• قوللانچى: پارول:

بالىلاردىكى ئاشقۇنلۇقنى بىرمىنۇتتا بىرتەرەپ قىلىش

نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەت تۈرلۈك ئاشقۇن كۈچلەرنىڭ كاساپىتىدىن خەۋىپسىرەش بىلەن بىرگە ، ئىنكاسى تېز، ئۈنىمى يۇقىرى بولغان تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى ئۈستىدە پائال ئىزدەنمەكتە. گەپنى بۇنداق باشلىسام خاتا چۈشىنىپ قالماڭ ، بۇ بىرچاقچاق . ئەمەلىيەتتە مەن ، نۆۋەتتىكى يالغۇز پەرزەنتلىك زاماندا ، بالىلاردا يۈز بىرىۋاتقان ئۆكتەملىك ھادىسىسگە قانداق تاقابىل تۇرۇش ھەققىدە سۆزلىمەكچى . ئەگەر سىز بىر ئاتا-ئانا، ياكى بىر ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىگە يولۇقىۋاتىسىزدەپ قارايمەن.

مارىيەكيۇرى خانىم قىزلىرىنى مۇنداق تەربىيىلەپتىكەن…

بۈگۈن ئادىتىم بويىچە يەنە ئازىراق ۋاقىت چىقرىپ خەنچە مائارىپ بېكەتلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ، گېگانت ئايال ئالىم مارىيە كيۇرىنىڭ قىزلىرىنى قانداق تەربىيىلىگەنلىكى ھەققىدىكى بىرپارچە ماقالىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى كىيۇرى خانىم ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مەشھۇر ئايال ئالىم . ئۇ ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ قىسقىغىنە سەككىز يىل ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن خىمىيە ۋە فىزىكا پەنلىرى بويىچە ئايرىم-ئايرىم ئىككى نۆۋەت نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولغان.

جۇڭگو vs غەربنىڭ ئوقۇتۇش تۈزىمى ۋە نوبىل مۇكاپاتى

1901-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە، نوبىل مۇكاپاتىنىڭ خىمىيە، فىزىكا، تېبابەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق تۈرلىرى بويىچە شەرەبكە ئىرىشكۈچىلەر 716نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىلىقلار298نەپەر، ئەنگىلىيىكلەر95نەپەر بولۇپ ، بۇ ئىككى دۆلەت بۇ جەھەتتە 1-ۋە 2-رەت تەرتىۋىدە تۇرىدۇ.ئۇنداقتا ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيە ئىختىساس ئىگىلىرىنى زادى قانداق يېتىشتۇرىدۇ؟بىز بۇيەردە باشقىچە بىر روجەكتىن بۇ قىزىقىشمىزغا جاۋاب ئىزدەپ باقايلى.

دۇنيا«ئائىلە كۈنى» ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات

ئائىلە- جەمئىيەتنىڭ «ئاساسى ھۇجەيرىسى». 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان، پۇتكۇل دۇنيادىكى ئائىلىلەر سانى شىددەت بىلەن ئاشتى،سىتاتىستىكا قېلىنىشىچە  نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئائىلىلەر سانى 1مىليارد 30مىليۇنغا يەتكەن .ئائىلىلەرنىڭ كۆلىمى كۈنسايىن تارىيىپ، نىكاھتىن ئاجرىشش نېسبىتى كۆرۇنەرلىك يۇقىرىلىغان. ئامېرىكىدا ھەر ئىككى جۈپ نىكاھلانغۇچى ئىچىدە بىرىنىڭ نېكاھ مۇناسىۋىتى بۇزۇلىدىكەن، غەربىي ياۋروپادا ئۈچتىن بىر ئائىلىدە نىكاھ كىرزىسى يۈربەرمەكتە.

ئۆمۈر ئىمتىھانىدىكى «0»لەر

مېنىڭچە ئادەمنىڭ ھاياتى بىرقانچە كۈنلۈك ساياھەتكە ئوخشاپ قېلىشى مۈمكىن، ئەگەر ئورۇنلاشتۇرۇشىڭىز ياخشى بولمىسا نېمە قىلارىڭىزنى بىلمەيلا ۋاقىت توشۇپ كېتىدۇ.ئەلمىساقتىن  تاكى بۈگۈنگە قەدەر ، ئۇلۇغلاردىن ماڭا قەدەر ياشاش ھەققىدە كۆپ سۆزلىدى ، بىراق ئادەملەر يەنىلا ئۆزى بىلگىنىچە ياشايدۇ ، چۈنكى ھاياتنىڭ قىلىپى يوق.لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، ھەركىمنىڭ ھاياتىنىڭ ياخشى نەتىجىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ئەلۋەتتە.

ئوماق بالىڭىزدا قانداق ئىقتىدارلاربار،سىناپ بىقىڭ

قانداق قىلغاندا بالىلاردىكى خاسلىقنى بالدۇر بايقىغىلى بولىدۇ؟ ئامېرىكا يالى ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ پىروفىسسۇرى روبەت.سىتىنبرگ ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بىرتۈرلۈك «كۆپ تەرەپلىمە» سىناق ئېلىپ بىرىش ئۇسۇلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.بۇخىل سىناق بالىلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئالاھىدىلىكىگىنى چىقىش قىلغان بولۇپ، روبەت.سىتىنبرگنىڭ ئېيتىشىچە ئەگەر تۆۋەندە بىرىلگەن ئىقتىدارلاردىن كۆپ قىسملىرى بالىڭىز 4 ياشقا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا بايقالسا،

پەرىشتە سۈپەت ئانىلار،ئامان بولۇڭلار

«ھازىرۋە كەلگۈسىدە قانچىلىك شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۇشۇمدىن قەتئىي -نەزەر، بۇلارنىڭ بارلىقى پەرىشتىدەك ئانامغا مەنسۈپ. مەن ئانامنىڭ ئاشۇ دۇئالىرىنى يادىمدا تۇتىمەن، ئۇتىلەكلەر ماڭا ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە، بەلكى ئۇلارمېنىڭ پۇتكۇل ھاياتىمغا ھەمراھ بولىدۇ.»

— ئابراھام لېنكولىن

ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو مائارىپىنىڭ پەرىقى زادى نەدە؟

مەن مەزكۇر بىلوگنى يېزىشقا باشلىغاندىن  بۇيان تورداشلارغا چەتئەل مائارىپى ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىگە ئائىت خىلى كۆپ ساندىكى ماقالىلەرنى چامىمنىڭ يېتىشىچە تەرجىمە قىلىپ سۇنۇپ كەلدىم ، بەلكىم ئوقۇرمەنلەر چەتئەل بىلەن جۇڭگونىڭ يۇقارقى تەرەپلىرىدىكى تەپەككۇرى ۋەئۇسۇل-چارىلىرى جەھەتتىكى پەرىقلەر ھەققىدە ئاز-تولا چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغاندۇ دەپ ئويلايمەن.

Google ئۇيغۇردوپپا مەدەنىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەپتۇ

بەزىدە ئاجايىب ئەخمىقانە خام خىياللارغا غەرق بولۇپ كىتىمەن دېسە ، لېكىن بۇمۇ ئادەتتە مېنىڭ بىرخىل ئارام ئېلىش ئۇسۇلۇم بولۇپ قالدى . بەزىدە خىيالىمدانى-نى چوڭ تىپتىكى تارىخىي فىلىملەرنىمۇ ئىشلەپ تۈگەتكەن ھەتتا ئوسكارغىمۇ ئېرىشكەنمەن ،…
شۇنداق قىلىپ ، ئەتە ئازغىنە ئۇيغۇر بىلىدىغان «ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيىتى بايرىمى» بولىدۇ ، مەن بۇ بايرامنىڭ گېپى چىققاندىن بىرى ئائىلىۋى تەبرىكلەپ كېلىۋاتقان ئىدىم ، بۇيىل مەكتەپتە ئاز-تولا ھوقۇق تۇتقاندىن كېيىن

خارۋاردتا يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئېيتىپ بىرىلىدىغان كىچىك ھېكايىلەر

كۆپ يىللاردىن بۇيان خارۋارد ئۈنىۋېرسىتتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەردائىم دېگۈدەك يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا بىرقىسىم مىكرو ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بىرىپ ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۇپ كەلمەكتە:

ئوسلىر - بىر كانادالىق دوختۇر، ئۇ خىزمەتنىڭ شۇنچە ئالدىراشلىقىغا قارىماي، ۋاقىت چىقىرىپ كىتاب سىتىۋالىدۇ.ئۇ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن 15مېنۇت كىتاب كۆرۇشنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندرۇپ ئالغان بولۇپ، بۇ مەشغۇلاتنى يىرىم ئەسىردىن بۇيان ئىزچىل داۋام ئېتىپ كەلگەن .

10ياشقا تولمىغان بالىلارپەرھىزتۇتۇشقا تېگىلشىك يېمەكلىكلەر

ئالاقىدار مۇتەخەسسلەر، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچىلىرى جەريانىدا پەرھىز تۇتۇشقا تېگىشلىك بولغان يېمەكلىكلەر ھەققىدە بايانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان ئىكەن ،بۈگۈن تور ئارىلاۋىتىپ تاساددىپى ئۇچرىتىپ قالدىم ۋە ياش ئاتا-ئانىلارغا خىلىلا پايدىسى بولارمىكىن دەپ ئويلاپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم .
تۆۋەندىلەرنى ئوقۇپ چىقسىڭىز پەرزەنتىڭىزنى ئوزۇقلاندۇرۇشتا ئىلمىي بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىىشڭىزمۈمكىن .

ئامېرىكا ئۆسمۇرلىرىنىڭ ئۆمرىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرس

بۇ بىرئادەتتىكى بالىلارباغچىسى.

يېڭىلا باغچىغا كىرگەن بالىلار ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە باغچە كۇتۇپخانىسىغا كىرىپ كەلدى ۋە ئىنتايىن بەھۇزۇر ھالدا گىلەم ئۈستىدە ئولتۇرۇشۇپ، ھاياتىدىكى تۇنجى سائەتلىك دەرسنى ئاڭلاشقا تەييارلاندى.

بىرئازدىن كېيىن باغچە كۈتۇپخانىسىغا مەسئۇل ئوقۇتقۇچى كۈلۈمسىرىگىنىچە بالىلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇنىڭ ئارقسىدىكى جاھازىلارغا لىققىنە كىتاب تىزىلغان ئىدى.