كۆك رەڭلىك كارخانا ئۇسلۇبى تارقېتىلدى
2013/05/26 Wordpress ⁄ جەمئى: 3359 ھەرپ 10 ئۈنچە بار ⁄ زىيارەت: 658 مىھمان+

قارسىام موشۇ كۈنلەردە كىچىك تېپتىكى شىركەتلەرمۇ بەس - بەستە ئورگان تور بېتى ياساشقا چۈشۈپتۇ. ئەلۋەتتە شىركەت كۆلىمىنىڭ چوڭ كېچىكلىكىگە قاراپ، ئھتىياجمۇ پەرىقلىق بولىدۇ. يەنى كىچىككىنە بىر شىركەت ئۈچۈن زور مەبلەخ سېلىپ، تور بەت ياساتقۇزۇش ئەخمىقانىلىق بولىدۇ. ئەمىسە قانداق قىلغۇلۇق؟ «ۋوردپرەستىن پايدىلىنىپمۇ كۆڭۈلدىكىدەك شىركەت تور بېتى ياسىغىلى بولىدۇ» دېسە ئىشىنىش كىرەك. بۇ سۆزۈمگە ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن، «تۆت قۇلاق تور تېخنىكا گۇرپىسى» دىكى ھاجى ۋە تەشنايىنىڭ ھەمكارلىقىدا مۇنۇ ئاددىي، ئەمما كاتتا ئۇسلۇب مەيدانغا كەلدى. ھەي،ھەي كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىسىلەرغۇ دەيمەن؟! ئاۋۋال نەزىرىيە سۆزلەي:

مەزكۇر ئۇسلۇب ھەققىدە مەلۇمات

بۇ خىلى كۆپ ئالقىشقا سازاۋەر بولغان، لايىھەلىنىشى كۆركەم، ئىقتىدارى مۇكەممەل ۋوردپرەسس ئۇسلۇبىنىڭ ئەسلى ئەجدادى چەتئەللىك بولۇپ، دۆلىتىمىزگىمۇ نەچچىنچى ئەۋلادى كەلتۈرۈلگەن ئىكەن. بىز بىرنەچچە خىل نۇسخىسىنى مەنبە قىلىپ، قولىمىزدىن كىلىشىچە ئۇيغۇرچە كۆرۈنۈشكە ئىگە قىلدۇق. ئەلۋەتتە بەزى رەسىم لايىھەلىرى پەقەت ئۈلگە ئۈچۈنلا قويۇلدى، ئىشلەتمەكچى بولغان شىركەتنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. مەزكۇر ئۇسلۇبتا ۋوردپرەسسنىڭ ئەنئەنىۋېي ئالاھىدىلىكلىرىنى شىركەت تور بېتىنىڭ تەلىپىگە تولىمۇ ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكەن، مەسىلەن: ئېنكاس رايونىنى پەقەت ئالاقە بېتىدىلا ئىشلىتىپ، سۆز قالدۇرۇش بېتى ھازىرلىغان. كاتىگورىيەلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ تېزىملىكىنى چىقىرىپ بەرگەن.... ۋەھاكازالار.

ئۇسلۇبنى تارقىتىش ھەققىدە

شىركەت - كارخانىلار ئەزەلدىن تىجارەت خارەكتېرلىك ئورۇن بولۇپ، ھەقسىز نەرسىلەرنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. يەنە كىلىپ بۇ ئۇسلۇبنى تەييارلاشقا ئاز بولمىغان ئەجىرلەرنى سىڭدۈردۇق. شۇل سەۋەبتىن ئۇسلۇبنى ھەقلىق تارقېتىشنى قارا قىلدۇق، تەپسىلاتى تۆۋەندېكىدەك بولىدۇ:

1. ئۇسلۇب باھاسى ئىشلەتكۈچىلەر بىلەن ئايرىم بېكىتىلىدۇ. ئۇسلۇبنى سېتىۋېلىش شەكلى، مۇلازىمەت ئىھتىياجىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ئۇسلۇب باھاسى ئوخشىمايدۇ. سىتېۋىلىش شەكىللىرى تۆۋەندىكىدەك نەچچە تۈرلۈك.

A. يالغۇز ئۇسلۇبنىلا سىتېۋىلىش: ئۇسلۇبتىن بىر نۇسخىلا سىتىۋېلىسز، بىز پەقەت ئۇسلۇبنىلا قولىڭىزغا بېرىمىز، ھېچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش، تەڭشەش ئىشلىرىنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز.(ئەلۋەتتە خالىسانە ياردەمدە بولىمىز.)

B. مۇلازىمەتلىرى بىلەن قوشۇپ سىتىۋېلىش: ئۇسلۇبنى سىتىۋالىسىز، بىز ئۆز بوشلۇقىمىزدا ئۈلگە كۆرسىتىمىز، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىسىز، ئۆزگەرتىش مومكىن بولسىلا بىز تەلىپىڭىزگە ماسلاشتۇرىمىز. ئاندىن تور نام ۋە بوشلۇق ئۇچۇرلىرىڭىزنى تەمىنلىسىڭىز، بوشلۇقىڭىزغا قاچىلاپ، تەڭشەپ ئىشلىتىشىڭىزگە تاپشۇرىمىز.

C. ئۇسلۇبنىڭ مۇلازىمەت ۋە گۈزەللەشتۈرۈش، تارقېتىش ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي سىتېۋىلىش: ئالدىنقى شەكىللىرىدە بىز ئۇسلۇبنى نەچچە نۇسخا سىتىشىمىز مومكىن. دېمەك تارقىتىش ھوقۇقى بىزدە بولىدۇ. ئەگەر بۇنداق بولىشىنى خالىمىسىڭىز بۇ خىل شەكىلدە سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ. ئەلۋەتتە ھەققىمۇ ماس ھالدا يۇقىرىراق بولىدۇ.

2.ئۇسلۇب سىتېۋالغۇچىلار سەمىگە: بىز بىرنەچچە ئوقۇغۇچىدىن تەركىب تاپقان گۇرپا بولۇپ، تېخنكىمىزغا تايىنىپ، ئاز - تولا كىرىم بىلەن توربەت ياساش جەريانىدىكى چىقىملىرىمىزنى قامداشنى مەقسەت قىلىپ، مۇنۇ ئۇسلۇبنى ھەقلىق تارقاتتۇق. ئەلۋەتتە ئاللاھ نىسىپ قىلسا، كىيىكى كۈنلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەقسىز، ھەقلىق تېخنىكلار بىلەن تەمىنلەيمىز. شۇڭا ئەزىزلەرنىڭ نىيىتىمىزنى خاتا چۈشەنمەستىن، قوللاپ بېرىشىڭىزلارنى سورايمىز. ئۇسلۇبنى سىتىۋالغۇچىلار تارقېتىش ھوقۇقىمىزغا ھۆرمەت قىلىپ، خالىغانچە تارقىتىۋەتمىسە دېگەن ئۈمۈدتە ھەم بىز.

ئۇسلۇب كەسمە رەسىملىرى

ئۇسلۇب باش بەت كەسمە رەسىمى

ئۇسلۇب سەھىپە بېتى كەسمە رەسىمى

مەھسۇلات چۈشەندۇرىشىنى كۆرۈش بېتى كەسمە رەسىمى

ئالاقە بېتى كەسمە رەسىمى


يۇقارقى رەسىملەر پەقەت كۆرۈپ بېقىشىڭلار ئۈچۈنلا تەمىنلەندى. ئەمەلىيەتتىكى ھالىتىنى ئۆلچەم قىلىمىز. بۇ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىپ، شىركەت بېتى قۇرۇش خىيالى بار ئەزىزلەر موشۇ تېما ئاستىغا ئېنكاس قالدۇرسىمۇ، ياكى 496878328 ۋە 1044198916 كىيۇ -كىيۇلىرىنى قېتىپ، بىۋاستە سۆزلەشسىڭىزمۇ بولىدۇ.

جەمئىي 10 دانە ئۈنچە بار؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئەزىزلەرنىڭ: 7 دانە , باشقۇرغۇچىنىڭ:3 دانە

  1. تەۋپىق : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن01:18:05  -19قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    مانا مانا ماۋۇ ئۇسلۇپ كارخانچىلارغا ۋەھشى ئۇسلۇبكەن دەيمەن بولسا كۆرۈش ئورنى كۆرسۈتۈلسە كارخانچىلار كۆرۈپ سېتۋالسا مىنىڭچە :wink: :wink: :wink:


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن08:09:57  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      كۆرۈش ئادرىسى تەييار، پەقەت سىتىۋېلىش نىيىتى بارلارغا تەمىن ئىتىمىز :wink: .

  2. تەڭرى قامچىسى : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن08:33:06  -18قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ھاي تەشناجان ھەجەپ يوقاپ كەتتىڭلىيا، مەن ـامرىكىدا بىلوگىڭلىنى تەشۋىق قىلىپ بولالماي بەك ھىيىپ كەتتىم ـەينا.


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن16:03:17  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      بلوگىمغا نېمە چەتئەللىكلەر تولا كىرىۋالىدىكىن دېسەم، ئەسلى مۇنداقكەن دە… ئاغىنەمنىڭ تۆھپىسى مەڭگۈ خاتىرلىنىدۇ! :razz:

  3. kaliptax : 2013-يىل05-ئاي26-كۈن23:47:27  -17قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    بولىدىغان ئۇسلۇبكەن بولسا كۈرۈش ئادىرسىنى بىر قالدۇرسىڭىز قانداق ئالاھىدىلىك بار ھەممە تور كۆرگۈچتە نورمالمۇ كۈرۈپ ئاندىن سىز بىلەن ئالاقىلاشساق بولمىسا ئالاقىلىشپپ ئالمىساق سىز ……

  4. تورسودا : 2013-يىل06-ئاي02-كۈن20:20:25  -16قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ئۇسلۇب كۆركەم چىقىپتۇ

  5. ئالپبەگ : 2013-يىل06-ئاي18-كۈن12:13:34  -15قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    تەشناباي، مەن ئاۋۇ ب تۈر بويىچە ئويلىشىۋاتىمەن. مەسىلە شۇكى، بىر شېركەت بارتى، بەت سىستېمىسى ASP لىككەن. ئەگەردە بۇنى ۋوردپرەسكە يۆتكىسەك ساندان ۋە باشقا نەرسىلەرگە تەسىر كۆرسەتمەس؟ كوت-كوتلىرىغا خەت قالدۇرۇپ قويدۇم ئەمىسە.


    • ئاپتور
      تەشنايى : 2013-يىل06-ئاي18-كۈن12:57:08  1-رەت جاۋاب @جاۋاب

      بولىدۇ، تەپسىلاتىنى ئايرىمخانىدا دىيىشەيلى! :grin:

  6. سارايۋەن : 2013-يىل09-ئاي07-كۈن16:28:59  -14قەۋەت جاۋاب @جاۋاب

    ماۋۇ ئۇسلۇب بەك كۆركەم چىقىپتۇ تەشناجان قولوڭلارغا دەرت كەلمىسۇن

قەلىب ئۈنچېلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كېتىڭ...

باش سۈرىتىڭىز يوق؟