• قوللانچى: پارول:

ئامېرىكىلىق بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى ،…

ئامېرىكىلىق بالىلار مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنى ،ئوقۇتقۇچىسىدىن ئىچىگە 12خىل سوۋغات سېلىنغان بىر خالتىچىغا ئېرىشىدۇ .گەرچە بۇ بۇيۇملارنىڭ كۆپىنچسى ئۇششاق-چۈشەك نەرسىلەر بولسىمۇ،ئەمما ھەربىرىنىڭ ئۆزىگە خاس ئىپادىلەيدىغان مەنسىى باربولۇپ، ئوقۇغۇچى ھەربىر بۇيۇمدىن بىر خىل ئېسىل پەزىلەتنى ئۆگىنىۋالىدۇ.

ئى تۇغان تىل (ئاناتىل)

بۇ ناخشىنى مەن 2009 -يىلى youtubeدا ئۇچرىتىپ قىلىپ چۈشۈرۈپ قويغان ۋە كېيىنچە سنابلوگ سۇپىسىدا ئاچقان بلوگىمغا چىقىرىپ قويغان ئىدىم ، بۈگۈن شۇ بلوگىمدىكى كونا ئەستلىكلەرنى ئاختۇرىۋىتىپ يەنە ئاڭلاپ قالدىم…
«ئى تۇغان تىل»(ئاناتىل) تاتارزىيالىيسى غابدۇللاتوقاينىڭ ئەسىرى بولۇپ ،بۇ شېئىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاناتىلىغا بولغان چوڭقۇرمۇھەببىتىنى ئاددىيغىنا مىسرالاردا يارقىن ئىپادىلەپ بەرگەن.تاتارلارنىڭ تارىخى كەچمىشلىرى بىزبىلەن ئورتاقلىقلارغا ئىگە بولۇپلا قالماي ، ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئويغىنىش ۋە ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىدە تاتارزىيالىيلىرىنىڭ تۆھپىسى ھەم ئازئەمەس..

«مۇنەۋۋەربالاقانداق تاۋلىنىدۇ»(3)ئۆگىنىشتە ھەمراھ بولۇڭ

1.بالىڭىزبىلەن بىرگە كىتاب كۆرۈش ئادىتى يېتىلدۈرۈڭ، ئۇ ئۆگىنىش قىلىۋاتقاندا بىرئاز ۋاقىت سەرپ ئۇنىڭ يېنىدا گېزىت بولسىمۇ كۆرۈڭ، ئۇ بىر ياخشى ئۆگىنىش ھەمراھىغا ئېرىشسۇن.

2.بالىڭىزئائىلىدە ئۆگىنىش قىلغاندا ئۇنىڭغا قوللىنىدىغان مۇۋاپىق رىغبەتلەندۈرۈش «سىياسەت» لىرىڭىز بولسۇن. مۇۋاپىق ئۆگىنىش مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم.

3.بالىڭىزنى ئۆزى قىلچىمۇ قىزىقمايدىغان نەرسىلەرنى ئۆگىنىشكە ھەرگىزمۇ قىستىماڭ .

4. ئۇنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا كايىماڭ.

ئېينىشتېيىننىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشتىكى 10چوڭ مەخپىيەت

ئېينىشتېيىننىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇزۇندىن بىرى كىشىلەر ئېينىشتېيىننى تەڭداشسىز تالانت ئىگىسى دەپ قاراپ كەلمەكتە. ئۇنەزەرىيىۋى فېزىكا ئالىمى، پەيلاسۇپ، يازغۇچى بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكەن ئىلىم-پەن گىگانتلىرى ئىچىدە تەسىركۈچى ئەڭ زورئالىم ھېسابلىنىدۇ.
1921-يىلى نوبىل فېزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن بۇيان ئۇ ئىزچىل تۈردە ھازىرقى زامان فېزىكا ئېلىمىنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.
تۆۋەندە مەن ئېينىشتېيىننىڭ مەشھۇر سۆزلىرىدىن ئوننى دېققىتىڭلارغا سۇندۇم،پايدىسى تىگىپ قالسا ئەجەب ئەمەس ،دېگەن نىيەتتە مەن…

83-نۆۋەتلىك ئوسكارمۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى

ئالدىرىغان يولدا قاپتۇ دېگەندەك، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۈن ساناپ، كۈندە بۇ ھەقتە تورئارىلاپ يۈرگەن ئىدىم. نەق شۇ «ئوسكارمۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى» ئىچىلىدىغان كۈنلەردە «دەرىجىدىن تاشقىرى» ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن بۇ پىلانىم يوققا چىقتى..ھىلىمۇ شۈكرى، توخونىڭ سۈتى بىلەن تۇخۇمنىڭ تۈكىدىن باشقا ھەممە نەرسىنى تاپقىلى بولىدىغان ئىنتېرنېت بولغاچقابىرنەچچە كۈن كېچىكىپ بولسىمۇ بۇ كاتتاپائالىيەتنىڭ سىن فېلىمى كۆرۈپ چىقتىم.
«ئوسكارئالتۇن ھەيكەل»مۇكاپاتى ھەققىدە بەلكىم ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان تورداشلار بولمىسا كېرەك، شۇڭا مەن بۇ ھەقتە توختالماي، بەلكى كېنۇ مەستانىلىرى ئۈچۈن «نان تېگىدىغان» يىرىنىلا يازدىم، قىزىقسىڭىزكۆرۈپ باقارسىز..

«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»-تۈركىيىنىڭ ئۈچ نادىركىنۇسى

بۈگۈن شەنبە بولسىمۇ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ خىزمەتلىرى باشلانغانلىقى ئۈچۈن چۈشكىچە ئارام ئالالمىغان ئىدىم، چۈشتىن كېيىنكى ئارام ۋاقتىداتۈنۈگۈن كەچ توردىن چۈشۈرۈپ قويغان تۈركىيە ساپ ھەسىلىدىن يىۋىدىم ،چارچاشلىرىم نەلەرگىدۇ تارقاپ، ئاجايىب بىرخىل گىرىمسەن تۇيغۇلار ئىچىدە ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ كېتىپتىمەن..
ھى ھى..سەل تاقا-تۇقا گەپ قىلىپ قويدۇم ھە؟!..مېنىڭ بۇيەردە دەۋاتقىنىم، تۈركىيىنىڭ يەنە بىر نادىرفېلىمى«ھەسەل»(تۈركچە نامى: «بال»)نىڭ گىپى.شۇنىڭ بىلەن تۈركيىلىك داڭلىق رىژىسسۇر سەمىھ.قاپلانئوغلۇنىڭ«يېمەكلىك تىرىلۇگىيىسى»نى تاماملاپ بولدۇم.

«مۇنەۋۋەربالاقانداق تاۋلىنىدۇ»(2)ئۇتۇرمۇشتابۇلارغا ئېرىشسۇن

1.ئۇنىڭغا بىرئازپۇل بېرىپ تۇرۇڭ ۋەئۇنىڭغا«مالىيەئىشلىرىنى باشقۇرۇش»نى ئۆگىتىڭ
2.ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ،ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ۋە خەت چەكلىرىنى كۆرمەڭ.
3.ۋاقتىڭىزنىڭ ياربىرىشىچە ئۇنىڭ بىلەن سەيلە-ساياھەت قىلىپ تۇرۇڭ.
4.ئۇ ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا ياخشى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭ، ئۇ كۈلۈمسرىگىنىچە ئۇخلاپ قالسۇن.

ئامېرىكىدا مۇنازىرە قوزغىغان، قاتتىق قول«يولۋاس ئانا»ھەققىدە

قىسقىچە ئىزاھات:«يولۋاس ئانا»دېگەن بۇگەپ يېقىندىن بۇيان تېلېۋىزىيەۋە خەنزۇچە توربېكەتلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان بولۇپ قالدى. «يولۋاس ئانا» زادى كىم ؟

ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى Amy Chua بولۇپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جۇڭگۇلۇق پۇشتىدىن بولغان پىرافىسسۇرى، ئۇ يىقىندا«يولۋاس ئانىنىڭ جەڭنامىسى»ناملىق كىتابىنى ئېلان قىلىپ ئامېرىكىنى زىلزىلىگە سالدى.بۇ كىتابتا ئۇنىڭ ئىككى قىزىنى جۇڭگوچە تەربىيىلەش ئۇسۇلى بىلەن قانداق تەربىيىلەپ چىققانلىقى بايان قىلىنغان.

«مۇنەۋۋەر بالاقانداق تاۋلىنىدۇ»(1)بالىڭىزغاشۇنداق دەڭ

بەلكىم «پولات قانداق تاۋلاندى» رومانى ياكى فېلىمىنى كۆرگەن بولىشىڭىز مۈمكىن، بۈگۈندىن باشلاپ بلوگىمدا«مۇنەۋۋەربالاقاندق تاۋلىنىدۇ»سەرلەۋھىسىدىكى چاتما ماقالە ئېلان قىلىنىشقا باشلايدۇ. بۇبىيجىڭلىق، ئائىلە تەربىيىسى بىلەن شۇغۇللىنىغان مەلۇم بىرتەتقىقاتچىنىڭ «ماگنۇلىيەگۈلى» ناملىق بلوگىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ توردا ئېلان قىلغان ئائىلە تەربىيسىگەئائىت يازمىلىرى ياخشى باھاغا ئېرىشمەكتە.
ۋاقتىم يىتىشكەندە بۇ تەتقىقاتچىنىڭ باشقا ماقالە-يازمىلىرىدىنمۇتەرجىمە قىلىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشش نىيىتىم بار،بولسا سىزنىڭمۇتېخىمۇ ياخشى مەنبەلەر بىلەن تەمىن ئىتىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

بارلىق قىرىنداشلار،ئاناتىل بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

بارلىق قىرىنداشلارنىڭ«دۇنيا ئاناتىل» بايرىمىنى قۇتلۇقلاش بىلەن بىرگە ئاناتىلىمىزنىڭ ھەق-ھۆرمىتى، ئىستىقبال-تەقدىرى ھەققىدە ھەربىرىمىزنىڭ يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدا بولشىىنى ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى ئۇيغۇرتىلى بىزنىڭ مەۋجۈدلىكىمىزنىڭ ئەڭ تۈپ بەلگىسى!
دۇنيابارلىق شەيئىلەرنىڭ خاسلىقى بىلەن گۈزەل، كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق، باراۋەر مەۋجۈدلىكىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئاناتىل بايرىمىنى ھەم مۇبارەكلەيمەن، ھەركىمنىڭ ئانىسى ئامان بولسۇن، ھەركىمنىڭ ئاناتىلى راۋان بولسۇن!

خاتىرەمدىكى سەرخىل كىنو-«بۇقاتىل ئۇنچە رەھىمسىز ئەمەس»

فېرانسىيە كېنوچولپىنى Jean Reno باش رول ئالغان كېنولارنى ياقتۇرۇپ كۆرۇپ كېلىۋاتقىنىمغا بىرقانچە يىل بولۇپ قالدى، لېكىن ئۇ رول ئالغان ئەڭ نادىرھېكايە فېلىم«بۇ قاتىل ئۇنچە رەھىمسىزئەمەس»(ئەسلى نامى:«كەسپى قاتىل لېيۇن»)نى مەزكۇر كېنو ئىشلىنىپ 17يىلدىن كېيىن كۆرۇشكەئۈلگۈرۇپتىمەن..
كېنونى كۆرۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ كىنودىكى باش قەھرىمان لېيۇن بىلەن كېچىك قىزچاق ماتىلدانىڭ ھېكايىسى ۋە بۇتېراتىگىيەجەريانىغا ماھىرلىق بىلەن سىڭدۈرۈلگەن ئىنسان ماھىيىتىنىڭ نازۇك ئاۋازى قەلىبىمنى لەرزىگە سالدى.

پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان 62 جۈملە

كىشىلىك تۇرمۇش تۈرلۈك قىيىنچىلىقلار بىلەن تولغان، ھەربىرھاياتلىق قەدىمىمىزدە بىزنى تۈرلۈك سىناقلاركۈتۈپ تۇرغان بولىدۇ.يەككە شەخس مىڭ قۇدرەتلىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەرئۇھامان باشقىلارنىڭ قوللىشدىن ئىلھام بېرىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.شۇنى ئېتىراپ قىلىمىزكى بىز ھامان رىغبەتلەندۈرۈشكە، ئىلھاملاندۇرۇشقا موھتاج.كەلگۈسىدىكى سىناقلارغا ئاتلىنىدىغان پەرزەنتلىرىمىزتېخىمۇ شۇنداق ئەلۋەتتە.
ۋاقتىڭىزبولسا بلوگىمىزتەرجىمە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان بۇ ماقالىنى كۆرۈپ چىقىڭ، سىزگەچوقۇم نەپ بېرەلەيدۇ..