ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-20

    يازغۇچىنى چۈشۈنۈش (1) - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    ئەنۋەر ھوشۇر

        يازغۇچى-شائىرلار ئەلمىساقتىن بېرى ھاياتنىڭ ماھىيىتى ۋە ئادىمىيلىك يوسۇنلىرى ھەققىدىكى ئەقلىي ئىزدىنىشلىرىنى بەدىئىي يوسۇندا شەرھىلەپ، زامانداش كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي بىلىمىنى كۆپەيتىش، ھېسياتىنى تەربىيىلەش، ھەق-ناھەق، گۈزەللەك- سەتلىك، ياخشىلىق-يامانلىق تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئويغۇتۇش، جۈملىدىن مىللەتنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرى بىلەن مەنىۋىيەت جەۋھەرلىرىنى، ئۇدۇم-ئېتىقادلىرىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەنىدى. تاكى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە، ھازىر مودا بولىۋاتقان بىر قىسىم پەنلەر ئەدەبىياتتىن «ئۆي ئايرىپ» چىقىپ كەتكۈچە بولغان ئىنسانىيەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىدا، ئۇنىڭ ئىختىراچىلىرى بولغان زىيالىيلارغا، ئالىم-ئۆلىمالارغا قويۇلىدىغان ئەقەللىي تەلەپلەردىن بېرى يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش بولۇپ، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئەينى دەۋر زىيالىيلىرىنىڭ(بولۇپمۇ شەرقلىقلەردە) كۆپ قىسمىنىڭ مۇھىم سالاھىيەتلىرىدىن بېرى يازغۇچى-شائىرلىق ئىدى. ئالىم-ئۆلىمالارلا ئەمەس، خان- پادىشاھ، رەئىس، مىنىستىرلارمۇ نەزىم توقۇشنى بىلىش، بەلكى يېتىلگەن شائىرلاردىن بولۇش ئەنئەنىسى يېقىنقى زامانلارغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنىدى.

        دۇنيانىڭ مۇھىم مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بېرى بولغان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىمۇ سىياسەت، پەلسەپە، ماتىماتىكا، فىزىكا- خېمىيە ياكى چەتئەل تىلىدىن ئەمەس، بەلكى ماقالە-ئەسەر يېزىشتىنلا ئېلىنغان بولۇپ، ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر بىراقلا مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان. گەرچە ئىمتىھاننىڭ سوئال شەكلىدە سەل بىتەرەپلىمىلىك ساقلانغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تاللاش، شاللاش ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىقتىدارىغا گۇمان كەتمەيتتى. مېنىڭچە، بۇ خىل ئىمتىھان شەكلى ئەڭ قاقۋاش ئۆلىمالارنىڭ ئىجادىيىتى بولۇپ، ئۇلار ماقالا-ئەسەر يازدۇرۇشتىن ئىبارەت بىرلا ئۇسۇل ئارقىلىق ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنى، جۈملىدىن يېزىق-بەلگۈلەرنى توغرا تونۇش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش، تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارى، مەسىلىلەرنى بايقاش، تۈرگە ئايرىش، تەھلىل-تەتقىق قىلىش، يەكۈن چىقىرىپ، تەدبىر بەلگۈلەش قابىلىيىتى، شۇنداقلا ئەستايىدىللىق دەرىجىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلا قېتىمدا سىناش مەقسىدىگە يەتكەن. تېكست مەزمۇنىدا پاساھەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇپ، مەجازى ۋاستىلاردىن، تۇراقلىق ئىبارىلەردىن، قەدىمكىلەرنىڭ نەزمى جەۋھەرلىرىدىن پايدىلىنىش، پىكىرنى شېئىرى تىل بىلەن ئېنىق، راۋان ئىپادىلەش تەلەپ قىلىنغان. دېمەك، قەدىمكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ يادلىمىغان، ئۆزىمۇ نەزمە تۈزۈپ باقمىغان تالىپلار ئىمتىھان مەيدانىغا كېرەلمىگەن. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇلار« ماقالە(ئەسەر) يازالايدىغان، نەزىم تۈزەلەيدىغان ئادەم ئىقتىدارلىق ئادەم»، دېگەن ئەقىدىگە چوڭقۇر ئىشەنگەن.

        ئۇندىن باشقا ئەدەبىيات شەرقتىكى قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ ھەر قېتىملىق ئىدىيە ۋە يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى-ئۇيغۇنىشلىرىنىڭ ئاساسلىق ئوت پىلتىسى شۇنداقلا يېقىلغۇسى؛ يازغۇچى شائىرلار ئۇنىڭ ئاكتىپ ئىشتراكچىلىرى، ھەتتا يول باشچىلىرىدىن بولۇپ كەلگەن. ئومۇمەن، ئەدەبىيات ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى بىلەن سېغىز بىلەن ساماندەك يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، تاكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغىچە ئەدەبىياتنىڭ، ئۇنىڭ ئىختىراچىلىرىدىن بولغان يازغۇچى- شائىرلارنىڭ ئەل قەلبىدىكى ئىناۋىتى يۇقىرى، ھۆرمىتى زىيادە بولۇپ كەلگەن.

    1.چۈشەندۈرگەنلەر چۈشۈنۈشتىن يىراق

     يېقىندا كۆڭلىنى يېقىن تۇتىدىغان بىر خىزمەتدېشىم:

    -ئاڭلىسام ھېلىقىM  دېگەن ئاداش سىزنى تىللاپ يۈرەرمىشقۇ؟ قارىسا بەك يېقىن ئۆتكەندەك قىلاتتىڭلا بولمىسا. ھەي...، مۇشۇ يازغۇچى -شائىر دېگەننىزە، پەقەت چۈشەنگىلى بولمايدۇ!-دېدى قولۇمنى تۇتۇپ تۇرۇپ. ئارقىدىنلا سەل ئۆڭۈشكە باشلىغان چىرايىمغا قاراپ قويۇپ:

    -سىز يازغىنىڭىز بىلەن ئۇ خەقكە ئوخشىمايسىز!-دېگەننى قىستۇرۇپ قويدى.

    بۇ يازغۇچى- شائىرلار ھەققىدە دېيىلگەن يامان گەپنىڭ بىرىنچى قېتىملىقى ئەمەس ئىدى. ئىلگىرىمۇ يازارمەن كەسىپداشلىرىمنىڭ ئىنساندارچىلىقتا ئۆتكۈزۈپ قويغان ئەرزىمەس سەھۋەنلىكلىرى جاراستاندا غەيۋەتكە پىلتە بولغاندا،بۇنداق داتلاشلار، ئاساسسىز قاقشاشلار كۆپ بولغان ئىدى. مۇنداق نومۇسسىزلارچە ئادەم سېسىتىشلاردىن ئىچىم قايناپ، بەزىلىرىگە سەۋىرچانلىق بىلەن چۈشەنچە بەرسەم، بەزى گەپ يىمەسلەر بىلەن سائەتلەپ مۇنازىرىلىشىپ، قىزىرىشىپ قالغان چاغلىرىممۇ بولغانىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، پىكرىم شۇنچە يوللۇق، ئاساسىم ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ بەرىبىر ئۇلارنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشەلمەيتتىم. ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، سورۇندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىم. كېيىنچە بۇنداق سورۇنلارغا بارمايدىغان، بارساممۇ يازغۇچى- شائىرلار ھەققىدىكى بىلجىرلاشلارغا تازا ئېرەنشىپ كەتمەيدىغان بولۇپ قالدىم. سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي: ئۇلار كۆڭلىدە خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بەرىبىر ئۇنى ئېتىراپ قىلمايتتى. بۇنداق جاھىل كىشىلەر توپى بىلەن ھەقىقەت ئۈستىدە مۇنازىرىلىشىش زالىمدىن مەرھەمەت تىلىگەندەكلا بىھۇدە ئىش ئىدى. شۇڭا بۇ خىزمەتدېشىمنىڭ «دوستانە ئېچىتىش»لىرىغا ئارتۇقچە چۈشەنچە بەرمىدىم. پەقەت :

    -شۇنداقمۇ، مەن ھەجەپ ئاڭلىماپتىمەنغۇ؟-دەپلا قويدۇم.

        شۇ كۈندىن باشلاپ: نېمە ئۈچۈن كىشىلەر يازغۇچى-شائىرلار ھەققىدە گەپ تېپىشقا ئامراق؟ ئۇلارنىڭ نەگىلا بارسۇن ئۇزۇنغا قالماي سۆز-چۆچەككە پىلتە بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى نەدە؟ ئۇلارنى چۈشۈنۈش شۇنچە تەسمۇ؟ دېگەن سوئاللار ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم...

        مەن ئەتراپىمدىكى يازغۇچى-شائىرلار توپىغا نەزىرىمنى ئاغدۇرۇپ ھەيران قالدىم. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى باشقۇرۇلغۇچىلار قاتلىمىغا تەۋە رايىش كىشىلەردىن بولۇپ، مۇھتاجلىق ئىلكىدە، روھى دۇنياسىدا ئۈن-تىنسىز ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ بەختى -خاتىرجەم يېزىقچىلىق قىلىش، ئەڭ زور خوشاللىقى ئەسەرلىرىنىڭ توسالغۇسىز نەشر قىلىنىشى بولۇپ، ئادەتتە پۇل، ھوقۇق، ئىمتىياز، ماركا، مودا دېگەندەك ئۆتكۈنچى نەرسىلەرگە بەك قىزىقىپ كەتمەيدىكەن. كىچىكىدىن باشلاپ قەھرىمانلىق، باتۇرلۇق، مەردلىك، ھەققانىيەت مەزمۇنىدىكى غايىۋىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇپ، ئۇستىخىنىنى شۇ خىل روھ ئەندىزىسىدە چېنىقتۇرغان بولغاچقىمىكىن، نەزىرى ئۈستۈن، ئېغىزى ئىتتىك، ھەق-ناھەق تۇيغۇسى كۈچلۈك كېلىدىكەن. ناھەقچىلىققا چىدىمايدىكەن، غورۇرغا تېگىدىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرغىسى كەلمەيدىكەن. يەنە بېرى، ئەدەبىيات ئەھلى گەپچى، كىشىلەرگە ئەقىل كۆرسىتىشكە ئامراق، نۇتۇق تېكىستى يېزىشقا ماھىر بولغىنى بىلەن ئۇلاردىن ئەمەلدار بىلەن باي ئاز چىقىدىكەن. ئېزىپ-تېزىپ ئەمەل تاجىسىغا ئېرىشىپ قالغانلىرىنىڭمۇ سەلتەنەت ۋاقتى ئۇزۇنغا بارمايدىكەن. ئومۇمەن، يازغۇچى- شائىرلارنىڭ جەمئىيەت قاتلىمىدىكى ئورنىمۇ، مىجەزىمۇ ئالاھىدىرەك بولۇپ، كىشىلەرگە ھىچقانداق زىيىنى يوق رايىش كىشىلەر ئىكەن.

        ئۇنداقتا، نىمە ئۈچۈن ھىچكىمگە زىيىنى يوق بۇ رايىش توپنىڭ كۈشەندىلىرىمۇ، يامان گېپىمۇ كۆپ بولىدۇ؟ بۇنىڭغا تۆۋەندىكى بىرنەچچە نوقتىدىن جاۋاپ تېپىش مۇمكىن:

        بىرىنچى، ئادەملەرنىڭ ئالاھىدە پىسخىكىسى. ئادەملەردە شۇنداق بىر پىسخىك كەمتۈكلۈك بار: ئۇ بولسىمۇ ئۆزىگە ئەڭ ئەسقاتىدىغان، بېۋاستە نەپ بېرىدىغان، ئەڭ كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ قەدرىنى قىلماي، كۆزىدىن سېلىۋېتىش، ھەتتا ئۆچ كۆرۈپ دۈشمەنلىك قىلىش، ئەكسىچە ھىچقانچە پايدىسى يوق، ئۆتكۈنچى-يالتىراق نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاپ، كەينىدىن يېتىشىپ بولالماي ھالىدىن كېتىش. بىزدىكى  «يىراقتىكى موللام داموللام، يېقىندىكىسى بار موللام»، «مەھەللىدىكى موزاي ئۇي بولماپتۇ» دېگەندەك ماقال -تەمسىللەر مۇشۇ خىل ئادىتىمىزگە قاراپ ئېيتىلغان. مەسىلەن: بىزدە ئىشەك بىلەن كالا ئەڭ قەدىرسىز. لېكىن ئالتۇن بىلەن قاشتېشىنىڭ ھەيۋىسىگە ھىچنىمە تەڭ كەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، بىزدەك ئاھالىسىنىڭ %80 تىدىن كۆپرەكى رىسقىنى توپىدىن ئىزدەيدىغان دېھقان مىللىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئىشەك بىلەن كالا ھەممىدىن مۇھىم بولۇپ، ئۇلارسىز ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشىمىزنىڭ نورمال تەرتىپتە يۈرىشىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن بىز ئادەتتە ئۇلارنى بەك چوڭ بىلىپ كەتمەيمىز: خالىساق تىللايمىز، خالىساق دۇمبالايمىز. قىلىقى سەت ئادەملەرنى ئىشەككە، مىجەزى ئېغىر، گالۋاڭ ئادەملەرنى كالىغا ئوخشۇتۇپ ھاقارەتلەيمىز. لېكىن ئالتۇن بىلەن قاشتېشىنىچۇ؟ بەك چوڭ بىلىمىز. بارماقچىلىك بىر قاشتېشىنى بىر كالىغا تىگىشمەيمىز. ئالتۇن ئۈچۈن ئۆز بەختىنى قۇربان قىلىۋاتقان، بىر ئوبدان ئۆيىنى بۇزۇۋاتقان قىز-ئاياللارنىڭ سانىنى ئېلىش تېخىمۇ قىيىن... ئەمەلىيەتتە ئالتۇن بىلەن قاشتېشىنىڭ ھەر ئىككىلىسى چىن مەنىسىدىن ئەرزىمەس نەرسىلەر بولۇپ، ئۇنىڭغا ئىنسانلار ئۆزلىرى مەنە ۋە قىممەت ئاتا قىلىۋالغان، خالاس. يازغۇچى –سائىرلار ئالتۇن-قاشتېشىغا ئەمەس، بەلكى كالىغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ئادەملەر ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز خىزمەت قىلىدۇ: ئىنسانلار ئۇلارنىڭ ئەسىرىنى ئۇقۇپ تىل سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىدۇ. تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى غولدىتىدۇ، تارىخىنى بىلىدۇ، ئەجداتلىرىنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىن خەۋەردار بولىدۇ، ئېستېتىك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇىدۇ، يول تاپىدۇ... ئۇلارنىڭ مەنىۋىي مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىنىپىي، مىللىي ۋە كەسپىي چەكلىمىسى بولمىغاچقا، خۇددى سىڭىشلىك تاماقتەك ھەرقانداق ئادەمنى يەكلىمەيدۇ. بەدەل تەلەپ قىلمايدۇ. شۇڭا قەدرى يوق! بىزدىكى«ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق» دېگەن تەمسىل  بىكارغا ئېيتىلمىغان. يەنە بىرى، ئىنسانلاردا ئۆزى بىلمىگەن، چۈشەنمىگەن نەرسىلەرنى ئۇلۇغلاش؛ بىلگەن، چۈشەنگەن نەرسىلىرىنى چوڭ بىلمەسلىك خاھىشى گەۋدىلىك. مەلۇمكى ئەدەبىيات ئاممىۋىيلىقى ئەڭ كۈچلۈك كەسپ بولۇپ، ھەممە ئادەم كىچىكىدىن باشلاپ ئۇنىڭدىن نەپ ئالالايدۇ-ئۇنى بىلىدۇ ۋە بىلەلەيدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭغا بەك ئېرەن قىلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئالىي ماتىماتىكا، مىكرو بىئولوگىيە، بوشلۇق فېزىكىسى قاتارلىق مۇرەككەپ پەنلەر كىشىلەر تۇرمۇشىدىن يىراق، ئۇنى بىلىدىغانلار بەك ئاز بولۇپ، بۇ پەندە ئازراقلا نەتىجە قازانغانلار كىشىلەرگە سىرلىق ھەم بۈيۈك تۇيۇلىدۇ. شۇ نەرسە ئېنىقكى، كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۆزلىرى ئۇلۇغلىغان ئاشۇ كىشىلەرنىڭ زادى نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى ۋە قىلغانلىقىنى، كىم ئۈچۈن ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئاشۇ سىرلىق ۋە بۈيۈك كەشپىياتلاردىن كىملەرنىڭ پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىلمەيدۇ! بىلمىگەن- چۈشەنمىگەن ئەھۋالدا ئىزچىللىققا ئىگە پىكىر قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، ئەڭ مۇھىمى قوۋزىنى تولدۇرۇپ سۆز-چۆچەك تارقىتالمايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ياخشى ئۇسۇل-قارغۇلارچە ماختاش بولىدۇ.

        ئىككىنچى، يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئالاھىدە خارەكتىرى. بايا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك يازغۇچى-شائىرلار ئالاھىدە مۇھىتنىڭ مەھسۇلى. ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپ كىتابنى دوست تۇتۇپ، ئەسەردىكى پېرسۇناژلار ئارىسىدا چوڭ بولغان. مەلۇمكى كىتاب بىلەن رېئاللىقنىڭ پەرقى زور بولۇپ، كۆپ ھاللاردا ئۆيدىكى ھېساپ بازارغا توغرا كەلمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن ئۇلاردا رېئاللىقتىكى ناتوغرا ئىشلارنى كۆڭلىگە سىغدۇرالماسلىق، رېئاللىقتىن نارازى بولۇش، قېچىش، ھەقلىق پىكرى نەزەرگە ئېلىنمىسا يۈز خاتىرە قىلماي رەددىيە بېرىش ھەتتا جىدەللىشىشتەك ئۆزگىچە خارەكتىر شەكىللىنىپ قالغان. ئېنىقكى بۇنداق ئۆزگىچە خارەكتىر ئىزلىرى ھەق-ناھەق تۇيغۇسى ئاجىزلىشىپ،  ھەممىدە ئىچىگە تىنىش، قاراڭغۇدا ھومۇيىشنى ئادەت قىلغان ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ كۆزىگە سىغمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئەدەبىي ئىجادىيەت تەنھالىق ئىلكىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇرەككەپ مەنىۋىي پائالىيەت بولۇپ، يازغۇچى-شائىرلار كۆپ ھاللاردا بىرنەچچە كۇۋادرات مېترلىق كۇتۇبخانىسىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق پائالىيەت مەيدانى قىلىدۇ. دېمەك، پائالىيىتى يەككىلىكنى ئاساس قىلىدۇ، كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىش، پاراڭ سېلىپ ئولتۇرۇش ئىمكانىيىتى ئاز بولىدۇ. شۇنداق قىلمىغاندا، توم-توم كىتابلارنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ مۇقەررەر يوسۇندا يازغۇچى-شائىرلارنى ئاۋامدىن، تۇرمۇشتىن يىراقلاشتۇرىۋېتىدۇ. «تونۇش بولغان ناتونۇش ئادەم» گە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

    - داۋامى بار

    مەنبە : يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us