ خىل رىقابەتنىڭ خارەكتىرى ئۆزگىرىپ، ھەسەت- خۇسۇمەتكە ئايلىنىپ قالىدىغان، خۇددى لىن يۈتاڭ ئېيتقاندەك «بىر-بىرىنى ياراتماي»، كىشىلەرگە ئويۇن قويۇپ بېرىدىغان ئەھۋاللارمۇ دائىم سادىر بولۇپ تۇرىدۇ.  

        ئالتىنچى،يازغۇچى-شائىرلارغا تەلەپنى بەك يۇقىرى قويۇۋېلىش. يازغۇچى- شائىرلار ئەسەرلىرىدە ئادەم ۋە ھايات ھەقىقەتلىرى ھەققىدە كۆپ پىكىر قىلىدۇ. مېغىزلىق چۈشەنچىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تەربىيىۋىي رولى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى ئۆگىتىدۇ. بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى. لېكىن ئوقۇرمەنلەر يازغۇچى- شائىرلاردىن ئەسىرىدە دېگەنگە، بولۇپمۇ ئەخلاقىي دەۋەتلەرگە ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. بۇ يازغۇچى- شائىرلاردەك ئالاھىدە مىجەزلىك كىشىلەرگە نىسبەتەن بەك تەس ئىش بولۇپ، مۇشۇ نوقتىدا كۆپ سانلىق كىشىلەر يازغۇچى -شائىرلارنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىدۇ. «يازغۇچى-شائىر دېگەننىڭ ئەسىرىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى كۆرمىسىمۇ بولىدۇ»، دېگەن بىمەنە يەكۈن مۇشۇ خىل ئادەت كۈچىنىڭ تەسىرىدە چىقىرىلغان. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆزلىرى تۆت يىلدا بەش خوتۇن ئالسا، بۇنى ئاز دەپ ساقىلىغا ئاق كىرگەندە مىلەڭزە قايرىپ ئىشرەت كارۋىتىدا جان بەرسە، بۇ نورمال ئىش، ھەتتا ئوغۇلبالىدارچىلىق! لېكىن مەھەللىسىدىكى بىر يازارمەن قىزىققانلىق قىلىپ خوتۇنى بىلەن بىرەر قېتىم سەن-پەن دېيىشىپ قالسا، ياكى كەيىپچىلىكتە تۈۋرۈككە ئۈسۈپ ئۆزىنىڭ شەخسى بۇرنىنى زىدە قىلىۋالسا، بۇ سېپى ئۆزىدىن تۇترۇقسىزلىق، تۇترۇقسىزلىقلا ئەمەس، يەنە ئەخلاقسىزلىق ھېساپلىنىدۇ. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە يازغۇچى-شائىرلار ھەققىدىكى كۆپ سانلىق پىتنە-پاسات ۋە كۆڭۈل ئاغرىقلار كىشىلەردىكى «ئۆزىنى تاختا پەرىگە ئېلىپ قويۇپ، يازغۇچىلارغا زىيادە تەلەپ قويۇۋېلىش» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،  ئۇنى قوبۇل قىلماق بەكمۇ تەس.

        يەتتىنىچى، يېزىقچىلىقنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى. ياخشىلىق، گۈزەللىكنى مەدھىيلەپ، يامانلىق بىلەن سەتلىكنى قامچىلاش-يازغۇچى-شائىرلارنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. بۇنى تۇرمۇشنىڭ، ئۇنىڭ ئوبرازلىق ئىنكاسى بولغان ئەدەبىياتنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتى بەلگۈلىگەن. يازغۇچى-شائىرلار ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا، ئاشۇ قانۇنىيەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بىر تەرەپتىن  جەمئىيەتنىڭ توغرا يۆلىنىشلىك يۈزلىنىشىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياخشى ئادەملەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ پازىلىتىگە مەدھىيە ئوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن(كۆپ ھاللاردا) شۇم نىيەت، يامان خۇيلۇق ئادەملەرنىڭ يىرگىنىشلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى رەھىمسىزلەرچە ئېچىپ تاشلاپ، خەلقى ئالەم ئالدىدا سازايى قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭمۇ سانى خېلىلا كۆپ بولۇپ، دەككىسىنى يىگەنلەرنىڭ، يېيىشتىن قورققانلارنىڭ يازغۇچى- شائىرلارغا قورسىقىدا غوم ساقلىشى، ئۇلارنى ئۆچ كۆرىشى، ۋاختى-سائىتىنى كەلتۈرۈپ ئۆچ ئېلىشقا ئىنتىلىشى تەبىئىي ئەھۋال.

    2. دۇنيانى يازغۇچىسىز تەسەۋۋۇر قىلىش

       راس گەپنى قىلغاندا، يازغۇچىلارنى ئۆچ كۆرىدىغان، ئۇلارنى سوقۇشقاق خورازلاردەك چوقۇۋېلىشنى، ئۈششۈك ھەرىسىدەك چېقىۋېلىشنى، كۈچى يەتسە گۆشىدە قىيما قىلىپ، مانتا تۈگۈپ سېتىشنى ئويلايدىغان كۈشەندىلەر بەك كۆپ ئەمەس. لېكىن «پىتنىڭ ئۇششىقى بەك چاقىدۇ» دېگەندەك زىيىنى، سەلبىي تەسىرى خېلىلا ئېغىر. بولۇپمۇ يازغۇچى- شائىرلارنى مازاق قىلىش سادالىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردىن ھالقىپ، پۈتۈن ئاۋام كۆرىدىغان، ھەتتا چەتئەللەرگىچە تارقىتىلىدىغان تېلىۋىزىيە ئېكرانلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارە ئوتتۇرىغا چىقىشى كىشىنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ...

        مەن دۇنيانى يازغۇچى-شائىرلارسىز، ئەدەبىياتسىز تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم: كۆز ئالدىمدىكى بۇ دۇنيا ماڭا بەكمۇ ناتونۇش بىلىندى. ئۇنىڭ قان-يىرىڭ بۇقسۇپ تۇرىدىغان شەپقەتسىز باغرىدا ھاياسىز،  مىھرى-مۇھەببەتسىز ياشاۋاتقان ئىنسانلارنىڭ بىچارە تۇرقىغا قاراپ كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش كەلدى.

    ....ئالدى بىلەن ئۇلار تىلسىز-زۇۋانسىز ئىدى. مەقسەدنى شەرەت بىلەن ئۇقتۇرىشاتتى. مەن ھەيران بولۇپ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورىدىم، بۇ كىشىلەر نىمىشقا تىلسىز؟ قەلبىمدىن سادا كەلدى: ئۇلار تىل ئۇستازلىرى بولغان يازغۇچى-شائىرلىرىنى خارلاپ، ياقا يۇرتلارغا قوغلىۋەتكەن. بىلەيدىن ئايرىلغان قىلىچ قانداقمۇ پارقىراپ تۇرالىسۇن؟

       ئۇلار يەنە ھاياسىز- مۇھەببەتسىز ئىدى. دادىسى قىزىغا، ئاكىسى سىڭلىسىغا پوخۇرلۇق قىلىش ئادەتتىكى ئىش ئىدى. شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك، ئاھالىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئاقساق -چۇلاق، تارتىشاڭغۇ ئىدى. ئىككى باشلىق، بىر پۇتلۇق ئادەملەر قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇراتتى. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، بىر-بىرىدىن ئۆكتەم-ئۇرۇشقاق ئىدى. كىچىككىنە ئىشلارغا ئىت-مۈشۈكتەك بوغۇشاتتى. بەزىدە بۇنداق بۇغۇشۇشلار كۈنلەپ داۋاملىشاتتى. بوغۇشقانلارنى ھىچكىم ئاجرىتىپ قويمايتتى، بەلكى ئەتراپىدا بىر چىرايلىق ئولتۇرۇپ، چالا پۇشۇرىۋالغان گۆشلىرىنى غاجىلاشقىنىچە تاماشا كۆرىشەتتى... مەن ھەيران بولۇپ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورىدىم، بۇ كىشىلەر نىمانداق بەدىرەكلىشىپ كەتكەن، ئۇلارنىڭ ھايۋاندىن پەرقى يوقكەنغۇ؟ قەلبىمدىن سادا كەلدى: سەۋەبى شۇكى، ئۇلار ئەدەبىياتنى تەرك ئەتكەن. ئەجداتلىرىنىڭ ئۇدۇم-ئېتىقادلىرى تاشلىۋېتىلگەن. روھى ياد ئېتىلمەي، ھەممە «مەن»دىن باشلىنىپ يەنە شۇ «مەن» بىلەن ئاخىرلاشقان!

       ئۇلار گالۋاڭ ئىدى. كىيىم تىكىشنى، تاماق ئېتىشنى بىلمەيتتى. ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى شۇ پېتى ئۈستىبېشىغا ئارتىۋالاتتى. تاماققا كەلگەندە ھەممىنى شۇ پېتى ئوتقا قاقلاپ ياكى سۇغا تاشلاپ خالا-خۇتتاڭ قورساق تويغۇزىشاتتى. قورساق تويغاندىن كېيىن قازان - قۇمۇشلارنى شۇ پېتى تاشلاپ قويۇپ، يېنى ئارام تاپقان يەرگە موككىدە چۆكۈپ ئۇيقىغا كېتىشەتتى. مەن ھەيران بولۇپ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورىدىم، بۇ كىشىلەر نىمانچە ھورۇن؟ بىر ئوبدان قولى بولغاندىكىن تېرىلەردىن چىرايلىق كىيىملەرنى تىكىپ كىيسە، ئاياللىرى ئەتىدىن كەچكىچە ئاپتاپقا قاقلىنىپ پىت بېقىپ ئولتۇرغۇچە كۆڭۈل قويۇپ تاماق ئەتسە بولمامدىغاندۇ؟ قازان-قۇمۇشلىرىنى يۇماي شۇ پېتى قويغىنى قىزىق... قەلبىمدىن سادا كەلدى: ئۇلار گۈزەللىك قانۇنىيىتى بويىچە ئىجاد قىلىش ئەنئەنىسىنى ئۇنتۇغان. شۇ دەقىقىدە «بۇ ئەدەبىياتنىڭ ئاساسلىق رولىغۇ؟» دېگەنلەر غىل-پال كۆڭلۈمدىن كەچتى. 

        ئۇلار ۋاپاسىز ئىدى. چوڭلار ئەللىكتىن ھالقىغانلارغا كۈندە بىر ۋاخلا تاماق بېرىلەتتى. كېسەل بولۇپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلار يىراق چۆللەرگە، ئادەم ئايىغى باسمايدىغان ئىدىرلىقلارغا ئاپىرىپ تاشلىۋىتىلەتتى. ئۈلۈكلەر ئىتقا تاشلاپ بېرىلەتتى... مەن ھەيران بولۇپ ئۆز-ئۆزۈمدىن سورىدىم، بۇ قانداق يوسۇن؟ چوڭلار يېشى ئۇلغايغانسېرى ئۇلۇغلىنىشى، ئادەم ئۆلگەندە ئاخىرقى قېتىم ھۆرمىتى قىلىنىشى، تىرىكلەر تەرىپىدىن يادلىنىشى لازىم ئىدىغۇ؟ ئۆلۈم ھەممە ئادەمنىڭ بېشىدا بار مۇقەررەرلىكقۇ؟... قەلبىمدىن سادا كەلدى:  ئۇلار ئېتىقاتتىن ياتلاشقان، تەپەككۇرى كاردىن چىققان، شۇڭا بۇنداق چوڭ قائىدىلەرنى چۈشۈنىشتىن يىراق!

        ئۇلار بىلىمسىز ئىدى، نادان ئىدى. تىلى بولمىغاچقا يېزىقى يوق ئىدى. يېزىقى بولمىغاچقا، ھەرقانداق شەكىلدىكى مەدەنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش، جەمئىيەت بولۇپ ئۇيۇشۇش، نەغمە-ناۋا قىلىپ كۈلىشىش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى...

       مەن رېئاللىققا قايتىپ كەلدىم. تەسەۋۋۇرۇمدىكى كۆرۈنۈشلەر مېنى ئوبدانلا چۆچۈتكەن ئىدى. راس گەپنى قىلغاندا، مەن ئەقلىمنى تاپقاندىن بېرى ئەدەبىيات ھەققىدە كۆپ ئويلانغان، ئۇلىسا دۇنيانى نەچچە ئايلانغىدەك خىيال-تەسەۋۋۇرلارنى قىلغانىدىم، لېكىن دۇنيانى يازغۇچى-شائىرسىز، ئەدەبىياتسىز تەسەۋۋۇر قىلىشنى بولسا خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغانىدىم. بىمەنە خىياللىرىم مېنى ئوبدانلا سەگىتتى. كىچىككىنە ئىشنى دەپ «پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوچاققا سېلىش»قا تاس قالغانلىقىمدىن ئۆزۈمچە نومۇس قىلدىم. ئەدەبىياتنىڭ پېشىگە تېخىمۇ مەھكەم ئېسىلىش ئىرادەم ھەسسىلەپ چىڭىدى. مەن بۇ بىمەنە خىيالدىن ئىنسانىيەت دۇنياسىنى يازغۇچى-شائىرسىز، ئەدەبىياتسىز تەسەۋۋۇر قىلىشنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتىم! 

    3. ئۈزۈمىنى يە، سېپىنى سورىما

        ئادەتتىكى بىر ئادەمنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن بىر تاغار تۇزنى بىللە يېيىشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن يازغۇچىنى چۈشۈنۈشكە ئۇنچىۋالا كۆپ ھەرەج تارتىش كەتمەيدۇ. مېنىڭچە يازغۇچىلارنى چۈشۈنۈشتە تۆۋەندىكى بىرقانچە نوقتىغا ئېتىبار بېرىش زۆرۈر: بىرىنچىدىن، ئالدىن ئىدىيە بەلگىلىۋالماسلىق، رەڭلىك كۆز ئەينەكنى ئېلىۋېتىش؛ ئىككىنچىدىن، يازغۇچىنىڭ قان بىلەن گۆشتىن تۆرەلگەن ھېسسىياتلىق ئادەم ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قېلىش، ئۇلار تەشەببۇس قىلغان كۆز قاراشلار توغرا كەلسە قوبۇل قىلىش، لېكىن ئاۋۋال ئۆزۈڭ ئەمەلدە كۆرسىتىسەن، دەپ كۆزىگە كىرىشىۋالماسلىق؛ ئۈچۈنچىدىن، يازغۇچىنى مىللەتنىڭ نۇقۇل ھالدىكى ئەخلاق ئۈلگىسى بولۇشقا قىستىماسلىق...

       بەك زۆرۈرىيىتى بولمىغان ئەھۋالدا، «ئۈزۈمىنى يە، سېپىنى سورىما»، دېگەن ھېكمەتنىڭ روھى بويىچە ئەڭ ياخشىسى يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇپ، ئۆزىنى چۈشۈنىمەن دەپ ئاۋارە بولمىغان تۈزۈك. چۈنكى، قورساق ئاچقان كىشىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا لازىم بولىدىغىنى ئاشپەز ئەمەس بەلكى ئاشپەزنىڭ تامىقى بولغىنىدەك، ئوقۇرمەنگىمۇ ئەڭ كېرەكلىكى يازغۇچىنىڭ خۇي-پەيلى ئەمەس، بەلكى ئەسىرى. سىز ئاشخانىغا كىرىپ، مىزىلىك تاماققا ئېغىز تەككۈزگىنىڭىزدە، ئاشپەزنىڭ ماھارىتىنى ماختىسىڭىز بولىدۇ. بەك خوشلىقىڭىز تۇتۇپ كەتسە، خۇرۇچلارنىڭ نەدىن كەلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە سورىسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۇستامنى ئالدىڭىزغا چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخى، قورىمىلارنىڭ ئىنگىلىزچە نامىنى بىلىش-بىلمەسلىكى، تاماققا تۇتۇش قىلىشتىن ئىلگىرى قولىنى يۇغان-يۇمىغانلىقى، خوتۇنى بىلەن قانداق تونۇشقانلىقى، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن نىمە ئىشلارنى قىلىدىغانلىقى، ئۆلگەندىن كېيىن مىراسنى قانداق تەقسىم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سورىسىڭىز، كۆتىڭىزگە تېپىك يىمىگەن تەقدىردىمۇ كۆڭلىڭىزنى چىگىۋالماي قالمايسىز.

    ( ئاپتۇر خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى تىل-ئەدەبىيات فاكولتېتىدا)  

    تېما تامام.            مەنبە : يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us