• قوللانچى: پارول:

روس ۋە جۇڭگوئالىملرى:مومىسى باققان بالاھەققىدە

يېقىندا رۇسىيىلىك بىر مۇتەخەسسىس ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى،ئۇنىڭ ئېيتىشىچە،مومىسى باققان بالىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى 40پىرسەنت يۇقىرى بولىدىكەن. جۇڭگونىڭ 80-يىلدىن كېيىنكى ئائىلەباشلىقلىرى بۇنىڭغا ئىشىنەمسىلەر؟ كۆپ ساندىكى ياش ئاتا-ئانىلار مومىلاربالىنى زىيادە ئەركىلىتىپ،يامان ئۆگىتىپ قويىدۇ، مومىسى باققان بالىنىڭ مۇستەقىللىق ئېڭى ناچار بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

pisaنەتىجىسى جۇڭگو مائارىپىنىڭ غەلىبسىنى تەستىقلامدۇ؟

pisa بولسا نۆۋەتتە دۇنيا مىقىياسىدا ئەڭ نوپۇزغا ئىگە سىناق تۈرلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، سىناقنى قۇبۇل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتكە كېرەكلىك بولغان بىلىم ۋە ئىقتىدارنى ھازىرلاش قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئۇنىۋېرسال، ئەتىراپلىق باھالاپ چىقىدۇ، مەزكۇر سىناق نەتىجىسى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆزئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى مۆلچەرلىشى، ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنى ئېلگىرى سۈرۇشتە ئاساسلىنىدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولالايدۇ.

گېرمانىيىلىك مۇتەخەسسنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ھەققىدە ئېيتقانلىرى

ئەگەر ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا،ياكى ئايرىلىپ تۇرىۋاتقان بولسا ،بۇ تەبىئىيلا بالىنىڭ جىسمانى ۋە روھى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈدۇ.تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن ئائىلىلەردىن كېلىپ چىققان بالىلارنىڭ ئىچىدە %24 ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىدەك بۇ رىئاللىقنى زادىلا قوبۇل قىلالمايدىغان بولۇپ، پىسخىكا مەسلىھەتكە موھتاج ئىكەن.ئەگەر ئاتا-ئانىسى قايتا نىكاھلانغان بولسا، ئۇندا قتا پىسخىك مەسلىھەتكە موھتاج بولىدىغان بالىلارنىڭ نىسبىتى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ %47كە يېتىدىكەن.

راستىنلا «made in china»مۇ؟

بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئسىتىمالىنىڭ ئىشىشىغائەگىشىپ دۆلىتىمىزكارخانىلىرى «ھەممىنى ئىشلەپچىقىرالايدىغان»بولۇپ كەتتى، ئەمماجۇڭگونىڭ پەن -تېخنىكىسى راستىنلا شۇنچە تېزئەگشىپ مېڭىۋاتامدۇ؟
بۈگۈن مەن دۆلىتىمىزنىڭ پەن -تېخنىكىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان بىرماقالىنى ئوقۇپ چىقتىم،تۆۋەندىكى كىچىككىنە ئىككى مىسال يۇقارقى سۇئالغا جاۋاب بىرەلىشى مۈمكىن.

2011«جۇڭگودىكى 100كۈچلۈك ئۇنىۋېرسىتېت»ئېلان قىلىندى

1-ئاينىڭ 17-كۈنى جۇڭگو «مەكتەبداشلار باش ئۇيۇشمىسى» تورى ھەم «21-ئەسىر ئىختىساسلىقلارگېزىتى» بىرلىكتە «2011-يىللىق جۇڭگوئالى مەكتەپلىرىنى باھالاش تەتقىقات دوكلاتى»نى ئېلان قىلدى.بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇدا تۆتىنچى يىلى ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا تىزىلدى.چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى، جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى.بۇ قېتىمقى رەتكە تۇرغۇزۇش بىرقانچە تۈرلەر بويىچە خۇلاسىلەنگەن بولۇپ،ئاساسەن «2011-يىللىق 100كۈچلۈك ئالى مەكتەپ»نى رەتكە تۇرغۇزۇپ چىققان. ئاپتونوم رايۇنىمىزدىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 84-ئورۇنغاتېزىلدى.

ئامېرىكىلق ئوقۇغۇچىلارئەڭ ياقتۇرىدىغان كەسىپلەر

كەسىپ تاللاش -ھەربىرئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى دۇچ كېلىدىغان مۇھىم مەسىلە. قانداق كەسپنى تاللاش كېرەك؟ كەسپنى قانداق تاللاش كېرەك؟بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ماقالىلەريېزىلدى ۋە يېزىلىۋاتىدۇ، مۇنازىرىلەر بولىۋاتىدۇ..بىز تۆۋەندە گەرچە ئۆزىمىزبىلەن ھىچقانداق بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىسىمۇ ، ئامېرىكىلىق ئوغۇل -قىز ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كەسىپ تاللاش نىشانىنى كۆرۇپ باقايلى .

ئوقۇغۇچى دەرس ۋاقتىدا نېمىشقا ئۇخلاپ قالدى

«ئوقۇغۇچى ئۇخلىيالايدىغان دەرسخانا -ئەڭ ياخشى دەرسخانا.» بۈگۈن مەن كۆرگەن بىر خەن تىلىدىكى مائارىپ مىكرو بلوگىدابۇ گەپ ئۈستىدە تالاش-تارتىشلار بولدى. ئارقا كۆرۈنۈش : پىرۇفىسسۇر دەرس سۆزلەپ كېلىپ تازا يۇقىرى پەللىگە چىققاندا، توساتتىن ئارقا رەتتىكى بىرەيلەننىڭ بەخىرامان ئۇيقۇغا كەتكەنلىكىنى بايقا ...

ئائىلە تەربىيىسىدىكى قېممەتلىك «بىرمېنۇت»لار

ئالەم قاتناش خادىملىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىرمىنۇت ۋاقىت سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىش دېگەنلىك، گېئولوگلار ئۈچۈن ئېيتقاندا،بىرمىنۇت ۋاقىت نېفىت قۇدۇقىدىن نېفىت چىقىرىش دېگەنلىك بولۇشى مۇمكىن. مانا بۇ ئۇلۇغ بىر مىنۇت. بىر مىنۇتلۇق قاتتىق يەرتەۋرەش بىر ئاۋات شەھەرنى خارابىلىققا ئايلاندۇرۇشى،بىرمىنۇتلۇق زور كەلكۈن بىپايان مۇنبەت ئېتىزلارنى ۋەيران قىلىۋېتىشى مۇمكىن، مانا بۇ ۋەھىمىلىك بىر مىنۇت.بىر ئاتا-ئانا بولغۇچى،ئەگەر بۇ بىرمىنۇتتن ھوشيارلىق بىلەن جانلىق،ئەپچىل پايدىلىنالىغان بولسا، ئىنسانىيەت ئاسمىنىدابىر گۈزەل ھەسەن –ھۈسەن نۇرچاچقان بولاتتى.

جۇڭگومائارىپ تۈزۈلمىسى تەنقىدلەنگەن ئەڭ قىسقاماقالە

نۆۋەتتەتوردۇنياسىدايېڭى بىر شەيئى بولغان مىكروبلوگ بىردىنلا مودا بولغىنى تۇردى، مەنمۇ شۇ بانادا ھەركۈنى قىسمەن ۋاقت چىقىرىپ بۇ مېكرۇبلوگلاردۇنياسىنى ئارىلاپ تۇرىمەن، ھەقىقەتەن بۇمۇ ئۆزگىچە دۇنيا.
بۈگۈن مائارىپ مىكرو بلوگلىرىداخىلى كۆپ تورداش پىكىر قاتناشتۇرغان بىرپارچە مىكرو ماقالىنى كۆرۇپ باقايلى….

چەتئەللەردىكى 10داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ مەكتەپ ئەقىدىسى

بۇ يازمىغاكىرىسڭىزكۆپمۇ مەزمۇن يوق، لىكىن بۇ دۇنياغا داڭلىق ئالى ئوقۇللارنىڭ ئەقىدىلىرىنى كۆرۇپ ئويلايدىغانلىرىڭىزكۆپ بولۇپ كېتىشى مۈمكىن …
مەن بۇقېتىمدادۇنياغاداڭلىق ئون ئالى ئوقۇلنىڭ مەكتەپ ئەقىدىسى(مەكتەپ تەلىمى)نى يوللىدىم ،كىلەرقېتىم جەزمەن جۇڭگودىكى داڭلىق ئالى ئوقۇللارنىڭكىنى يوللايمەن، ئاندىن سىلۇشتۇرۇپ باقايلى…

بالىلارنى نابۇت قىلىدىغان بەش خىل ناچارئائىلەمۇھىتى

بىزدائىم سەبىي بالىلارنى ئاپئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز، ئۇنداق بولغان ئىكەن ئالدى بىلەن بالىنىڭ تۇنجى ئۇستازى بولمىش ئاتا-ئانىلاربۇ ئاپئاق قەغەزگە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل شەيئىلەرنى سىزىشىمىزكېرەك ئەلۋەتتە.
لېكىن بىرقىسىم ئاتا-ئانىلاربۇ ئاپئاق قەغەزلەرگەنېمىلەرنى سىزىۋاتىدۇ، بالىلارئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ بولمىش ئائىلىدە ئۇلارغا قانداق ساۋاق بىرىۋاتىدۇ؟

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەلىم -تەربىيەپىرىنسىپلىرى

بۆرە-تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئەڭ قىزىققاق ھايۋان، ئۇلارھەرقانداق شەيئى ۋە ھادىسىنىڭ مۇقەررەرلىكىگەئىتىبارقىلىپ كەتمەيدۇ. بەلكى ئۆزخاسلىقى بويىچە تەكشۈرۈپ ھېس قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسدىكى تۈرلۈك-تۈمەن «غەلىتە»لىكلەرھەرقاچان بۆرىلەرنىڭ بۇھەقتە«ئىزدىنىش»ىگەئىلھام بولىدۇ.
بۆرىلەرھەردائىم ئەتىراپىدىكى مۇھىتقاقىزىقىش ۋە قىزغىن ھېسىيات بىلەن باقىدۇ، شۇڭا ئۇلارھەرقاچان ئوزۇقلۇق تاپالايدۇ، ئۆزىگەكىلدىغان خەۋپنى چۈشىنەلەيدۇ،ئەلۋەتتە ئۇلاربۇ ئىقتىدارىنىڭ مۇكاپاتى ھېسابىداياشاش ئىقتىدارى كۈچلۈك ھايۋانغائايلانغان.