ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-24

    ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇش قىممىتى توغرىسىدا - [ئەدەبىيات نەزىرىيىسى]

    ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇش قىممىتى توغرىسىدا*

    ۋ.گ.بېلىنىسكى

    ( 11811-1848)

                                                  مۇھەممەد چاۋار تەرجىمىسى

         فىرانسۇزلار ئەدەبىياتنى جەمئىيەتنى ئىپادىلەش دېيىشىدۇ.بۇ ئېنىقلىما ئانچە يېڭى ئەمەس.بىز ئۇنى بۇرۇنلا بىلەتتۇق.بىراق،بۇ ئېنىقلىما توغرىمۇ،توغرا ئەمەسمۇ؟بۇ باشقا بىر ئىش.ئەگەر جەمئىيەت دېگەن بۇ سۆز بىر تۇركۇم ئالاھىدە تەربىيىلەنگەن ساپالىق كىشىلەر دەپ چۈشۈنىلىدىغان بولسا،ئۇ نداقتا بۇ،ئاددى قىلىپ ئىيتقاندا،يۇقۇرى قاتلام ئىجتىمائىتى دېگەنلىك بولىدۇ.ئۇھالدا،بۇ ئېنىقلىمىنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەھمىيىتى بولىدۇ ھەمدە ئۇ تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.ۋاھالەنكى پەقەت فىرانسۇزلارغا نىسبىتەن ئىيتقاندا مۇشۇنداق بولىدۇ.ھەربىر مىللەت ئۆزى ماسلاشقان رايۇن ۋە ياشىغان تۇرمۇشتا شەكىللەنگەن تۈرلۈك ئامىللارنىڭ بىردەكلىكى ۋەتارماق ئائىلىلەردە ھەرقايسىسى ئاللا ئاتا قىلغان ئالاھىدە رولىنى ئادا قىلىدۇ.بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى ئۆزى ئادا قىلىۋاتقان ئورتاق خەزىنىگە قوشىدۇ.باشقىچە ئىيتقاندا،ھەر بىر مىللەت ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ مەلۇم تەرىپىنى ئىپادىلەيدۇ.شۇنداق بولغانلىقدىن،نېمىسلارتەپەككۇر بىلەن ئانالىزنىڭ كەڭ،چەكسىزساھەسىنى ئېگىلەيدۇ.ئەنگىلىيىلىكلەر ئەمەلى پائالىيەت ئارقىلىق مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى كۆزلەيدۇ.ئىتالىيىلىكلەر سەنئەتكە ئىتائەتمەن بولۇپ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنى كۆزلەيدۇ.گىرمانىيىلىكلەرھەممىنى ئومۇمىلىقنىڭ مەنبىئى،ھەممە يەككە پىرىنسىپلاردىن تەرەققى قىلىپ كەلگەن دەپ قارايدۇ.ئەنگىلىيىلىكلەر دېڭىز،ئوكيان كېزىپ،تاشيول ياساپ،قانال قۇرۇپ،پۇتۇن دۇنيادا سودا قىلىپ،مۇستەملىكە تەسىس قىلىپ،ھەممىنى تەجرىبە بىلەن ھېساپلاشقا تايىنىدۇ.بۇرۇن ئىتالىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى مۇھەببەت بىلەن ئىجادىيەت،ئىجادىيەت بىلەن مۇھەببەت ئىدى.فىرانسىيىلىكلەر ياقتۇرىدىغان تۇرمۇش ئەمەلى، قايناپ تۇرغان،تىنىچسىز،مەڭگۈ ئويناپ تۇرىدىغان تۇرمۇش ئىدى.گىرمانىيىلىكلەر ئىددىيىنى كەشىپ قىلىپ،يېڭى ھەقىقەتنى تاپتى.فىرانسىيىلىكلەر ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ،ئىستىمال قىلدى.گىرمانىيىلىكلەر ئىددىيە بىلەن ئىنسانىيەتنى بېيىتتى.ئەنگىلىيىلىكلەر تۇرمۇش ئارامبەخشلىكىگە ئېھتىياجلىق كەشپىيات بىلەن ئىنسانىيەتنى بېيىتتى.فىرانسىيىلىكلەر بىزگە مودا قائىدىلىرىنى ئىلىپ كېلىپ،سالام-يۇسۇن،مۇراسىملارنى بىكىتىپ،نازاكەتلىك سالاپەتنىڭ قانۇنلىرىنى تۇرغۇزدى.دېمەك،فىرانسىيىلىكلەرنىڭ تۇرمۇشى ئىجتىمائى ئالاقە،نەقىشلەنگەن پولدەك تۇرمۇش.نەقىشلەنگەن پول ئۇنىڭ كارامەت كۆرسىتىدىغان مەيدانى بولدى.ئۇ ئەشۇ يەردە قابىلىيىتىنى، بىلىمىنى، ئىستىداتىنى، ئەقىل پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،تەربىيە كۆرگەنلىكىنىڭ شەۋكىتىنى نامايان قىلدى. تانسا، سورۇننىڭ فىرانسىيىلىكلەرگە كۆرسەتكەن  رولى گويا خەلق مەيدانى ۋە ئولىمپىك ماھارىتىنىڭ گىرىتسىيىلىكلەرگە كۆرسەتكەن رولىغا ئوخشاش،بىرمەيدان نەيزىۋازلىق.مۇسابىقە بولدى.بۇيەردە ئىشلىتىلىغىنى قىلىچ بولماسدىن بەلكى ئەقىل-پاراسەت،ماھارەت،تەربىيىلىنىش ۋە تەربىيىلەش ئىدى.قارانىيەتكە قارانىيەت بىلەن جاۋاپ بېرىلدى.قانچىلىغان ئەپچىللىكدە ئۈرۈلغان قوراللارسۈندۈرۈلدى.قانچىلىغان جەڭ غەلىبىگە ئېرىشتى. قانچىلىغان جەڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى.بۇ نېمە ئۈچۈن ھەرقانداق بىرمىللەتنىڭ قائىدە- يۇسۇن،نازاكەتنىڭ ئەپچىللىك بىلەن يېقىنلىقى جەھەتتە فىرانسىيىلىكلەرگە رەقىپ بولالمايدىغانلىقى بولۇپلا قالماسدىن بەلكى بۇلارنىڭ بارلىقىنىڭ پەقەت فىرانسۇز تىلىدىلا ئىپادىلىگىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.بۇ ھەرقايسى ياۋرۇپا مىللەتلىرىنىڭ بۇجەھەتتە فىرانسىيىلىكلەرگە رەقىپ بولالمايدىغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

    («ئەدەبىيات دىسىرتاتسىيىسى ماقالىلىرىدىن تاللانمىلار»ناملىق كىتاپدىن تەرجىمە قىلىندى.شاڭخەي تەرجىمە نەشىرياتى .)

    *ماۋزۇ- تەرجىماندىن

     

    مەنبە: شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى


    收藏到:Del.icio.us