ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2012-02-14

    قەبرىدىكى قۇياش - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    قەبرىدىكى قۇياش

    (باللادا)

     ئابابەكرى توختى

     

    (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 60يىللىقىغا بېغىشلايمەن)

     

    كاۋكاز تاغلىرىدىن بىر سادا كېلەر،

    نەرىسى لەرزىگە سالار ئاسماننى.

    بۇلۇتلار سەگىتىپ ئۆتمەكنى تىلەر،

    زەنجىرگە چىرمىلىپ ياتقان شۇ جاننى.

     

    كۆكۈش كۆزلىرىنى چوقۇيدۇ تىنماي،

    بۈركۈت پەنجىسىنى تىقىپ كۆكرەككە.

    دەۋرىگەن قانلاردا يۇيۇنىدۇ ئاي،

    (بۇ ئازاب چەككۈچى ئالەمدە يەككە.)

     

    تۇتقۇنلۇق قىينايدۇ پىرومىتىنى،

    يۈرەكنى ئەزگۈچى قارا تاش بولۇپ.

    بەك يىراق ماكاندا ئۇنىڭ ۋەتىنى،

    سىرغىيدۇ كىرپىكتىن سۈزۈك ياش بولۇپ.

     

    ئۇقمايمەن قانداقچە كەلدىم يېنىغا،

    نە ئارزۇ، نە ئۈمىد قەلبىمدە گۈللەپ.

    گويا جان قوشقاندەك ئۇنىڭ جېنىغا،

    بىر لاۋا ئۆرلىدى كۆككە گۆرۈلدەپ.

     

    ئاچتى ئۇ يۇمۇلغان كۆكۈش كۆزىنى،

    شەپەقتە چايقالدى قانلار جىلۋىسى.

    باشلىدى ئېيتالماي كەلگەن سۆزىنى،

    -يېنىمغا كەلگىن ئەي ناتىۋان كىشى!

     

    تونۇيمەن مەن سېنىڭ ئەجدادلىرىڭنى،

    بىپايان تارىمدۇر سېنىڭ ماكانىڭ.

    تونۇيمەن ۋە يەنە بىر شائىرىڭنى،

    كەچمىشى ماڭا بەك ئوخشايدۇ ئۇنىڭ.

     

    ئوت بەردىم توڭلىغان ئىنسانىيەتكە،

    ئاتالدىم شۇ سەۋەپ ۋەھشى گۇناھكار.

    زىۋىستىن قالدىم ھەم قارغىش- لەنەتكە،

    ئۆلتۈردى مۇقەددەس ئەركىنلىكنى دار.

     

    كۇرمىڭ يىل بۇيەردە ياتتىم دەرد چېكىپ،

    جازانىڭ ھېلىھەم تۈگىگىنى يوق.

    جاھالەت ئارقىنى گېلىمنى سىقىپ،

    يوقالدى ئىلكىمدىن مەڭگۈ يورۇقلۇق.

     

    بىر كۈنى چۈشۈمگە كىردى تۇيۇقسىز،

    نەۋقىران بىر شائىر- سېنىڭ شائىرىڭ.

    ئوت يۇرتى تۇرپاندا قالدۇرۇپتۇ ئىز،

    ئەنە شۇ شائىرىڭ كېچىپ قان- يىرىڭ.

     

    خەلقىڭنى قۇل قىلغان ۋەھشى سىتەمكار،

    نادانلىق، قاشاقلىق ئاسارىتىدە.

    ئېزىلگەن يۈرەكلەر كۆرەلمەي باھار،

    كېتەتتى ئالەمدىن ئازاپ ئىچىدە.

     

    روھىمنى كۆرگەندەك سۆيۈندى دىلىم،

    ئوت بەرگەچ شائىرىڭ ئانا خەلقىگە.

    بۇ ئوتتۇر مەرىپەت، ئويغىنىش، بىلىم،

    ئىنتىلىش ئۆزىنىڭ ھوقۇق- ئەركىگە!

     

    ئۇ گويا قادالدى ئۆتكۈر تىغ بولۇپ،

    زالىمنىڭ جىنايەت تولغان قەلبىگە.

    ئەركىنلىك مەشئىلى ھەرياندا يورۇپ،

    باشلىدى خەلقنى جەڭگە، غەلبىگە.

     

    ئۆرتىدى دۈشمەننىڭ خانۇ- مانىنى،

    قىلىچرەڭ دۇنيادا تامچىلىتىپ قان.

    چۈچىدى ئىشتكەندە ئۇنىڭ نامىنى،

    شىڭ شىسەي دېگەن شۇ قان ئىچەر خاقان.

     

    چاقماقتىن قورققاندەك قورقتى ئۇنىڭدىن،

    ۋەجى شۇ كۈل بولار چاقناۋەرسە ئۇ.

    قۇل خەلق ئويغىنىپ ئېلىۋالسا تىن،

    داۋاملىق ئېزىشكە بولار توسالغۇ.

     

    ئۇ شۇنداق شائىرتى ماگمىغا تىمسال،

    پارتلىغان غەزەپتىن، مىللى غورۇردىن.

    ھەر شېئىرى بولغانتى جەڭلەرگە سىگنال،

    لاۋالار چاچرايتتى گويا ھەر قۇردىن.

     

    ھەر شېئىرى بولغانتى جەڭلەرگە سىگنال،

    ھەر شېئىرى بولغانتى مۇقەددەس بايراق.

    زالىملار تىترىگەن ھە شۇڭا غال-غال،

    قورقۇنچ، ۋەھىمە چاڭ سېلىپ ھەرۋاق.

     

    ئۆلدى ئۇ ئەڭ ياۋۇز ياۋلار قولىدا،

    قانلىرى ئۇپۇققا بەردى لاتاپەت.

    ئەركىنلىك دۈشمىنى ئوڭ ۋە سولىدا،

    ھىلەيۇ- مىكىردىن ئەيلىگەچ سۈيقەست.

     

    بەكلا ياش كەتتى ئۇ ئۇشبۇ جاھاندىن،

    گۆزەل تاڭ چېھرىگە ئۈمىدلىك بېقىپ.

    بىر قەسەم يازدى ئۇ تۆكۈلگەن قاندىن،

    سۆيگۈ دەرياسىدا دولقۇنلاپ ئېقىپ:

     

    بولمايدۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ئىزىش،

    بولمايدۇ مەڭگۈلۈك ئىزىلىش ھامان.

    كېلىدۇ نەۋ باھار كەتكىنىدە قىش،

    غولايدۇ تەختىدىن مەككار ھۆكۈمران.

     

    قۇل قىلىپ بولمايدۇ مەڭگۈ بىر ئەلنى،

    ئەركىنىلىك ھامانە كېلىدۇ غالىپ.

    پەقەتلا كۆرەشكە باغلىسا بەلنى،

    قىساس خەنجىرىنى قولىغا ئېلىپ .

     

    تارىخ ئېقىمىنى بۇزالىغان كىم،

    ھەر مىللەت ئۆزىگە بولار خوجايىن.

    بىر مەزگىل قەپەزگە سولىغان زالىم،

    ئۆلىدۇ بۇ قەپەز  چېقىلسا بىردىن.

     

    كىلىدۇ بىر كۈنلەر بۇندا ئىزىش يوق،

    ئازادلىق، ھۆرلۈكتىن گۈللەيدۇ جاھان.

    يار بولار مەڭگۈگە ئەلگە يورۇقلۇق،

    يوقۇلار مەڭگۈگە قاراڭغۇ زىندان.

     

    كۆرىمەن ، كۆرىدۇ بۇ كۈننى خەلقىم،

    بىلىمەن، كەتمەيدۇ بۇنىڭغا ئۇزاق.

    پەر قاقار سامادا غورۇرۇم، ئەركىم،

    چىن بەخت گۈللىرى چاچار خۇشپۇراق...

     

    دۇنيادا شائىر كۆپ ساناپ بولماق تەس،

    ھېچكىمگە ئوخشىما بىراق بۇ شائىر.

    ئۇنىڭدەك قەيسەر ۋە باتۇر زەپەردەس،

    بىر شائىر چىقمىدى ئەۋۋەلۇ- ئاخىر.

     

    ئوت يۇرتى دەيدىكەن تۇرپاننى خەقلەر،

    چۈنكى بار بۇ يەردە يەنە بىر قۇياش.

    ئۇ ئاسمان پەلەكتە پۈركىمەيدۇ زەر،

    ياتىدي قەبرىدە چېچىپ نۇر، ئوتقاش.

     

    بۇ نۇرلار تۇتۇشار يۈرىكىڭگە نەق،

    بىرىدۇ ئالەمچە سۆيگۈ- جاسارەت.

    ئوت بولۇپ يانىدۇ يۈرىكىڭ مۇتلەق،

    بۇ قۇياش تەپتىدىن قىلالماي تاقەت.

     

    بىلەمسەن مەن خىجىل بۇ شائىرىڭدىن،

    سەۋەبى مېنىڭدىن ئېشىپ كەتتى ئۇ.

    سۆيۈنگەن ئەمەسمەن بۇنداق ھېچكىمدىن،

    ھەننىۋا شائىرنى بېسىپ كەتتى ئۇ.

     

    ياشايدۇ مۇشۇنداق شائىرلار ئۆلمەي،

    ئۆلۈمنى يېڭىدۇ تارىخ سەتھىدە.

    پەرىلەر قېشىدا تەڭلىشىدۇ مەي،

    ئىپتىخار چايقىلىپ قەلب تەكتىدە.

     

    مەن بۇندا چىرمىلىپ ياتقۇچە دەرتتە،

    ياشىغان بولسامچۇ شۇ شائىرىڭدەك.

    ئۆلسەمچۇ جەڭگاھتا، قايناق كۆرەشتە،

    تۇتقۇنلۇق دەستىدىن قىينالغۇچە بەك.

     

    پەخىرلەن ئەي يىگىت جانىجان تۇرپان،

    تۇغۇپتۇ مۇشۇنداق بىر قەھرىماننى.

    ئۇ مەڭگۈ قەلبلەر تۆرىدە سۇلتان،

    شۆھرىتى ھەيرەتكە سالار جاھاننى.

    .........................................

    قارىدىم تۇتقۇنغا- پىرومىتىغا،

    قان ئەمەس تومۇردا ئاقار ھاياجان.

    ئۇ تۇرار تىكىلپ شائىر يۇرتىغا،

    كاۋكاز تاغلىرىدىن سۆيۈنۈپ بۇ ئان.

     

    خوشلىشىپ يول ئالدىم تۇرپانغا قاراپ،

    ئۇ مېنىڭ بۆشۈكۈم، تەختىم مۇقەددەس.

    شائىر قەبرىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ،

    ئوت ئالاي قەلبىمگە مەڭگۈگە ئۆچمەس...

     

    1993-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى

    مەنبە: «تۇرپان» ژورنىلى 1994-يىللىق 1-سانى

    مەنبە: يازغۇچىلار تورى

     

     

    分享到: