ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-24

    رەشىد: سەن باھارنى ياخشى كۆرىسەن ----فىتوبى - [رەشىد ئەدەبىي تەرجىمىلىرى]

     

    诗人: 斐多菲1823-1849

    十九世纪匈牙利伟大的爱国主义诗人 

     

    你爱的是春天

     

    你爱的是春天

    我爱的是秋季

    秋季正和我相似

    春天却像是你 ­

     

    你的红红的脸 

    是春天的玫瑰

    我的疲倦的眼光

    秋天太阳的光辉

     

    假如我向前一步

    在跨一步向前

    那时,我就站到了

    冬日寒冷的门边

     

    可是,我假如退后一步

    你又跳一步向前

    那,我们就一同住在

    美丽,热烈的夏天

     

     

    بىرىنچى تەرجىمە : سەن باھارنى ياخشى كۆرىسەن

    تەرجىمە قىلغۇچى :  نۇرئەلى تۇرۇپ

     

    سەن باھارنى ياخشى كۆرىسەن ،

    مەن كۈز پەسلىنى سۆيىمەن ئەمما ،

    كۈز پەسلى ماڭا ئوخشايدۇ ،

    باھار بىراق ئوخشايدۇ ساڭا .

     

    قىزارغان يۈزلىرىڭ ،

    باھاردىكى ئەتىرگۈل گويا ،
     مىنىڭ ھارغىن كۆز نۇرۇم
    ,

    ئوخشايدۇ كۈزدىكى قۇياش نۇرىغا .

     

    ئەگەر ئالدىمغا ماڭسام بىر قەدەم ،

    بىر قەدەم ئاتلىسام يەنە ئالدىمغا ،­

    ئۇ چاغدا مەن كېلىپ قالىمەن ،

    قىشنىڭ سوغۇق بوسوغىسىغا .

     

    بىراق كەينىمگە چىكىنىپ قالسام ،

    سەنمۇ ھەم بىر قەدەم ماڭساڭ ئالدىڭغا،

    ۋىسال بىزگە ئاچىدۇ قۇچاق

    گۈزەل ھەم ئىللىق توموزدا .

     

    ئىككىنچى تەرجىمە: سەن باھارنى سۆيىسەن دىلبەر

    تەرجىمان: ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

     

     سەن باھارنى سۆيىسەن دىلبەر، 
    مەن سۆيىمەن كۈز پەسلىن بېراق.  
    ماڭا ئوخشاپ تۇرسا كۈز پەسلى،  
     
    باھار سەندەك شېرىن، خۇشپۇراق.
     
    ئېھ !، يۈزۈڭنىڭ قېزىرىشنى
     
    ئەتىرگۈلگە قىلمەن تەققاس.
    مېنىڭ ھارغىن كۆزلىرىم كۈزنىڭ
    ئاپتىپىغا ئوخشايدۇ بىر ئاز.

    قەدەم باسسام ئەگەر ئالدىمغا،  
    سىلجىساممەن كېيىنكى تامان.
    
    بولار ئەمدى يەتكەن مەنزىلىم،
    پەسلى خازان قارا زىمىستان.
     

    قايىتسام ئەمما ئارقىمغا بىر رەت
     
    سەنمۇ كەلسەڭ پەقەت بىر قەدەم.
    قوشۇلساقلا كۈلەتتى تومۇز،
    ياز گۈللىرى پۇرايتۇق ئەركەم. 
     


    分享到: